ئىسيان بىلەن كەلدىم، رەببىم!

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت داۋۇن سېندروملىق بىر قىزىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن ھاياتى ئۆزگەرگەن، ئىسيان بىلەن راببىنى تونۇغان بىر دادىنىڭ ھېكايىسى . بېشىمىزغا كەلگەن سىناقلاردىن چارچىغان ، قاقشىغان ۋاقىتلاردا بۇ ئۆرنەك ياخشى بىر دەۋا بولالايدۇ دەپ قارايمەن.

ئىسيان بىلەن كەلدىم، رەببىم! داۋامى...
مەرھەمەت قىلمىغانغا، مەرھەمەت قىلىنمايدۇ.

مەرھەمەت قىلمىغانغا، مەرھەمەت قىلىنمايدۇ.

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ئاخىرى يۇقىرىدا دېيىلگەن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، ھازىر يېنىمىزدىكى “قېرىنداشلىرىمىز” ئۈچۈن قانداق قىلىۋاتىمىز، ئۇلارغا ئۈستىدە تىلغا ئالغان مىسالدىكى قېرىنداشلاردەك چاكىنىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇق ياكى پېنسىيەگە چىققان مۇئەللىمدەك ئاۋايلاپ، ئاسراپ مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇق، دېگەن سوئاللارنى سوراپ باقساق، ئۈستىدىكى سوئالغا جاۋاب تاپقىلى بولىدىكەن دېگەن قاراشقا كەلدىم. چۈنكى يېنىدىكى ھازىر بولغان مىللىي، دىنىي، ئورتاق كەچمىشى بولغان قېرىندىشىغا مېھرىبانلىق قىلالمىغان، ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئاتا- ئانا، ئۇرۇق – توغقان، قېرىنداشلىرىغا مېھر – شەپقەت قىلالىشى ناتايىن دەپ بۇ خىياللىرىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

مەرھەمەت قىلمىغانغا، مەرھەمەت قىلىنمايدۇ. داۋامى...
"ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!"

“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!”

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت يېقىندا ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگەن ئىدۇق. دەسلەپكى ھەپتىسى ئانىسى يەسلىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ، يەسلىدە بىللە ئويناپ، قەدەممۇ – قەدەم بالىنى يالغۇز قېلىشقا كۆندۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئوغلۇمنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ مەن يەسلىگە ئېلىپ بارىدىغان بولدۇق. ئەسلىدە ئوغلۇم بىلەن مۇڭداشقاچ يەسلىگە پىيادە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا ماشىنا بىلەن ماڭدۇق. ماشىنىدا ئوغلۇم بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشتىم. لېكىن ئۇ سەل ئەندىشىلىك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ دېرىزىدىن سىرتقا قاراشلىرىدىن، ئېغىر ئولتۇرۇشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى كۆرگەندەك بولدۇم.

“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” داۋامى...