ئىدىقۇت يۇلتۇزى-پەرھات جىلان

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

1203-يىلدىكى چاڭئەنگە بولغان سەپەر بىلەن باشلانغان رومان باشتىن ئاخىر شۇنداق راۋان شەكلىدە بايان قىلىنغان ئىكەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ،مەدەنىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن ئىسىل بىر رومان دېيىشكە بولىدىكەن.

ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتى شۇنداق ياخشى نامايەن قىلىنىپتۇ.

روماننىڭ مەزمۇنىدىن سىرت ئەقلىمدە قالغان يەنە  بىر نوقتا تارىخىنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقى بولدى.

ئەينى زاماندا دۇنياغا ھاكىم بولغان چىڭگىزنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن سانىلىپ، يۈئەن سۇلالىسىدە مۇڭغۇللاردىن قالسىلا ئىككىنچى سىنىپتىكى مىللەت سالاھىيىتىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار، بۈگۈنكى كۈندە شۇ چاغلاردىكى خەنلەرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان بوپتىمىز.

ئەمما تارىخ تەكرارلىنىدۇ، بىر كۈنلەردە بىزمۇ يەنە شۇ شان- شۆھرىتىمىزنى قايتا قولغا ئالىمىز.

بۇ كىتاپنى تەھلىل قىلغان «بىر كىتاپ بىر ئالەم» پروگراممىسى بار ئىكەن. بۇ پروگراممىنىمۇ قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.

2 Comments on “ئىدىقۇت يۇلتۇزى-پەرھات جىلان”

  1. كىتاب تىلى چۈشىنىشلىك ۋە راۋان. ئوقۇغان كىشى ئاپتۇرنىڭ دېمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسىدىنى ياخشى چۈشىنەلەيدىكەن. ۋەقەلىك جەريانىمۇ تارىخقا ئۇيغۇن يېزىلىپتۇ . ئەمما ئۇيغۇر پادىشاھى ۋە قوشۇننىڭ جەڭگىۋار ئالدىن يۈرەرلىكىنى بەك ئاددىيلا يېزىپ قويغاندەك بىلىندى . ئەسلى بىرەر ئۇيغۇر قۇشۇنى باش بولۇپ قىلغان مۇھىم جەڭنى تەپسىلى قىلىپ يازغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئىسلاھتى ۋە يۇرۇشلىرىگە قۇشقان تۆھپىسى تېخىمۇ يارقىن چىقاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى چىڭگىزخان ۋە ئوغۇللىرىنىڭ شەھەرلەرنى قانداق ئالغانلىقى ۋە قانداق جەڭ قىلغانلىقى تەپسىلى ياخشى يېزىلغان، ئۇيغۇر قۇشۇننىڭ بولسا ئاز يىتەرلىك ئەمەستەك بىلىندى. بۇ ئەمدى شەخسىي قارشىم پەقەت.

    1. بەك ئەتراپلىق يېزىلغان باھا بوپتۇ. دېگىنىڭىزدەك ئەگەر ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقى، قۇماندانلارنىڭ دانالىقى كۆپرەك تەسۋىرلەنگەن بولسا تېخىمۇ يارقىن چىقىشى مۇمكىن. بۇ رومان بەلكى ۋاقىپلاندۇرۇش ۋە يۈزەكى مەلۇمات ئىگەللەش ئىھتىياجىنى قامدىسا كېرەك.

ئىنكاس يازىمەن