تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان

ئاپتور ھەققىدە:

دانيېل كانىمان (Daniel Kahneman)، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى يۇجىن ھىككىنس پىسخولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى، پرىنسېتوندىكى ۋۇدرو ۋىلسون ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى .كانىمان ئاموس تېۋىسكى بىلەن بىرلىكتە «قارار چىقىرىش» مەسىلىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن 2002 – يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  كانىمان داڭلىق پىسخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىش پىسخولوگىيىسى، ئەقىل – ئىدراك ۋە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى، خەۋپ – خەتەر ئۇقۇملىرىنى، بەخت بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن شەرھلەپ  بۇ نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

كانىماننىڭ « تەپەككۇر ، تېز ۋە ئاستا» ناملىق كىتابى «ۋاقىت گېزىتى » نىڭ 2011 – يىللىق 10 چوڭ ياخشى كىتابى بولۇپ باھالانغان. بۇ كىتاب بازارغا سېلىنغاندا ، ئۇدا 20 نەچچە ھەپتە «ئامازون» ، « ۋاقىت گېزىتى » نىڭ بازىرى ئىتتىك كىتاب تىزىملىكىدە ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىدە يەر ئالغان. «ئىقتىسادشۇناسلار» ، « ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى» ، «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» ، « ۋاقىت گېزىتى» ، «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ، «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ، « ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»  قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بۇ كىتابنى بەس – بەستە خەۋەر قىلغان .

كىتاب مەزمۇنى:

ئىنسانلار زادى قانچىلىك ئەقلىي تەپەككۇر قىلالايدۇ؟ – « تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش»

كانىمان بىزنى بىر قېتىملىق تەپەككۇرنىڭ سەپىرىگە يېتەكلەيدۇ. كىتابتا «تەجرىبىدىكى ئۆزلۈك» بىلەن «ئەستىكى ئۆزلۈك» نىڭ پەرقى، كىلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىق بىلەن ھەرىكەت ئىقتىسادشۇناسلىقى ( پىسخولوگىيەنىڭ ئۆرنەك قىلىشىدىن كەلگەن) نىڭ پەرقى، شۇنداقلا ئاپتونوم «تېز سېستىما» بىلەن ئەقلىي كۈچ سەرپ قىلىدىغان «ئاستا سېستىما» نىڭ پەرقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. كىتابتا يەنە قۇرۇق پاراڭ قىلىشنىڭ پايدىسى، قايسى مەزمۇنلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بارلىقى سۆزلەنگەن.

كۈندىلىك ھاياتتا ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشىمىز پىكىر يۈرگۈزۈش، ھۆكۈم قىلىش ۋە بىر قارارغا كېلىشتۇر. بىز نۇرغۇن ۋاقىتتا پىكرلىرىمىزنى  كونترول قىلالايمىز دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس، بىز دائىم غەيرىي- ئەقلىي قارار چىقىرىۋالىمىز.مەسىلەن، بىر يۈرۈشلۈك قاچا- قۇمۇشتا بەش تەخسە بار ۋە  ھەممىسى پۈتۈن دېسەك؛ يەنە بىر يۈرۈشتە ئالتە تەخسە بار، ئەمما بىرى پۇچۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئەقلىي تەپەككۇر قىلغاندا بۇ ئىككى يۈرۈش قاچا- قۇمۇشنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن كىشىلەر كېيىنكىسى ئۈچۈن ئالدىنقىسىدىن خېلىلا تۆۋەن باھانى قوبۇل قىلىشقا مايىل كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇزۇلغان تەخسە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.

1. تەپەككۇرنىڭ  تېز ۋە ئاستا بولۇشى دېگەن نېمە؟

تەپەككۇرنىڭ تېز ۋە ئاستا بولۇشى ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يۈرۈش مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. دانيېن كانىمان كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چوڭ مېڭىمىزنىڭ نوقۇل ھالدا بىر يۈرۈش بۇيرۇق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى، ئىككى يۈرۈش مەشغۇلات سىستېمىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ بۇ ئىككى يۈرۈش سىستېمىغا تېز سىستېما  ۋە ئاستا سىستېما دەپ نام بەرگەن .

دائىم قوللىنىلىدىغان ئىدراكسىز « تېز سىستېما» ھېسسىيات، ئەستە قالغانلار ۋە تەجرىبىگە تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ،  بىزنى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋالغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن «تېز سىستېما» ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ، ئۇ« كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقەت» دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ، «زىياندىن بىزار بولۇش» ۋە « بىر تەرەپلىمە ئۈمىدۋار بولۇش» قا ئوخشاش خاتا تۇيغۇلار بىزنى خاتا قارار چىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ . پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ.  ھەرىكەت قىلغاندا ھېچقانداق ئەقلىي كۈچ سەرپ قىلماي مېڭىنىڭ غەيرىي ئەقلىي قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پەقەت مۇرەككەپرەك مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن ئاستا سىستېمىدىن ياردەم سورايدۇ.

ئىدراكلىق « ئاستا سىستېما » دىققەتنى تارتىش ئارقىلىق مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ھەمدە قارار چىقىرىشنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇ بىر قەدەر ئاستا،  توغرۇلۇق نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى ھۇرۇن بولۇپ دائىم قىسقا يولدا مېڭىپ، «تېز سىستېما»  نىڭ نەتىجىسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىۋالىدۇ.تېز سىستېمىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاستا سىستېما خۇددى توك سەرپىياتى ئىنتايىن يۇقىرى موتورغا ئوخشايدۇ ۋە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى زور مىقداردا ئىگىلىۋالىدۇ.

كىتابخانلارغا «تېز سېستىما» ۋە «ئاستا سېستىما» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى باش پېرسوناژنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كانىمان نۇرغۇن كىلاسسىك، قىزىقارلىق تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بىزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئۆزىمىزنىڭ ھېسلىرىغا ئىشەنسەك بولىدىغانلىقىنى، قاچان ئىشەنسەك بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىزگە قانداق قىلىپ سودا سارايدا ، خىزمەت ئورنىدا ۋە شەخسىي تۇرمۇشتا تېخىمۇ ياخشى تاللاش ئېلىپ بارالايدىغانلىقىمىزنى ھەمدە قانداق قىلىپ ئوخشاش بولمىغان شارائىتلاردا خاتا تەپەككۇرلاردىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

2. چوڭ مېڭىنىڭ يۇقارىقى ھەرىكەت ئەندىزىسى قانداق نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئاساسلىقى مۇنداق تۆت خىل بولىدۇ: بىلىش بوشاڭلىقى ئېففېكتى، ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش ئېففېكتى، لەڭگەر ئېففېكتى ۋە رامكا ئېففېكتى.

2.1 بىلىش بوشاڭلىقى ئېففېكتى

ئەگەر بىر ئادەم ئاستا سىستېمىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز بولغان مۇھىتتا بولسا، ئاسانلا راھەتكە بېرىلىدۇ ۋە كۆز ئالدىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقىش ۋە ئىشەنچىسى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەلۇم ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقەگە يولۇققاندىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يەنە يۈز بەرسە، مېڭىمىز بۇرۇنقىدىن ئەركىن ھېس قىلىپ، ئىشلارنى كۆڭلىمىزگە ئالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

مىسال : ئاپتور يېقىن دوستى جوننى « سىرتقا چىقسىلا ئۇچرىتىدىغان ئادەم » دەپ قارايدۇ.

2.2 ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش ئېففېكتى

تېز سىستېما  قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئەمەس، قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا مەسىلىنى دەرھال  ئاستا سىستېمىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ. بەلكى باشقا بىر ئاددىي مەسىلىنى ئورنىغا دەسسىتىپ،  بۇ جاۋابنى بىۋاستە مۇرەككەپ مەسىلىنىڭ جاۋابى دەپ  ئوتتۇرغا قويىدۇ.

ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش تۇزىقى ئۆلۈك تەسىر ئېففېكتى بىلەن نۇر ھالقىسى ئېففېكتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. ئۆلۈك تەسىر ئېففېكتىقىسمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن گەۋدىگە ۋەكىللىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن چەكمە بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلغانغا ئوخشاش. نۇر ھالقىسى ئېففېكتى تام ئەكسىچە بولۇپ، مەلۇم بىر ئادەمگە بولغان تۇنجى تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، قارشى تەرەپنىڭ ھەممە ئىشتا ياخشى بولغان خۇلاسىنى چىقىرۋېلىشتۇر.

2.3 لەڭگەر ئېففېكتى (Anchoring)

بۇ بىز قارار چىقارغاندا، ئىلگىرىكى ئۇچۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.  نامەلۇم بىر شەيئىنىڭ ئالاھىدە قىممىتىنى باھالاشتىن بۇرۇن، كىشىلەر ھەمىشە بۇ مىقدارنى ئالدىن ئويلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن لەڭگەر ئېففېكتى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:  تۆۋەندىكى رەسىمدە مال ساتقۇچىلار لەڭگەر ئېففېكتىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان.

تەپەككۇر ، تېز ۋە ئاستا - دانيېل كانىمان

2.4 رامكا ئېففېكتى (Frame Effect)

كىشىلەر ھەمىشە مەسىلىلەرگە يەككە – يېگانە مۇئامىلە قىلىدۇ يەنى قارار چىقارغاندا كۆپ ھاللاردا جاۋاب بەرگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تاللاشلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. رامكا ئېففېكتى: ئوخشاش ئۇچۇرنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىشى ھەمىشە ئوخشىمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ھايات قېلىش نىسبىتى% 90.

ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى بىر ئايدا ئىچىدە ئۆلۈش نىسبىتى % 10.

ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئىككى جۈملىنى بىمارلارغا ئېيتقاندا، بىرىنچى جۈملىنىڭ بىمارلارنى تېخىمۇ بەكرەك خاتىرجەم قىلغانلىقى ئوتتۇرغا چىققان.

رامكا ئېفەكتى ئىچىدە بىر پىسخولوگىيە ھادىسىسى مەۋجۇت بولۇپ، « زىياندىن يىرگىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش مىقداردىكى پايدا ۋە زىيانغا يۈزلەنگەندە، زىياننىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ . شۇڭا رامكا ئېفەكتى ئىچىدىكى تەسۋىرلەش ئۇسۇلى زىيانغا مايىل سۆز ئادەمنى تېخىمۇ ئاسان بىزار قىلىدۇ.

3. باشقا ئېففېكتلەر
3.1 زىياندىن يىرگىنىش (Loss aversion)

يۈزدە-يۈز 900 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىشمۇ ياكى % 90 لىك ئېھتىماللىق بىلەن 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىشمۇ؟

يۈزدە-يۈز 900 ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىشمۇ ياكى % 90 ئېھتىماللىق بىلەن 1000 ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىشمۇ؟

تەجرىبە نەتىجىسىدە كىشىلەر بىر نەرسىگە ئېرىشىدىغان ئىشلار قارار چىقارغاندا، تەۋەككۇل قىلىشتىن زىيادە مۇقىملىقنى بەكرەك خالايدىكەن. بىر نەرسىلەرنى يۇقىتىپ قويىدىغان ئىشلاردا بولسا مۇقىملىقتىن زىيادە تەۋەككۇل قىلىشنى بەكرەك خالايدىكەن. بۇمۇ قىمارۋازلارنىڭ قاق- سەنەم بولۇپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئىكەن.

بۇ نەزەرىيەنى “The Rational Animal” ناملىك كىتابتا مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: قەدىمكى زاماندا تەبئىي شارائىتتا ھايات قېلىش بەك مۇھىم بولغان، بۇ خىل شارائىتتا ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىپ نەسلىنى داۋام قىلدۇرالىشى ئۈچۈن ئېرىشەلىگەن نەرسىلىرىدىن زىيادە، يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەردىن ئەنسىرىگەن. بالىلارنىڭ ھايات چوڭ بولىشى مىڭىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ چوڭقۇر ئەقلىيلىك دەپ ئاتالغان. بۇ خىل مىڭىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا سىڭىپ كەتكەن «ئەقلىيلىك» بىزنىڭ ھازىرقى زىياندىن يىرگىنىش پىسخىكىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. بۇ خۇددى قەدىمكى شارائىتتا يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش خائىشى كۈچلۈك بولۇپ، بىزنىڭمۇ نېمىشقا يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك نەرسىلەرگە مەيلىمىز بارلىقىنىڭ ئاساسى بولغىنىدەك ئىش.

3.2 چۆككەن تەننەرخى (Sunk costs)

بەلكىم ئۆيىڭىزدە نۇرغۇنلىغان تاشلىۋېتىشكە كۆزۈڭىز قىيمايدىغان، ئەمما ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغان ئۆي جابدۇقلىرى بولىشى مۇمكىن. ۋە ياكى يىللاردىن بېرى كەسپىڭىزدە نۇرغۇن قان- تەر سەرپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئىشنىڭ باشقا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسىڭىزمۇ، يەنىلا بۇرۇنقى كەسپىڭىزدە داۋام قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ سەۋەبى دەل چۆكۈش تەننەرخى خاھىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدىكەن. بىز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا «شۇنچىلىك قان- تەر سىڭدۈرۈپتىمەن، باشقىلار مەندەك بولالماي ئاۋارە»، « بىرە كۈنى لازىم بولۇپمۇ قالا بۇ نەرسىلەر» دېگەندەك باھانىلەر ئارقىلىق توغرا بولغان قارارنى چىقىرىشتا قىينىلىدىكەنمىز. لېكىن بۇ نەزەرىيىدىن پايدىلانغىلىمۇ بولىدىكەن. مەسىلەن قىممەت پۇللۇق چېنىقىش مەركىزىگە تىزىملىتىش ئارقىلىق، «پۇلۇم زايا بولۇپ كەتمىسۇن» دەپ بولسىمۇ چېنىقىشنى داۋام قىلىش دېگەندەك.

3.3 چوققا، ئۇچ قانۇنى (End Rule Peak)

ئادەمنىڭ بىر ئىشقا بەرگەن باھاسى، كۆپ ھاللاردا بۇ ئىشنىڭ چوققا قىممىتى ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىراتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ باھا كېيىنكى قەدەمدىكى قارارلارنى چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاپتور بۇ خىل ئەھۋالنى « چوققا- ئۇچ قانۇنى» دەپ ئاتىغان. چوققا، ئۇچ قانۇنى: ئومۇمىي بىر خاتىرە خارەكتېرلىك باھالاشنى ئەڭ ناچار مەزگىل ۋە ئاخىرقى پەيتتىكى ئاغرىق دەرىجىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق باھالىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

مىسال قىلساق، مەلۇم بىر ئاغرىقنىڭ (مەسىلەن چىش ئاغرىقى) ئىنساننىڭ خاتىرىسىدە قالىدىغان قىسمى ئۇ ئاغرىق جەريانىدىكى ئەڭ ئېغىر ئاغرىغان دەقىقىلەر بىلەن ئاغرىقنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى ئاغرىقنىڭ ئوتتۇرانچى قىممىتى بولىدىكەن. ئاغرىقنىڭ ئۇزۇن- قىسقا داۋام قىلىشى ئەقلىمىزدە قالغان ئاغرىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇھىم ئەمەس ئىكەن. مۇھىم بولغىنى چوققا نوقتىسى بىلەن ئۇچ نۇقتىسىنىڭ ئوتتۇرانچى قىممىتى ئىكەن.

ئەڭ ياخشىسى قۇربى يېتىدىغان دائىرىدە، ئەقلىي ھالدا ئۆزى ئۈچۈن چوققا قىممەت تەسىراتى يارىتىش كېرەك.

3.4 ئىستىقبال نەزەرىيىسى (Prospect Theory)

مەھرۇم بولۇشنىڭ كىشىگە بەرگەن تەسىرى ئېرىشكەندىن كۈچلۈك بولىدۇ.«- سېنىڭ ماڭا يول قويۇشۇڭ مېنىڭ تاپاۋىتىم، لېكىن ئۇلار سېنىڭ زىيىنىڭدۇر؛ زىياننىڭ ساڭا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازابى تاپاۋېتىمنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىدىن كۆپ بولىدۇ.» بۇ نەزەرىيەنى تۆۋەندىكى گرافىك تېخىمۇ كونكرېت ئىپادىلەپ بەرگەن.

تۇلۇقسىز ئوتتۇرا فىزىكىسىدا كائىناتتىكى ئىنىرگىيە مىقتارىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئىنىرگىيەدە يۇقىتىش بولاتتى. بۇ نەزەرىيەنى كۆرۈپ شۇنىڭغا ئوخشىتىپ قالدىم. بىرىدىن چىقىپ كەتكەن خوشاللىقنىڭ مىقتارى يەنە بىر تەرەپ قوبۇل قىلغان خوشاللىق مىقتارىدىن كۆپ بولىدىكەن، خۇددى يولدا كېتىپ بېرىپ بىر ئاز چۈشۈپ قالغاندەك. شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن قايغۇنىڭ تەسىرىنىڭ خوشاللىقنىڭ تەسىرىدىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقىمۇ مېنى ھەيران قالدۇردى. ئاددىي كاللام بىلەن «ئۇنىڭدىن كەلدۇق، ئۇنىڭغا قايتىمىز» دېگۈملا كەلدى. چۈنكى مەنچە بولسا بۇ خىل مۇكەممەل لايىھە پەقەتلا ئۇنىڭغا خاس ئىدى.

تەپەككۇر ، تېز ۋە ئاستا - دانيېل كانىمان

4. بۇ تۇزاقلاردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك ؟
4.1 ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇش

داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى چارلىز مانگېرنىڭ بىر كۆز قارىشى بار، بەختكە ئېرىشىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ پەقەت قانداق قىلىپ ئۆزىنى بەختسىزلىككە ئۇچرىتىشنى بىلىۋالسىلا ۋە شۇنىڭدىن ساقلانسىلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، باشقا پىكىرلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشنى بىلىۋېلىش لازىم.

4.2 مۈمكىنچىلىك تەپەككۇرىغا ئىگە بولۇش

ھۆكۈم قىلغاندا ئىشنىڭ ھەقىقىي يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى قارار چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىش ۋە ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىنى ئاساس قىلماسلىق كېرەك. ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشتە ئەڭ ياخشىسى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، ئاز ئۇچرايدىغان ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلمەسلىك. ئىككىنچى، ئوتتۇرىچە قىممەت رېگرېسسىيە ھادىسىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

4.3 «پىسخىكا پۇل قاپچۇقى» نى «ئىقتىسادىي پۇل قاپچۇقى» غا ئايلاندۇرۇش

قوشۇمچە ھېسسىيات ئارلاشقان ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشنى سان- سېفىرغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقارساق ئوبيېكتىپلىققا قايتالايمىز.

4.4 ئىككى ئۆزلۈككە دېققەت قىلىش

ئەستىكى ئۆزلۈك تېخىمۇ كۆپ سۇبيېكتىپ تۈس ئېلىپ، بىر ۋەقەنىڭ تىپىك قىسمىنى چوڭايتىدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالى بورمىلايدۇ. ئەستىكى ئۆزلۈك بىلەن زىت بولغىنى تەجرىبىدىكى ئۆزلۈك، تەجرىبىدىكى ئۆزلۈك بىزنىڭ ھەر ۋاقىت ھېس قىلغانلىرىمىزنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ، لېكىن بۇ تۇيغۇلارنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەسكە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ھەمىشە ئەستىكى ئۆزلۈككە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىپ، ئەستىكى ئۆزلۈك نۇقتىسىدىن تەپەككۇر قىلىدۇ .

بىز بەزى ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندا، تەجرىبە ئۆزلۈكىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلاردىكى گۈزەللىكلەرنى ئەسلەپ، ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىپ، ھەم كەيپىياتىمىزنى تەڭشىيەلەيمىز ھەم كېيىنكى تاللاشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تەپەككۇر شارائىتى يارىتىپ بېرەلەيمىز.

بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن باسما نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. كىتاب ئىچىدىكى مىساللارنى، تەجرىبىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلىساق بەلكىم تېخىمۇ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردىمى بولىشى مۇمكىن. ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزىبىر ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش- ھەرىكەتلەردە بولىدىغانلىقىمىزنى كىتابتىكى نەزەرىيىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئىكەن. (مەسىلەن، كرونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئىش- ھەرىكەتلىرى دېگەندەك). بۇ كىتاب توغرىسىدا توردا نۇرغۇنلىغان سىنلىق دەرسىلەر، لېكسىيىلەر، كىتاب ئوقۇش خاتىرىلىرى، ئاۋازلىق ئەسىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن. قىزىققۇچىلار ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. قىسقىسى، بۇ كىتابنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىنكاس يازىمەن