ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

ئەسكەرتىش: تۈركچىدە ئۆي- مۈلۈك ۋاستىچىلىك مۇلازىمەتچىسى ئەملاكچى (Emlakçı) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يازمىدا ئىخچام قىلىپ بىدىك دەپ ئىشلەتتىم.

ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا مۇمكىن بولسا تۇنۇش بىلىشلەردىن ئىجارىگە ئالغان ياخشى. لېكىن ھەممە قېرىنداشلارنىڭ بۇنداق پۇرسىتى بولمىغاچقا بىدىكلەر ئارقىلىق ئۆي ئىجارە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يازمىدا قىسقىچە قىلىپ ئىجارە ئۆي ئېلىشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە بىدىكلەرنىڭ كلاسسىك يالغانلىرى يېزىلدى.

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئىجارە ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى ئەھۋالىغا دېققەت قىلىش لازىم. بىنانىڭ ئەڭ ئۈست قاتتىكى ئۆيلەر ئۈچۈن قىشتا سوغوق،يازدا ئىسىسق بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۆينىڭ ئىچىدە بۇزۇلغان، ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغان جايلىرى بولسا ئۆيگە كۆچۈشتىن بۇرۇن ئۆي ئىگىسىگە قىلدۇرۇۋېلىش ياكى ئۆزى قىلدۇرغاندا ئۆي ئىجارىسىدىن ھېسابلاشنى شەرت قىلىۋېلىش لازىم.

يىللىق ئۆسۈش مىقدارىنى مۇمكىن قەدەر بېكىتۋېلىش لازىم. بولمىسا بىر يىلدىن كېيىن ئۆستۈرۈش مىقتارى خۇسۇسىدا ئىختىلاپ چىقىدۇ.

ئۆي ئىجارىسىنىڭ قاچان بېرىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتۋېلىش لازىم. ھەر ئاينىڭ مەلۇم بىر ئارىلىقىنى بەلگىلىك شۇ ئارىلىقتا تۆلەشتە بىرلىككە كەلسە بولىدۇ.

بىدىكلەرنىڭ يالغانلىرى

“بۇزۇلغان يەرلەرنى ئۆي ئىگىسى بىلەن دېيىشىپ قىلىۋالىمىز.” ئادەتتە ئىجارىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيدە بۇزۇلغان يەرلەر بولسا بىدىك مۇشۇنداق دەپ خېرىدارنى گوللاپ قويىدۇ. ئىجارە توختامى ئىمزالىنىپ، پۇلى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن يولدا كۆرسىمۇ سالام قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئۆي ئىگىسى ئوڭشاپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن كۆچۈشنى شەرت قويۇۋېلىش لازىم.

“ھەممە ھۇجرا كۈن كۆرۈدۇ.” نۇرغۇن بىدىكلەر ھۇجرىنىڭ كۈن كۆرۈشى بىلەن ھۇجرىغا كۈندۈزى يورۇق چۈشىشىنى بىر دەپ قارىسا كېرەك. نۇرغۇن ھۇجرىلارغا كۈن بويى ئاپتاپ چۈشمەيدۇ، لېكىن بىدىكلەرگە نىسبەتەن بۇ ئۆيلەر يەنىلا كۈن كۆرىدىغان ئۆيلەپ ھېسابىدا سېتىلىۋېرىدۇ. شۇڭا ئۆينى كۆرگەندە كۈننىڭ چىقىش، پېتىش يۆلىنىشلىرىگە قاراپ ھۇجرىلارنىڭ كۈن كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا قارار قىلىش لازىم.

“مېتروبۇس، مېترو. سودا- سارىيى، مەكتەپكە بەش مىنۇتلۇق يول.” بىدىكلەرماشىنا بىلەن خېرىدارلارنى ئايلاندۇرىدىغان بولغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئىشقىلىپ يولنى شۇنداق قىسقا دەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا پىيادە ماڭىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىدىكنىڭ بەش مىنۇت دېگەن يول يېرىم سائەتلىك يول بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.

” سىزدىن بۇرۇن كەلگەن خېرىدار ئۆينى بەك ياقتۇرغان ئىدى، ئەمما قارار قىلىپ بولالمىدى. كەچكىچە قارار قىلىمەن دەپ كەتكەن. مەن شەخسەن ياقتۇرمىدىم ئۇنى. لېكىن سىزنى ئوخشىمايدىكەنسىز. سىزنى بەك ياقتۇردۇم، بۇ ئۆينى سىزگە بەرگۈم بار. سىزگە ئۇنىڭغا دېگەن باھادىنمۇ ئەرزانغا بېرىمەن.” بۇ يالغانلارغا ئىشەنگەنلەر ھەرگىز ئۆزى يالغۇز بىدىككە بېرىپ سالماسلىقى كېرەك.

“بىر ئاز مەينەت بولۇپ قالغان يېرى بار، ئاندا- مۇندا تازىلاپ قويساڭ بولىدۇ.” بۇ پۈتۈن تاملارنى قايتا بويىمىسىڭىز ئولتۇرغۇسىز ھالدا ئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتى.

“ئوقۇغۇچىلارغا بەك ماس كېلىدۇ.” بەربات ، ھەممە نەرسىسى بۇزۇق ئۆي ئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتى.

“سىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ۋاللاھ، بىللاھ، ساپ تۈركلەر ئەسلى سىلەر شۇ.” مەنچە بۇ خۇشامەتكە ئىشىنىدىغان قېرىنداشلار يوق دېيەرلىك دەپ ئويلايمەن.

تاكتىكا

ئەگەر بىر ئۆي ئىجارە ئېلىشقا يارىغان ئەمما بۇ ئۆي بىدىككە ھاۋالە قىلىنغان بولسا، بىر نەچچە كۈن ئۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى ئالغاندىن كېيىن بىۋاستە ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقە قىلغىلىمۇ بولىدۇ. بىدىككە بېرىلىدىغان پۇلدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ، خېلى كۆپ مىقداردا تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.