كىچىك شاھزادە- ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت

ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان “كىچىك شاھزادە” يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان، ئويغا سالىدىغان “كىچىك”

كىتاب بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە ياۋرو قوللىنىشتىن بۇرۇن 50 ڧىرانكنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەردىكى “كىچىك

شاھزادىنىڭ” رەسىمى قويۇلغان ئىكەن.

ئۇچقۇچى ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي تەرىپىدىن 1943-يىلى يېزىلغان رومان ئامېرىكىدا بىر مېھمانخانىدا پۈتتۈرۈلگەن. كىتابتىكى رەسىملەر يازغۇچىغا ئائىت بولۇپكىتابنىڭ ئەسلى ئورىگىنالى 1000 بەت ئەتراپىدىكى رومان شەكلىدە يېزىلغان. ئەمما روماننىڭ قىسقارتىلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى قىسقا ھالىتىگە كەلگەن.

ھېكايە سەھرايى كەبىر چۆلىگە ئايرۇپىلان بىلەن چۈشۈپ كەتكەن بىر ئۇچقۇچىنىڭ كىچىك شاھزادە بىلەن ئۇچراشقان ۋەقەلىكىنى بايان قىلىغان.

سۆيگۈ، ئاشىق، ئىنسانلارنىڭ ئەقىلسىزلىقى، مۇھىم دەپ قارىغان نەرسىلىرى، ئۇنۇتقان نەرسىلىرى ۋە پۈتۈن بۇ نۇقتىلارنىڭ بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى سۆزلىنىدۇ.

كىچىك شاھزادىنىڭ باشقا پىلانېتىلاردا ئۇچراتقان ئىنسانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسولى، قىلغان قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ نىمىلەرنى ئەتىۋارلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

پىلمۇ قالپاقمۇ؟ قوزىچاق گۈلنى يەۋەتتىمۇ؟ بۇلار كىتابتىكى ھەممە ئوقۇرمەنگە قالدۇرۇلغان سوئاللار بولۇپ ھەر ئوقۇرمەن ئۈچۈن توغرا جاۋابى پەرقلىق بولغان سوئاللار ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتور كىتابنى يېزىپ ئالتە يىلدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم (1944-يىلى) ئايرۇپىلان بىلەن ئاقدېڭىزنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە بۇ قېتىم قايتىپ كېلەلمەيدۇ. 1998-يىلىغا كەلگەندە بىر بېلىقچى ئۇنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى تېپىۋالىدۇ.  2004-يىلى ئايرۇپىلان قالدۇقلىرى تېپىلغان رايۇندا دېڭىز ئاستى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاپتور ھەيدىگەن Lockheed p-38 lightning ئايروپىلاننىڭ قالغان پارچىلىرى تېپىلىدۇ. ئەمما ئايروپىلاننىڭ نىمە سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى نامەلۇم قېلىپ تاكى ئۆلۈمىدىن 65 يىل كېيىن گېرمانىيە ئۇچقۇچىسى Hors Rippert ئاپتور ھەيدىگەن ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇچىلىك ئاپتورنىڭ ئۈلىمى سىرلىق تۈستە قالىدۇ.

كىتابتىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلاردىن بىرسى كىچىك شاھزادە كەلگەن B612 نۇمۇرلۇق پىلانىتنىڭ تۈرك ئاسترونومى تەرىپىدىن بايقىلىشى ئىدى. كىتابتا ئەينى ۋاقىتتا بېشىغا سەللە بىلەن مۇسۇلمانلارغا خاس كېيىم كىيگەن تۈرك ئاستورنومىنىڭ كىيگەن كىيىمى سەۋەپلىك ھېچ ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقى، كىيىن ياۋرۇپالىقلاردەك كىيىپ ئوخشاش نەرسىنى سۆزلىگەندە ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەسلى بۇ يەردە ياۋروپانىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك سۆلەتۋاز ئىكەنلىكىنى تەنقىت قىلىنىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرك دىكتاتورى دەپ مۇستاپا كامالنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.  شۇ سەۋەپلىك تۈركچىگە تەرجىمە قىلغاندا دىكتاتور كەلىمىسىنى داھى/رەھبەر سۆزىگە ئالماشتۇرغان ئىكەن.

ئوقۇمىغان بولسىڭىز بىر ئوقۇپ بېقىڭ، ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ. چوقۇم يېڭى تۇيغۇلارنى ھېس قىلالايسىز.

كىتاب ئىسمى: كىچىك شاھزاد (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان.)

ئەسلى ئىسمى:The Little Prince

ئاپتورى:ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي (Antoine de Saint-Exupéry)

بەت سانى: 154

تۈرى: بالىلار كىتابى، رومان

 

كىملەر بۇ قىسمىغا دېققەت قىلىدۇ بىلمىدىم، لېكىن بۇ يەرگە ئۆزۈم تەييارلاۋاتقان تۇلۇق نوسخىسىنى ئۇتتۇرلۇق چىقىرىپ قويۇشنى ئويلاشتىم. 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى

بىرىنچى

ئالتە ياش ۋاقتىمدا كۆرگەن بىر كىتاب ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئىپتىدائىي ئورمان تەسۋىرلەنگەن بۇ كىتابنىڭ ئىسمى “ئورمان ھېكايىلىرى ” بولۇپ، گۆدەكلىكىمدە مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى كىتابتىكى بىر رەسىم ئىدى. رەسىمدە بىر بوغما يىلاننىڭ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، زور بىر مەخلۇقنى يۇتۇۋاتقانلىقى سىزىلغان ئىدى. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ بۇ رەسىمنىڭ ئەسلىدىكىسى بويىچە سىزىپ قويغىنىم. كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ بوغما يىلان ئولجىنى چاينىمايلا يۇتىۋېتىدۇ. ئاندىن تاكى قورسىقىدىكى ئولجا پۈتۈنلەي ھەزىم بولۇپ بولغىچە، يېرىدە مىدىرلىماي جىممىدە ياتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئورمان ھەققىدە نۇرغۇنلىغان گۈزەل خىياللارنى سۈرگەن. ھەتتا رەڭلىك قەلەملەر بىلەن خىياللىرىمنى قەغەزگە سىزىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. بۇ رەسىمىمگە مەن تۇنجى ئەسىرىم دەپ ئات قويدۇم. تۆۋەندىكىسى دەل
شۇ ئەسىرىم بولۇپ، ئۇنى چوڭلارغا كۆرسەتسەم قورقۇپ، چىقىراپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.

بىراق ئۇلار، بۆكنىڭ قورققۇدەك نېمىسى بار، دېيىشتى. مېنىڭ سىزغىنىم بۆك ئەمەس، بەلكى يوغان بىر پىلنى يۇتۇۋالغان غايەت زور بوغما يىلان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئىككىنچى پارچە ئەسىرىمنى، يەنى بوغما يىلاننىڭ قورسىقىدىكى پىلنى سىزىپ چىقتىم. بۇ رەسىم مۇنداق.


بىراق چوڭلار ماڭا، بوغما يىلاننىڭ قورسىقىدىكى پىلنى كۆرسىتىپ ياكى كۆرسەتمەي سىزىش بىلەن ئاۋارە بولغىچە، زېھنىڭنى جۇغراپىيە، تارىخ، ھېساب، گىرامماتىكا دېگەندەكلەرگە قاراتقىن دەپ نەسىھەت قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ ئالتە ياش ۋاقتىمدىلا رەسسام بولۇش گۈزەل غايەمدىن ۋاز كەچتىم. تۇنجى ۋە ئىككىنچى ئەسىرىمنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقماسلىقى چوڭلارغا بولغان ئىشەنچىمنى يۇقاتتى. ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلاردىن ھەممىلا نەرسىنى چۈشەندۈرۈشۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى نېمىدېگەن زېرىكىشلىك ئىش ھە!

شۇڭلاشقا ئامالسىز باشقا بىر كەسىپ تاللىدىم. كېيىنچە ئايروپىلان ھەيدەشنى ئۆگەندىم ھەم دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە دېگۈدەك بېرىپ باقتىم. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زۆرۈر جۇغراپىيە بىلىملىرىنىمۇ ئىگەللىۋالدىم. ناۋادا كېچىدە ئايروپىلان ھەيدەۋېتىپ يولدىن ئېزىپ قالغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگو بىلەن ئارىزونانىڭ چېگراسىنى پەرق ئېتەلەيمەن.

ھەي… ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان ئەستايىدىل، ئېغىر- بېسىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ھەم ئۇلار بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشىدىم. ئۇلارنى كۆپ كۆزەتكەن بولساممۇ ئۇلارغا بولغان قارىشىم ئالتە ياش مەزگىلىمدىكى بويىچە قېلىۋەردى.

ئۆزۈمگە ئەقىل- ھوشى جايىدە دەپ قارىغان بىرەر چوڭ كىشى ئۇچراتسام، ھە، ئىزچىل يېنىمدا ساقلاپ كېلىۋاتقان تۇنجى ئەسىرىمنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولاتتىم. لېكىن ھەممىسى ئوخشاش جاۋاب بەردى:

ـــ بۇ بىر بۆگقۇ.

شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، بۇنداق كىشىلەر بىلەن قارت، گالىستۇك ، گولفتوپ ۋە ئۇلار قىزىقىدىغان سىياسىي پائالىيەتلەر ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان بولدۇم. ئۇلارمۇ مېنى ناھايىتى پاراڭچى، يېقىشلىق بالىكەن دەپ خوش بولۇپ كېتىدىغان بولۇشتى.

 

 

ئىككىنچى

مېنى چۈشىنىدىغان بىرەر كىشى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن تۇرمۇشتا بەكلا يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم. بۇ ھال تاكى ئالتە يىل ئاۋالغىچە داۋاملاشتى.  ئۇ چاغدا سەھرايى – كەبىر قۇملۇقىدىن ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئايروپىلانىمنىڭ موتورىدىن كاشىلا چىققان ئىدى. ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا رېمونتچىلىقنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمگە قالدى. ئېلىۋالغان سۇيۇم ئاران يەتتە كۈن ئىچىشىمگىلا يېتەتتى. شۇڭا ھايات- ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلدىم.

تۇنجى ئاخشىمى ئىنس – جىنسى يوق قاراڭغۇلۇقتا تۈنەۋېتىپ ئۆزۈمنى چەكسىز دېڭىزدا پېشكەلچىلىككە ئۇچراپ يالغان قالغانلاردىنمۇ ئۆتە تەنھا سەزدىم. سەھەردە يالغۇزلۇق راسا جېنىمغا پېتىپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز غەلىتە، ئىنچىكە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ- ھەس قالدىم. بۇ ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى.

ـــ سىز ماڭا قوزا سىزىپ بېرەلەمسىز؟

ـــ نېمە؟

ـــ قوزا سىزىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

كېيىن قولۇمدىن كېلىشىچە ئوخشىتىپ سىزغان رەسىم

 

چاقماق چېقىلغاندەك ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتىم ۋە كۆزۈمنى ئۇۋۇلاپ قارىدىم. كىچىككىنە بىر ئوغۇل بالا ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئېسىمدە قالغىنى بويىچە ئۇنىڭغا رەسىم سىزىپ بەرگەنمۇ بولدۇم. بىراق سىزغىنىمنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە يارىشى تەستى. بۇنىڭغا چوڭلارنىڭ ئالتە ياش ۋاقتىمدىلا رەسسام بولۇش غايەمنىڭ كۆپۈككە ئايلاندۇرغانلىقى، بوغما يىلاننىڭ تۇلۇق كۆرۈنۈشى ۋە كەسمە كۆرۈنۈشىدىن باشقا ھېچ نېمە سىزىپ باقمىغانلىقىم سەۋەبچى بولغانتى. ئىنس – جىن يوق سىرلىق چۆلدە مۇنۇ سىرلىق بالىنى ئۇچراتقىنىمدىن قالتىس ھەيران بولدۇم. تۇرقىدىن ھېچ بىر ئېچىرقاش، ھارغىنلىق كۆرۈنمەيتتى. قۇملۇقتا ئېزىپ قېلىپ قورقۇپ كەتكەن بالىلارغىمۇ ھېچ ئوخشىمايتتى. ئاخىرى ئېسىمنى تېپىپ ئۇنىڭدىن سورۇدىم :

ـــ سەن، سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرۈيسەن؟

ئۇ ماڭا ئەستايىدىل تىكىلگىنىچە بايىقى سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى.

ـــ ماڭا قوزا سىزىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. كۆزۈم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئاجايىپ ئىشنىڭ تەھلىكىسىدە ئىختىيارسىزلا قەلەم ئېلىپ ئۇ بالىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بويسۇندۇم. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇ ئىش تولىمۇ بىمەنە تۇيۇلىدۇ . ھاياتىم قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان چۆلدە مۇنداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ نېمىمۇ قىلار ئىدىم؟ رەسىم سىزىيالمايدىغانلىقىم تۇيۇقسىزلا ئېسىمگە كەلدى دە، ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭغا جۇغراپىيە، تارىخى، ھېساب دېگەنلەردىن باشقىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

ـــ ھېچقىسى يوق، ماڭا بىر قوزا سىزىپ بەرسىڭىزلا بولدى.

ئۆمۈرۈمدە سىزغان باردى- يوق ئىككى پارچە رەسىمىمدىن بىرسىنى، يەنە چوڭلار بۆك دەپ ئاتىۋېلىشقان بوغما يىلاننىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.

ـــ ياق! ياق! مەن بوغما يىلانغا ئۆچ. ئۇ بەك خەتەرلىك. قورسىقىدا تېخى بىر پىلمۇ بار ئىكەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئۇ يەنە ئۆيىنىڭ بەك كىچىك ئىكەنلىكىنى، بىرلا قوزىسى بولسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قوزا سىزىپ بەردىم. ئۇ سىنچىلاپ قاراپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

ـــ بۇ بەكلا ئۆلەرمەن قوزىكەن. باشقىسىنى سىزىپ بېرىڭ!


يەنە بىرنى سىزىپ بەردىم.

ـــ ھىي،ھىي، ھىي… ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭچۇ؟! بۇ قوزىنىڭ مۈڭگۈزى بار ئىكەن. ئەركەك قوزا، ـــ دېدى ئۇ ئۇماققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۈچىنچى قېتىم سىزغىنىممۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى.

 

ـــ ھىىىم… بۇ قوزا بەكلا قېرىكەن. ماڭا ناھايىتى ئۇزاق ياشايدىغان قوزا كېرەك، ـــ دېدى ئۇ يەنە قۇسۇر تېپىپ.

ئايروپىلانىمنى رېمونت قىلمىسام بولمايتتى، شۇڭا قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا تۆۋەندىكى يەشىكنى سىزىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم.


ـــ ساڭا لازىملىق قوزا مۇشۇنىڭ ئىچىدە.

قىزىق يېزى قۇسۇر تېپىشقا ئامراق بۇ كىچىك باھالىغۇچى بىردىنلا خوش بولۇپ كەتتى.

ـــ توغرا! توغرا! ماڭا لازىمى دەل مۇشۇندىقى. ھېي،ھېي، ھېي، سىزچىچۇ؟ بۇ قوزا چۆپنى كۆپ يېمەيدىغاندۇ ھە؟ مېنىڭ تۇرىدىغان يېرىم بەك كىچىك.

ـــ كۆپ يېمەيدۇ. ساڭا سىزىپ بەرگىنىم كىچىك قوزىچاق.

ئۇ رەسىمگە يەنە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.

ـــ ياق… بەكمۇ كىچىك ئەمەستەك قىلىدۇ. ۋوي … ئۇ ئۇخلاپ قاپتۇ ئەمەسمۇ.

مەن كىچىك شاھزادە بىلەن مانا مۇشۇنداق تونۇشۇپ قالغان.

ئىنكاس يازىمەن