ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

ھەر قېتىم “كىتاب يۇرتى” تورىدىن كىتاب سېتىۋالغىنىمدا ساباھىدىن ئەلىنىڭ كىتابلىرى ئەڭ كۆپ سېتىۋېلىنغانلار ئارىسىدا كۆرۈنەتتى. لېكىن ئۆزگىچىلىكى بولمىغان مۇقاۋىسى دىققىتىمنى تارتالمىغانمۇ ۋە ياكى “Kürk Mantolu Madonna” دېگەندەك ئاممىباب بولمىغان كىتاب ئىسمى بولغاچقىمۇ ھېچ سېتىۋېلىش ئىستىكى بولمىغان ئىدى. بۇ قېتىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر ئوقۇپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم.

1. ساباھىدىن ئەلىنىڭ ھاياتى

ساباھىدىن ئەلى 1907-يىلى تۈركىيەنىڭ قىرىققەلئە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلدىن 1936-يىلغىچە ئىستانبۇل، بالىكېسىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك كوچا چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا كىتاب ئوقۇپ چوڭ بولغان. “ساباھ يۇلتۇزى” دېگەن لەقەمنى بۇ سەۋەبدىن ئالغان. ئوقۇش يىللىرىدا ئەدەبىياتقا بولغان چوڭقۇر قىزىقىشىنى نامايەن بولۇپ، 1930-يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق، يازغۇچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۆلەت ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچراپ شوپۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. “ئاتاتۈرككە ھاقارەت قىلىش” باھانىسى بىلەن قولغا ئېلنغان. 1948-يىلى تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىۋاتقان چاغدا، چېگرىدا مەلۇم قاچقۇن تەرىپىدىن ناھەق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن .

ئۇنىڭ «تاغلار ۋە شامال» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «تۈگمەن»، «يېڭى دۇنيا»، «ئەينەكلىك داچا» قاتارلىق ھېكايە پوۋېستلار توپلىمى، «ئىچىمىزدىكى شەيتان»، «يېتىم يۈسۈپ» قاتارلىق رومانلىرى ۋە بىر قىسىم پۇبلىستىك ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

2. «جۇۋىلىق خانىم»

ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خاھىشىغا بېقىپ ياشاپ كەلگەن رائىڧ ئەپەندى ھاياتىدا ھېچ بىر نەرسىدىن مەمنۇن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئىنسانغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتى.ياش ۋاقلىرىدا، رائىڧ ئەپەندى دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە گېرمانىيىگە بارىدۇ ھەم ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ. رائىڧ ئەپەندى گېرمانىيىدىكى بىر سەنئەت كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە رەسىمگە ھەيران قالىدۇ. رەسىمنى خىيالىدا تەسەۋۋۇر قىلغان مەريەم ئانىغا ئوخشىتىدۇ. رائىڧ ئەپەندى ھەيرانۇ- ھەس قالغان بۇ رەسىمدىكى ئايال مارىئا پۇدە بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. ئۇزۇن ھېكايىدىن كېيىن ئىككىسى بىللە بولىدۇ.

كېيىن تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەر بىلەن رائىڧ ئەپەندى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. قايتىپ كېلىپ سۆيگىنىدىن ھېچ خەۋەر ئالالمايدۇ. يىللار بويىچە خەۋەر ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن سۆيگىنى مارىئا پۇدەگە، ئاندىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارغا قىيدايدۇ. كېيىن مەلۇم بىر يەردە يەنە تاساددىبىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان قىزىنى ئۇچرىتىدۇ ۋە يىللاردىن بېرى دۇنياغا ناھەق خاپا بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ھېكايىنى قىممەتدىشى بىلەن ئورتاقلىشىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ساباھىدىن ئەلىنىڭ مەن ئۇقۇغان ئۈچ روماننىڭ ئىچىدە ئەڭ ياققىنى «جۇۋىلىق خانىم» ئىدى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەقەلىكى بەكلا جەلىپ قىلغان بولدى. شۇڭا بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان «يېتىم يۈسۈپ» رومانىنى ئوقۇدۇم. ئوقۇپ بولۇپ ئىشلەنگەن كىنوسىنىمۇ كۆرۈۋەتكەن بولدۇم. ساباھىدىن ئەلىنىڭ تەسىرىدىن بىر قانچە كۈن قۇتۇلالمىغان بولدۇم.

“جۇۋىلىق خانىم” نامىدا ئۇيغۇرچىغا يىللار بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىپ بوپتىكەن. لېكىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىسىنى تاپالمىدىم. خەۋىرىنى بىلىدىغانلار بولسا ئىنكاسقا يېزىپ قويساڭلا بوپتىكەن. رەھمەت.

3. «يېتىم يۈسۈپ»

ئەسلى نامى: «قۇيۇجاقلىق يۈسۈپ» ساباھىدىن ئەلىنىڭ رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان داڭلىق رومانى. ئۇ بۇ رومانىدا ئۆزى بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئەدرەمىت دېگەن جاينىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ 1903-يىلدىن 1915-يىلغىچە بولغان ئەھۋالنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ زەئىپ تەرەپلىرىنى پاش قىلىپ ،چىرىك تۈزۈمىنى رەھىمسىز قامچىلىغان.

بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىستانبۇلدىكى كىتابخانىلاردا بار.

4. «ئىچىمىزدىكى شەيتان»

“خالاپ خالىمىغانلىقىمنى تۈزۈك بىلمەيدىغان، ئەمما نەتىجىسى ماڭا پايدىسىز بولسا خالىمىغانلىقىمنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالىدىغان ۋە بۇ خىل سۆز- ھەرىكەتلىرىمنىڭ دائىملىق بىر جاۋابكارىنى تاپقان ئىدىم. بۇنىڭغا ئىچىمدىكى شەيتان ئىسمىنى بەردىم. مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىشتىن قورققان پۈتۈن ئىشلىرىمنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپ قويۇش ۋە ئۆزۈمنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈشۈم كېرەك تۇرسا ئادالەتسىزلىككە، تاسادىپىيلىققا ئۇچرىغاندەك نەپسىمنى شەپقەت ۋە قوغدىلىشقا لايىق كۆرىمەن.  ھالبۇكى نەدە بۇنداق شەيتان بار؟ بۇ بىزنىڭ غوغورىمىزنىڭ، ئەخمەقلىقىمىزنىڭ ئۇيدۇرۇپ چىقارغان نەرسىسىدۇر خالاس.”

 

روماندا ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ شەخسلەرگە بولغان بېسىمىنى ۋە ئاجىز كىشىلەرنىڭ بۇرۇختۇم بولۇش ئەھۋالى بايان قىلغان.  زىيالىلار نامى ئاستىدا ياشايدىغانلارنىڭ قاراڭغۇلۇقى، ئىنساننىڭ ئىچىدىكى شەيتانغا بىر نەزەر سېلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان.

 

ئوقۇپ بولۇپ مەلۇم مەزگىلىدىن كېيىن يېزىلغان بولغاچقا ئاددىي ھەم قىسقا بولدى. تۈرك ئەدەبىياتىغا قىزىققۇچىلارنىڭ چوقۇم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

Sabah Yıldızı: Sabahattin Ali…

ئىنكاس يازىمەن