كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

  كارل ۋىتېر كىم؟

    كارل ۋىتېر، تۇلۇق ئىسمى Johann Heinrich Friedrich Karl Witte بولۇپ، 1800- يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيىنىڭ داڭلىق قانۇنشۇناسى. كارل 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ھەم بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. تا ھازىرغىچە «يېشى ئەڭ كىچىك دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى« دۇنيا جىنىس رېكورتىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. كارل توققۇز ياشتا گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە گرېتسىيە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولغان. كارلنىڭ دادىسى- چوڭ كارل (بىر خرىستىيان پوپ)  كىچىك كارلنىڭ 14 ياشقىچە بولغان تەربىيىسى ھەققىدە بۇ كىتابنى يازغان. ئەسلىي كىتاب 1000 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مائارىپ نەزەرىيىلىرى ئىگىلىگەن ۋە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئانچە زۆرۈر بولمىغان جايلارنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان ئىكەن.

  كارل ۋىتېرنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرى

   ئەينى ۋاقىتتا چوڭ كارل ۋىتېر تۇغما تالانتتىن تۇغۇلغاندىن كېيىكى تەربىيەنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىگىرى سۈرگەن. لېكىن ئەتراپىدىكى كىشىلەر بۇ قاراشنى قوبۇل قىلمىغاچقا، ئاپتور مۇنداق دەيدۇ:

    «دېگەنلىرىمنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلىغىنىم ياخشى، پەرۋەردىگار ماڭا بىرەر پەرزەنت ئاتا قىلار، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك ئۇ گالۋاڭ بولمىسىلا، مەن ئۇنى چوقۇم ئادەتتىن تاشقىرى ئادەم قىلىپ چىقىمەن. بۇ مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئىرادەم« دېدىم. جەمئىيەت ئەزالىرى بەس-بەس بىلەن: « بولىدۇ، بىز كۆرۈپ باقايلى« دېيىشتى.[1]

    ئەسكەرتىش: ئاپتور بۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقىت كىچىك كارلنىڭ تۇغۇلمىغان ۋاقتى ئىكەن.

    ئاپتورنىڭ ئايالى ھامىلە ۋاقتىدا ئۆيىدە مۈشۈك باققان ئىكەن. ئاپتورنىڭ دېيىشىچە مۈشۈك ھامىلىگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغان بىر خىل مىكروب\ باكتېرىيە تېشىپ يۈرىدىكەن.كىچىك كارل يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى نورمالسىزلىقلار شۇ مۈشۈك سەۋەبلىك بولسا كېرەك دەپ قارايدىكەن. بۇ توغرىسىدا ئاپتور مۇنداق دەيدۇ:

    ھامىلە ۋاقتىدا مۈشۈك باققان ئىدۇق. كارلنىڭ بىنورماللىقى شۇنىڭدىن چىققان كېسەللىكبولىشى مۇمكىن.[2] ئوغلۇمنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، مەن قاتتىق ئازابلانغان ھەم تەشۋىشلەنگەن بولساممۇ، لېكىن ئۆز تەشەببۇسىمدىن ۋاز كەچمىدىم.[3]تەلىم- تەربىيەنىڭ غايىسى دەل بالىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى 100% جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.[4]

  كارل ۋىتېر قوللانغان بەزى ئۇسۇللار

  •          شارنى شوينا بىلەن بوۋاقنىڭ قولىغا باغلاپ قويۇش. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ نېمىلىكىنى بوۋاققا ھېس قىلدۇرۇش.
  •          قۇم قەغەز ئارقىلىق قوپال، سىلىق دېگەندەك سۈپەتلەرنى ئۆگىتىش.
  •          تاماقتىن كېيىن سەيلىگە چىقىش. يولدا نېمىنى كۆرسەم شۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىش.
  •          دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن: دۇكاننىڭ كۆزنەكلىرىدە نېمىلەرنىڭ تىزىلغانلىقىنى سوراش.
  •          ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىنى بالىغا قايتا بايان قىلدۇرۇش.
  •          ئوغلى بىلەن قىلىشقان گەپلىرىنىڭ مەزمۇنىنى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقىش.
  •          بالىنى ھېكايىنىڭ داۋامىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشقا ئۈندەش.
  •     مىڭ بىر كېچە تاكتىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ھېكايىنىڭ ئەڭ قىزىق يېرىدە توختاپ، بالىنىڭ ساۋادى چىقسا ئۆزى ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بالىنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاش.
  •          بالىنىڭ ھەر قانداق سوئالىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش.
  •         بالىنى تەنقىدلىگەندە چوقۇم چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
  •         ھېكايىلەرنى رول ئويناپ چۈشەندۈرۈش.
  •         ماختاشنى بالىنىڭ ھېسسىياتىغا ئەمەس بەلكى ھەرىكىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىش.
  •         «پائالىيەت خاتىرىسى« تۇتۇپ بالىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى يېزىپ مېڭىش.
  •        «ئەخلاق پەزىلەت جەدۋېلى« تۈزۈپ بالىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن يېتىلىشىنى تەقىب قىلىش.

  كىتابتىن ئارىيە

   ئوغلۇمنى تەربىيىلەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىم __ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەت كۆزنىكىنى ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارنى سەزگۈلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدىغان، ئىجتىمائىي زىددىيەت ھەم نۇقسانلارنى بايقىيالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز ئىنسانلارنىڭ غايىسى ھەرگىزمۇ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ قىپيالىڭاچلىقىمىزنى بىلمەي، جەننەتتە خۇشال-خۇرام ياشاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا، مەن ئوغلۇمنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قارىغۇلارچە ئۈمىدۋارلاردىنبولۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتىم.

   ئوغلۇمغا چەت ئەل تىلىنى قانداق ئۆگەتتىم

   ئوغلۇمغا تىل ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش تەربىيىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۇنىڭغا بىرەر مۇھىم چەت ئەل تىلىدىن بالدۇرراق ئاساس سېلىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى، كۆپ خىل تىل ئۆگىتىش __ بالىنىڭ سۆز مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا پايدىلىق ئىدى. ئاۋۋال ئاسانلىرىنى، ئاندىن تەسلىرىنى ئۆگىتىش پرىنسىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغلۇمغا ئانا تىلنىڭ ئوقۇلۇشىنى پىششىق ئىگىلىتىش ئاساسىدا، شۇ تىلغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىش قارارىغا كەلدىم. ئوغلۇم نېمىس تىلىدا ئەركىن ئوقۇيالايدىغان بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا دەرھال فرانسۇز تىلىنى ئۆگىتىشكە باشلىدىم. ئۇ چاغدا ئوغلۇم ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئىدى. مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىلغاچقا، بىر يىل ۋاقىت ئىچىدىلا، ئوغلۇم فرانسۇز تىل-يېزىقىدىكى تۈرلۈك كىتابلارنى ئەركىن ئوقۇيالايدىغان بولدى، ئۇنىڭ بۇنداق تېز ئۆگىنىشى ئالدى بىلەن يەنىلا نېمىس تىلى بىلىمىنىڭ ئىنتايىن مول بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.

   كارل فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئىتاليان تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، ئالتە ئاي ئىچىدىلا ئۇ تىلنى ئۆگىنىپ بولدى. بۇ چاغدا، مەن ئۇنىڭغا ئەمدى لاتىن تىلى ئۆگەتسەم بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. مەكتەپلەردە ئادەتتە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە، ئالدى بىلەن لاتىن تىلىدىن باشلاپ ئۆگىنىش زۆرۈر، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق مېنىڭچە، ئۆگىنىشتە مۇنداق زىيادە مەجبۇرلىماي، نېمىس تىلىغا ئەڭ يېقىن بولغان فرانسۇز تىلىدىن باشلاپ ئۆگىنىش ئەڭ مۇۋاپىق. شۇڭا، مەن ئاۋۋال ئاسانلىرىنى، ئاندىن تەسلىرىنى ئۆگىنىش تەرتىپى بويىچە بولۇش ئۇسۇلىنى قوللاندىم.

   لاتىن تىلى ئۆگىنىش ئون نەچچە ياشلىق بالىغا نىسبەتەن تولىمۇ تەس بولۇپ، باش ئاغرىتقۇدەك ئىش. شۇڭا، مەن مۇۋاپىق تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ تىلنى ئۆگىتىشكە باشلىدىم. ئوغلۇمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، لاتىن تىلى ئۆگىتىشتىن ئىلگىرى، مەن ئاۋۋال ۋېككېرنىڭ «ئېلچىس» ناملىق داستانىنىڭ ۋەقەلىكى، مۇھىم ئىدىيىۋى مەزمۇنى ھەم گۈزەل تىل ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى ئوغلۇمغا سۆزلەپ بەردىم. مەن يەنە: «ئەگەر كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئەھلى بولاي دېسەڭ، لاتىن تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشىڭ كېرەك» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنىڭ قىزىقىشى قوزغالدى.

   ئوغلۇم يەتتە ياشلارغا كىرگەندە، مەن ئۇنى ھەمىشە لېيىپزىگ مۇزىكا كېچىلىكىگە ئېلىپ باراتتىم. بىر قېتىم ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا، ئوغلۇم تىياتىرنىڭ ناخشا تېكىستى يېزىلغان كىتابچىنى كۆرۈپ، ماڭا: «دادا، بۇ فرانسۇزچىمۇ، ئىتالىيانچىمۇ ئەمەس، لاتىن تىلى ئىكەن» دېدى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ: «شۇنداق، ئەمدى ئۇنىڭ مەنىسى نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىپ باق» دەپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇردۇم. ئوغلۇم فرانسۇز تىلى ھەم ئىتاليان تىلىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسىنى بىلىۋالدى. ئۇ، خوشال بولغان ھالدا: «دادا، لاتىن تىلى بۇنداق ئاسان بولىدىغان بولسا، مەن بالدۇرراق ئۆگەنگەن بولاتتىم» دېگەن ئىدى. مۇشۇ چاغدىلا، مەن شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلىپتۇ دەپ ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا لاتىن تىلى ئۆگىتىشنى باشلىدىم. توققۇز ئاي ئىچىدىلا لاتىن تىلىنى ئۆگىنىۋالدى.

   ئۇنىڭدىن كېيىن، كارل ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشتى. ئىنگلىز تىلىنى ئۈچ ئايدا، گرېك تىلى ئۆگىنىشى بىر قەدەر قىزىقارلىق بولۇپ، پۈتكۈل ئۆگىنىش جەريانى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇش بولدى. ئۇ، گرىك تىلى ئۆگىنىشنى دائىم ئۇچرايدىغان تاق سۆزلەرنى يادلاشتىن باشلىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا گرېكچە تاق سۆزلەرنىڭ نېمىسچە تەرجىمىسى يېزىلغان كارتا ئىشلەپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ، دەسلەپ مۇشۇ كارتىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان تاق سۆزلەرنى ئۆگەندى، بىر قىسىم تاق سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەرجىمە قىلىپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ، دەسلەپ «ئىزوپ مەسەللىرى» نى ئوقۇدى، ئارقىدىنلا سېنوفېننىڭ «ھەربىي يۈرۈش خاتىرىسى»نى ئوقۇدى. باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندىكىگە ئوخشاشلا مەن ئوغلۇمغا گرامماتىكىنى سىستېمىلىق ئۆگەتمىدىم، پەقەت زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىلا ئۆگىتىپ تۇردۇم.

   مەن ئىشلەۋاتقاندا، ئوغلۇمنى ئۆز شىرەسىدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلدۇراتتىم، ئەينى چاغدا گېرمانىيىدەپەقەت گىرىكچە-لاتىنچە لۇغەت بار، نېمىسچە-لاتىنچە لۇغەت يوق ئىدى، ئوغلۇم گرېك تىلى ئۆگەنگەندە، ھەربىر تاق سۆزنى مەندىن سوراشقا مەجبۇر بولاتتى. گەرچە خىزمىتىم ئالدىراش بولسىمۇ، ئوغلۇمنىڭ سوئالىغائاچچىقلانماي، بىر تەرەپتىن ئىشىمنى قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ ئۆگىتىپ قوياتتىم. كارل مۇشۇنداق ئۆگىنىش ئارقىلىق ھېرىدودنىڭ مەشھۇر تارىخىي ئەسىرىنى، سېنوفېننىڭ «جەۋھەر»، «سوقرات خاتىرىلىرى»نى، ئوۋچىنىس ۋە لىلچيۇس تۈزگەن «پەيلاسوپلار قىسسىسى» ھەم روسئاننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە، پلاتوننىڭ «دىئالوگ»نى ئوقۇپ چىقتى. ئەمما ئۇ، ماڭا «دىئالوگ»نىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

   مۇشۇ تىللارنى ئۆگىنىپ بولغىنىدا، كارل ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھومىر، پروتاك، ۋېككېر، سېتسىرۇ، ئوشا، فېنلون، فىلورىئان، فېستالوز، شىللېر قاتارلىق يۇنان، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە گرېتسىيە، رىم قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالايدىغان بولغان ئىدى.

   ئادەتتىكى كىشىلەر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتىن قورقىدۇ، ئالتە خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئۆمۈر زېھنىنى سەرپ قىلغاندا تاماملىغىلى بولىدىغان ئىش. كارل شۇنچىۋالا كىچىك تۇرۇپ، ئاشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنداقتا، بۇنىڭ قانداق سىرى بار؟ بۇنىڭ ھېچقانداق سىرى يوق. تۆۋەندە، مەن ئوغلۇمغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش داۋامىدا ھېس قىلغان بەزى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ چىقتىم.

   تەسىرات

    خارۋارد تالانتلىقلىرى ئارىسىدىكى يېشى كىچىك، ئەمما سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان دوكتولارنىڭ دەل مۇشۇ كىتابتىكى مېتود بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلارغا  مەزكۇر كىتاب ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن.

    مەندە ئۇيغۇر-ئىسلام پەلسەپە ئەيلىكىنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتمىگەن ئىجتىمائىي بىلىملەرگە قارىتا يەكلەش خاھىشى ئېغىر بولغاچقا بۇ تۈردىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى بەك خالاپ كەتمەيتتىم. مەيلى مونتەسوررىي مائارىپى بولسۇن، مەيلى كارل ۋىتېرنىڭ تەربىيىلەش مېتودى بولسۇن، بالىنىڭ تەبىئىيىتى ۋە دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنىڭ ئىككىلىك مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن نۇرغۇن جاۋابسىز قالغان سوئاللار بار ئىدى. بىزگە مەنسۇپ بولمىغان پەلسەپە ئاستىدا ئوتتۇرغا چىققان مېتودىنى قوبۇل قىلىپ بالا تەربىيىلىگەندە بەلكىم پەرزەنتلىرىمىزنى دۇنيادا پۇت دەسسەت تۇرالايدىغان، مۇھىتقا ماسلاشقان نەسىل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىشى مۇمكىن،  ئەمما بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار بولغان نۇرغۇن خىسلەتلەرنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى قورقۇنۇچلۇق ھەقىقەت.

   بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، كىتابتىكى ئاساسىي مەسىلە كارل ۋىتېرنىڭ «تەلىم- تەربىيەنىڭ مەقسىتى بالىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى 100% جارى قىلدۇرۇش« دېگەن پەلسەپىسىگە مەركەزلەشكەن. مەن بۇ خىل قاراشقا ئىجابىي قاراپ كەتمەيمەن. مەنچە تالانتنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشتىنمۇ زىيادە، ئىككى دۇنيانىڭ بىرلىشىشى، «رۇمىچە« ياشاش پەلسەپىسى ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسىگە تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىدۇ.

   بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىتابتىكى ئۆزۈمگە پايدىلىق ئىكەن دەپ قارىغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى يۇقىرىدا نەقىل قىلىپ ئۆتتۈم. بۇ كىتاب ئوقۇپ بېقىشقا، ئۆز شارائىتىغا ماس كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ سىناپ بېقىشقا ماس كېلىدىكەن. بۇ خىلدىكى تېمىلارغا قىزىققۇچىلار بولسا پىكىرلىشىشنى خالايمەن.

   «كارل ۋىتېرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» مەزكۇر كىتابقا ئالاقىدار يەنە بىر كىتاب ھېسابلىنىدۇ. «كارل ۋىتېرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق كىتابتا ئالدى بىلەن چوڭ كارل ۋىتىرنىڭ ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلەشتىكى ئۇسۇللىرى ۋە جەريانلىرى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە يېزىلغان . ئارقىدىن كىچىك كارل ۋىتېرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلەشتىكى ئۇسۇلى ۋە ئىدىيىسىگە قارىتا ، شۇنداقلا مائارىپ تۈزۈلمىسى تەلىم تەربىيىنىڭ مەقسىتى ، ئاخىرقى نىشانى، تەلىم تەربىيە ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قارىتا يېڭىچە، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق كۆز قاراشلىرى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان . بۇ ئارقىلىق كارل ۋىتېرچە تەربىيلەش ئۇسۇلى ۋە تەلىم تەربىيە ئىدىيىسى مۇكەممەل بىر پۈتۈنلۈككە ئايلانغان. بۇ كىتابنىمۇ ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن.

 

كىتابنىڭ سۈزۈك ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.

كىتاب ئۇچۇرى

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

ئابدۇرېھىم دۆلەت تەرجىمىسى

2002- يىلى بىرىنچى نەشرى

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى

438 بەت

كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى

The Education Of Karl Witte: Or The Training Of The Child )1914(

[1]  9- بەت

[2] 19- بەت

[3] 40- بەت

[4] 42- بەت.

3 Comments on “كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر”

  1. شۇنداق ياخشى بىر كىتاب ئىكەنتۇق، ئەمما ۋەتەندە ئەمدى بۇنداق كىتبلارنى تېپىپ ئۇقۇش مۇمكىن بولماسمىكىن دەيمەن،ھەي…

Comments are closed.