ئارمۇتلۇ «ئىخلاس» ساياھەت رايونى ھەققىدە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

يالوۋا ئارمۇتلۇ «ئىخلاس» ساياھەت رايونى[1]

تۈركىيەگە يەرلىشىپ قالغاندىن بېرى بىرەر قېتىممۇ بالا-چاقىنى ئېلىپ ساياھەت قىلىپ باقماپتىمەن. دەسلەپتە ئوقۇش دەپ باھانە تاپقان بولسام، كېيىن خىزمەت ئالدىراش، ئۇنىڭدىن كېيىن بالا تېخى كىچىك، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ كىچىكى تېخى كىچىك دەپ مۇشۇ ۋاقىت بوپتۇ. ئالدىنقى ھەپتە «كاللام قېيىپ قالغان» پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ راتسىئونال شەكىلدە ئوقۇش، خىزمەت ئىشلىرىنى ئويلانماستىن بېلەتنى ئېلىپ يازلىق ساياھەتكە چىقتۇق.

بارغان يېرىڭلار قانداقراقكەن؟ قانچىلىك چىقىم بولدى؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلسا بولغىدەك؟ دېگەندەك سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش ئۇنچىلىك تەس ئىش بولمىسا كېرەك. ئىشقىلىپ خېلى ۋاقىتتىن بېرى بۇنداق تەۋسىيە خارەكتېرىدىكى ئىشلارنى باشقىلاردىن سورىماس بولۇپ، ئۆزۈم بېشىمدىن كەچۈرگەننى يېزىپ قويىدىغان بولدۇم. بۇ يازمىنىمۇ ئۆزۈم قىلغان تۆت كۈنلۈك ساياھەتنى تېما قىلىپ تەييارلىدىم. شۇ يەرگە ساياھەتكە بېرىشنى ئويلاۋاتقان، بېرىش- بارماسلىق توغرىسىدا ئىككىلىنىۋاتقانلار بولسا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئارمۇتلۇ “ئىخلاس” ساياھەت رايونى قەيەردە؟

ئارمۇتلۇ يالوۋا ئۆلكىسىنىڭ مارامارا دېڭىزىغا يېقىن بىر ناھىيىسى. «ئىخلاس» دېگەن ساياھەت رايونىنىڭ ئىسمى. بۇ ئىسىملار توردىن ئۇچۇر ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. ئۇ رايۇندا نۇرغۇن باشقا مېھمانخانىلارمۇ بار. «ئىخلاس» سەل داڭلىقراقى ھەمدە پاراخوتتىن چۈشسىلا ئىشىك ئالدىغا چۈشىدىغان كۆلەملىك ساياھەت رايونى. تۆۋەندىكى رەسىم ساياھەت رايونى دېڭىز قىرغىقىدا تارتىلغان.

قانچە پۇلكەتتى؟

ئىككى كىچىك بالا بىلەن تۆت كىشىلىك ئائىلە ئۈچۈن تۆت كېچىلىك ياتاق  1220لىرا، يول 230 لىرا، تاماق 500 لىرا، ئويۇن 200 لىرا، باشقا چىقىملار 150 لىرا. توپلام 2300 لىرا.

ياتاق

بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا 55 كۋادرات مېتىرلىق كىچىكرەك ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق. ئىجارە ئۆيدە ئاشخانا، مۇنچا (تەڭنە، نورمال مۇنچا ۋە ھاجەتخانىسى بار)، ياتاق ئۆي بار. چوڭراق ئۆي بولسا باھاسىمۇ مۇناسىپ ھالدا قىممەترەك بولىدۇ. قۇربان ھېيت، روزا ھېيت دېگەندەك بايراملارغا توغرا كەلسە بوش ئۆي تېپىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. شۇڭا پىلاننى بالدۇر قىلىپ، ئۆينى بالدۇر زاكاز قىلىپ قويغان ياخشى.

ئۆيلەر سائەت 15:00 تە ئېچىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا ئەتتىگەندە بېرىۋېلىپ چامدانلارنى سۆرەپ ئويناشنى جاپا كۆرىدىغانلار ۋاقىتقا قاراپ بارغىنى ئەۋزەل. بولمىسا سىرتتا قالىدىغان ئىش.

ئۆيلەر ئەڭ كەچ 12:00 دە قايتۇرۇلىدۇ. قايتۇرغان ۋاقىتتا ئۆيدە چوقۇم بىرى بولىشى، ئۆينى تاپشۇرغانلىق تالونىغا ئىمزا قويىشى كېرەك. «مەن كۈتۈۋېلىش زالىغا بېرىپ بەرگەن زاكالەت پۇلىنى[2]ئېلىۋېلاي، خىزمەتچى خادىم ئۆزى بېرىپ ئۆينى تەكشۈرۈلىۋالسۇن!» دېگەندەك خىياللارنى قىلمىغان ياخشى. ئۆيگە قايتىشقا، خىزمەتچى خادىم بىلەن بىللە ئۆي ئەشيالىرىنىڭ تۇلۇق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

كىرىش ئىشلىرىنى قىلغاندا زاكالەت پۇلى تەلەپ قىلىدۇ. مەندىن 50 لىرا تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۆينى قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش زالىغا[3]بېرىپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرغاندا زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

ئۆي ئالغاندا 1- بلوكلار بالىلار ئوينايدىغان AQUA PARKقا ئەڭ يېقىن. ئەگەر بالىلار ئۈچۈن بارماقچى، ئىسسىقتا مېڭىش، ھەقسىز ئاپتوبۇس ساقلاش ئېغىر كېلىدىغانلار بولسا 1-2-3- بىلوكلاردىن ئۆي ئېلىش ئىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم بىز ئولتۇرغان ئۆينىڭ پەنجىرىسىدىن تارتىلغان.

ئارشاڭ

ئۆينىڭ ئىچىدىكى جۈمەكتىن ئارشاڭ سۈيى ئاقىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا تەڭنىگە تولدۇرۇپ ئارشاڭغا چۈشسە بولىدۇ. سۇ ئۈزۈش كۆلىدىمۇ ئارشاڭ قىسمى بار بولۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى داۋالاش، ئۇۋلاش مۇلازىمەتلىرى بار ئىكەن. ئائىلە بويىچە ئارشاڭغا چۈشۈشنى، سۇ ئۈزۈشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس ئائىلە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى (سائەتلىك 75 لىرا) بار ئىكەن.

تاماق

ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ پۇلىدا ناشتا ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولىدۇ. شۇڭا ناشتىدىن غەم قىلىشنىڭ ئورنى ئورنى يوق. كەچلىك تاماق، ئەگەر لازىم بولسا چۈشلۈك تاماقنى يە ئۆزى تەييار قىلىشقا يە ئاشخانىدا يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بالىلار تېخى كىچىك بولغاچ تاماقنى پۈتۈنلەي ئاشخانىدا يېدۇق. نورمال باھادىن 4/5 لىرا ئەتراپىدا قىممەت بولىدىكەن. شۇڭا ئىككى كىشىلىك تاماق 60\70 لىرا ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئەگەر بالىلارنىڭ سانى كۆپ بولسا ئاشخانىدا يېيىش ئېغىر كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ئۆيدىن گۆشنى ئېلىۋېلىپ ياكى بولمىسا بىر نەچچە ئائىلە قويدىن بىرنى سويدۇرۇپ ئېلىۋالسا، قالغان كۆكتات نەرسىلەرنى شۇ يەردىكى تاللا بازىرىدىن سېتىۋېلىپ قىلسا بولىدۇ. كۆكتاتلار نورمال باھادىن 2/1 لىرا ئەتراپىدا قىممەتكەن. ئۆينىڭ ئىچىدە قازان، قاچا-قۇمۇش نەرسىلەر ئاساسەن بولىدىكەن.

بىر قىسىم بىزنىڭ كۈلتۈرىمىزدە كۆپ قوللىنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆيدىن ئېلىۋېلىش كېرەك. مەسىلەن: ئاچچىقسۇ

يول

«ئىخلاس» ساياھەت رايونىغا بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇل يېڭىكاپىدىن  IDOدېڭىز ئاپتوبۇسلىرى (پاراخوت)ئارقىلىق ئاسانلا بارغىلى بولىدۇ. 70 مىنۇتتا ساياھەت رايونىنىڭ ئىشىك ئالدىغىلا ئاپىرىپ قويىدۇ. دېڭىز ئاپتوبۇسى بېلىتىنى بالدۇر ئېلىپ قويغان ياخشى، بولمىسا مۇۋاپىق ۋاقىتتىكى بېلەتلەر سېتىلىپ كەتكەن بولىدۇ. بېلەتنى بالدۇر ئېلىپ قويغاندا ئېتىبار بېلەتلەرنىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مەن يېنىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى كىشىلىك بېلەتنى 70 لىرا ئەتراپىدا ئالدىم.

تۆۋەندىكى رەسىم دېڭىز ئاپتوبۇسىنىڭ ساياھەتكە ماڭغاندىكى ھالىتى. بوش ئورۇن يوق دېگىدەك ئادەم كۆپ ئىدى.

ئىمكانى بولغانلارغا ماشىنىلىق بارسا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. پۈتۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا سېلىپ، تاماقنى ئۆزى قىلىپ يېسە تاماقتىن بەك قىينىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى تۆت كۈن تۈرك تائاملىرىنى يەپ ئۇيغۇر تائاملىرى كۆزۈمگە تۆت بولۇپ كۆرۈنۈپ كەتتى.

دېڭىز ئاپتوبۇسىغا بەك بالدۇر بېرىشنىڭ ئورنى يوق. 15:30 نىڭ پاراخوتى بولسا 15:15 تە ئىشىكنى ئاچىدىكەن. سەپەر سائەتلىرىگە قاراپ پاراخوتتىكى ئادەم سانى ئوخشىمايدىكەن. ھەممە ئادەمگە قولايلىق بولغان ۋاقىتلارنىڭ بېلىتىنى ئالغاندا پاراخوتتا لىق ئادەم بولىشىغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىۋېلىش كېرەك. ماڭا ئوخشاش ئادەم كۆپ قاتناش ۋاستىسى خوشاقمايدىغانلار ئۈچۈن ئەتتىگەن ياكى كەچنىڭ پاراخوتىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئويۇن

سۇ ئۈزۈپ ئوينايدىغان  يەرلەردىن AQUA PARK, SU DUNYASI, AÇIK HAVUZقاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەڭ كۆپ كىرىدىغىنى AQUA PARK.

بۇنىڭدىن سىرت، نورمالدا پىشىندىن باشلاپ نۇرغۇن كىشى دېڭىز ساھىلىغا چۈشۈپ سۇ ئۈزۈدىكەن. دېڭىز ساھىلىدا ئەر- ئايال سۇ ئۈزۈش يېرى ئايرىم ئەمەس ،ھەممىسىنى ئارلاش. نۇرغۇنلىرى تەسەتتۈرلۈك سۇ ئۈزۈش كېيمى بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇچۇقلىرىمۇ يوق ئەمەس. ناماھرەملەر بولمىغان بولسا ياخشى بولاتتى دەيدىغان قېرىنداشلار ئۈستىدە تىلغا ئېلىنغان كۆللەرگە بارسا بولىدۇ. ئەر- ئاياللار سۇغا چۆمۈلۈش يېرى ئايرىم بولۇپ، ئوخشاش دېڭىز سۈيى قاچىلانغان ھەم داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

بالىلارغا كەچلىك باغچا ئېچىلدىكەن. ئىچىدە گو كارت، يەن باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت سوقما توپ، پۇتبول ئوينايدىغان يەرلەرمۇ تەييار ئىكەن. بالىلار ئوينايمەنلا دېسە ئوينايدىغان ئويۇنى چىقىدىغان باغچا دېسە ئارتۇق كەتمىگۈدەك.

 

قىسقىسى، بۇ شەكىلدە ئائىلە بويىچە بىر نەچچە كۈن ساياھەت قىلىپ، كاللىنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

 

[1]Tatil Köyü نى ساياھەت رايونى دەپ ئىشلەتتىم

[2]Depozit

[3]Resepsiyon

ئىنكاس يازىمەن