قۇملۇقنىڭ چۈشى-خالىدە ئىسرائىل

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

“ئالتۇن كەش” نى ئوقۇغاندىن كىيىن خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇشنى “قۇملۇقنىڭ چۈشى” ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن باشلىدىم. كىتابتا ھاراقكەشلەر، ئائىلە زوراۋانلىقلىرى، خەلىقنىڭ مەنپەئەتكە بولغان چوقۇنۇشى، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆپلۈكى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان كەمسىتىشلەر، زىيالىيلارنىڭ بۇلارغا بولغان سۈكۈتلىرى، «ئەڭ ئالى يوليورۇق« دەپ باشلىنىدىغان قىپقىزىل مەكتۇبلار قاتتىق قامچىلانغان ئىكەن.

شۇ ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنىڭ ئاشۇ دەۋىرنى قانچىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى كىتاب ئەسلى مەزمۇنىدىن زىيادە دىققىتىمنى تارتقان، ئويغا سالغان نوقتا بولدى. بەلكىم يازغۇچىمۇ شۇنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا كىتابنى مەلۇم نىسبەتتە خەلقىمىزنىڭ شۇ دەۋىردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يېزىلغان ھېكايىلەر توپلىمى دەپ قارىساق بولىدىكەن.

ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن تاپالايسىز.

قۇملۇقنىڭ چۈشى

via Instagram

ئىنكاس يازىمەن