elbilhesen.com
قۇملۇقنىڭ چۈشى-خالىدە ئىسرائىل - ئەلبىل بلوگى
يېرى كەلگەندە ئەخلاقسىزلىق ۋەقەلىكلىرى بوپتۇ. بىر تەرەپتىن ھارەقكەشلەر، ئائىلە زوراۋانلىقلىرى، خەلىقنىڭ مەنپەئەتكە بولغان چوقۇنۇسى، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆپلىكى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان كەمسىتىشلەر، زىيالىلارنىڭ بۇلارغا بولغان سۈكۈتلىرى، ئەڭ ئالى يوليورۇق دەپ باشلايدىغان قېپقىزىل مەكتۇپلار قاتتىق قامچىلانغان دىسەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن شۇ ئىجتىمائى ئەھۋاللارنىڭ شۇ دەۋىرنى قانچىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى، شۇ دەۋىردىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى كىتاپ مەزمونىدىن زىيادە دىققىتىمنى تاتقان، ئويغا سالغان نوقتا بولدى. مەلۇم نىسبەتتە خەلقىمىزنىڭ شۇ دەۋىردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يېزىلغان ھىكايىلەر توپلىمى ئىكەن.