تۈركىيەدە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئېلىش ھەققىدە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

تەييارلىغۇچى: ئادىل يۈكسەل (يۈزبېتىدىن ئاپتور روخسىتى بىلەن ئېلىندى)

كەمىنە بېشىمدىم ئۆتكۈزگەنلىكىم ئاساسىدا تۈركىيەدىكى شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئېلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىلمىگەننى بىلىۋېلىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

1. تۈركىيەدە ئەڭ بېشىدا ئالالايدىغان ئەڭ يۇقىرى تۈردىكى شوپۇرلۇق كېنىشكىسى (B) بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تۆت چاقىلىق ماشىنىنىڭ ھەممىنى ھەيدىيەلەيسىز. بۇ كىنىشكىنى 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان تۈركلەر ۋە تۈركىيەدە ئولتۇرۇش رۇخسىتى بولغان (ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت چىقمىغان قەغىزى بولسىمۇ) چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئالالايدۇ.

2.ئاۋال بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملىتىسىز. تىزىملىتىش ھەققى (B) كېنىشكىنىڭ نۇرمالدا 1600 لىرا بولۇپ، ياخشىراق دېيىشسىڭىز بەزى كۇرۇسلاردا (ئىستانبۇل سېرتىدا يېرىمىغا قەدەر)خېلى ئوبدان چۈشۈرۈپ بېرىدۇ(ھىرا تەربىيەلەش مەكتىپى مەنچە ياخشى تاللىشىڭىز. چۈنكى تۈركچە ھەم ئۇيغۇرچە تەييارلىق قىلغۇزىدىكەن، باھاسى قىممەت ئەمەسكەن ھەم ئىمتىھان ھەققىمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكەن). تېزىملىتىش ئۈچۈن كېتەرلىك ماتىرياللار: دېپلوم ياكى ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى، مەخسۇس چۈشكەن تۆت پارچە رەسىم، گۇناھسىزلىق ئىسپاتى، ساغلاملىق مەركىزى ياكى دۇختۇرخانىدىن ئالىدىغان قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى.

3.ئوقۇش ۋە ئىمتىھان. تۈركىيەدە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئۈچۈن ئىككى قېتىملىق ئىمتىھان بولۇپ، بىرى نەزەرىيە يەنە بىرى ئەمەلىيەت. نەزەرىيە ئىمتىھانىنى تۈركچە بىلسىڭىزلا كۇرۇستا ھەپتە ئوقۇسىڭىز تەس ئەمەس(ئوقۇشقا ۋاقتىڭىز يەتمىسە يۇتۇبىدىن بۇرۇنقى ئىمتىھان سۇئاللىرىنى كۆرۈپ ياكى ehliyet دېگەندەك ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ ئىككى كۈن ئۈگەنسىڭىزلا ئۆتۈپ كېتىسىز) ئەمەلىيەت ئىمتىھانىنى ماشىنا ھەيدەشنى ياخشى بىلسىڭىز ۋە ئىمتىھان مەيدانىدا بىرە ئىككى قېتىم مەشىق قىلسىڭىزلا ئۆتۈپ كېتىسىز(ئەلۋەتتە ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس).

4.ئىمتىھانلار تۈگىگەندىن كېين كېنىشكا ئېلىش. ئەمەلىيەت ئىمتىھانىدىن بىرە ھەپتە كېيىن مەكتەپ ماتىريالىڭىزنى بەرسە 655 لىرا دۆلەتكە باج تاپشۇرىسىز. باجدىن كېيىن، تۈرك نۇپۇسى بولسىڭىز 199 غا تېلېفون قىلىپ ئالدىن ئۆچرەت ئالىسىز(ئۆچرەتنى ئىستانبۇل ئىچىدىكىلەر ئالىسىز بەزى نۇپۇس مۇدۇرلىقى ئۆچرەت ئالمىغانلار ئۈچۈن سەھەردە بارسىڭىز نۇمۇر تارقىتىدىكەن، باشقا شەھەردە ئۇنداق ئۆچرەت يوق) ئىستانبۇلدىكىلەر مەنچە ئۆچرەتنى ئەمەلىيەت ئىمتىھانىغا كېرىشتىن بۇرۇن ئېلىپ قويۇڭلار، بولمىسا بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە ساقلاپ قالىسىلەر. تۈرك نۇپۇسى بولمىغان چەتئەللىكنىڭ ئىشى تەس بولۇپ، تەۋەلىكىڭلاردىكى نۇپۇس مۇدۇرلىقىغا بارساڭلار بەزىسى قەغەزگە يېزىپ بىرە ئىككى ئاي كېيىنگە ئۆچرەت بېرىدۇ، بەزى ئورۇنلاردا سەھەر بېرىپ ئۆچرەت نومۇرى ئالىسىز. ماتىريالنى ئۆتكۈزۈپ، بارماق ئىزى بېرىپ بولغاندىن كېين بىر ئايلىق ياكى ئونبەش كۈنلۈك ماشىنا ھەيدەشكە بولىدىغان ئىسپات بېرىدۇ.

5.ماتىريالنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كېنىشكىڭىز ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە دېيىلگەن ئادېرىسقا كېلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار خىتايدا ئۆگەنگەن ئادەت بۇيىچە ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن ھەل قىلسام دەيدىكەنمىز، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز تېرىشساق خېلى ئىشلار ئاسانلا ھەل بولىدىكەن. ئۆزىمىز قىلساق ئومۇمىي كېتىدىغان پۇل 2000 لىرادىن ئاشمايدۇ(بىر يېقىنىم نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە تەرجىمان ئەكىرىپ دېگەندەك 1200 لىراغا دېيىشكەنتى ئەپسۇس ئۆتەلمىدى). شۇڭلاشقا نامۇۋاپىق يوللارنى سىناپ يۈرمەڭ!

6.ئەسكەرتىش: خىتاي كېنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە نۇپۇس ئىدارىسى ۋە ساقچىلاردىن سورىسام، خىتاي بىلەن ھەممىنى كېلىشكەنلىكىنى ئەمما شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە تېخى كېلىشىم يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئىنكاس يازىمەن