ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا-مەمتىمىن ئەلا

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

“ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قېتىلىپ كەتمەسلىكىدىكى جاۋابلار،نۇقتىئىينەزەرلەر ئىچىدە ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ بېرىلگەن جاۋابلار كەسكىن، مۇرەسسەسىز ۋە ئېنىقتۇر. ئەمما، قوشۇلۇپ كەتمەسلىكىنى كۇلتۇرال ۋە ئىجتىمائى نۇقتىدىن ياقىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرى ئاجىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇجمەلدۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى زىت ئامىللارنى دېمەيلا قويايلى. شۇنىسى ھەر ۋاقىت تەكىتلىنىش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى پەقەت خىتايلار ئۇنى ۋەيران قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ساقلىنىشىنى كېرەك دەپ قارالماسلىقى كېرەك. ياكى ئۇ بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا قەدىرلىك بولۇپ، بىزنىڭ ساقلىشىمىزغا ئەرزىمەسلىكى كېرەك. ياكى ئۇ باشقىلار قەدىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بىزنىڭمۇ قەدىرلىشىمىزگە ئېرىشمەسلىكى كېرەك.

 ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ساقلىنىشى كېرەككى، ئۇ بىزنىڭ نېمىشقا مەۋجۇت بولىدىغانلىقىمىزنى سەۋەبى بولۇش سۈپىتى بىلەن- خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەن، شۇڭا بىزنىڭ تاللىشىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن، ئەمما بىزنى تاللىغان مۇقەددەسلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن- قوغدىلىشى ۋە ئۇنىڭغا جان تەسەددۇق قىلىنىشى كېرەك.

ئەگەر بۇنداق بىر مۇقەددەسلىك ھەر بىر تىنىقىمىز، ئويىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزدە ھېس قىلىنمايدىكەن، تۇنۇلمايدىكەن ۋۇ تۇنۇتۇلمايدىكەن، ئاداققى نۇقتىدا ئۇيغۇرلۇق بىلەن خىتايلىقنىڭ ھېچ پەرقى يوق.”  “ئۈممەتچىلىك بىلەن مىللەتچىلىك توقۇنۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى يېڭى پەللىگە چىقاردى- سىياسىيلىشىش. سىياسىيلىشىش بولسا ھەقىقى خەلقئارالىشىشنى ئىپادە قىلاتتى. “

بۇ جۈملىلەر «ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان ۋە مېنى ئويلاندۇرغان جۈملىلەر ئارىسىدىن ئىدى. بۇ كىتاب پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلانىڭ ئەسىرى. دەسلەپتە ئوقۇغىنىمدا كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدىن ئاپتورنى پىسخولوگىيە ئوقۇغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن. لېكىن كېيىن ئاپتور توغرىسىدا ئىزدەنگەندە ئۇنىڭ پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

مەمتىمىن ئەلا، 1971-يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. بېلگىيىدە پەلسەپە ئۈستىدە 10 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ھازىر ئاۋسترالىيىدە پىسخولوگىيە ئۈستىدە ئەسەر يېزىشنى داۋام قىلماقتا ئىكەن. مەمتىمىن ئەلا بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئىكەن. مۇھەررىر غ.ئو. زۇلپىقار ئەپەندىم بۇ كىتابقا بەك يوقىرى باھا بەرگەن ۋە بۇ كىتابنىڭ بىر ئىلمى تەتقىقات ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە 50 يىل ئىچىدىمۇ بۇ سەۋىيىدە ئەسەر چىقىشىغا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرقى تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتى

2018-يىل ئىستانبۇل دا نەشىر قىلىنغان

مەزكۇر كىتاب خىتايلارنىڭ نەيرەڭۋازلىق ئىستراتېگىيىسىنى خىتايلارنىڭ تارىخىدىن ۋە «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىدىن باشلاپ ئانالىز قىلغان. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەزمونلارنى كاتەكچە شەكلىدە،رەتلەپ قىسقا-قىسقا مەزمونىنى يېزىشنى تېخىمۇ قولايلىق دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئاستىدا كىتاب مەزمونى كاتەكچە شەكىلى ھالىتىدە يېزىلدى.

خىتايلاردىكى سەددىچىن سېپىلى بىلەن تۈركلەرنىڭ مەڭگۈ تېشى ئارىسىدىكى پەرق
سېپىل مەڭگۈ تاش
تەھلىكىنى جايلاشتۇرۇش، تاشقىيلاشتۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش ستراتېگىيىسى دۈشمەنلەرنى ئىچكىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
دۈشمەن ئورۇنلاشقان بوشلۇققا قارىتىلغان دۈشمەن ھەققىدىكى ئويلىنىشقا قارىتىلغان
تاشقىرىدىكى ياۋلاردىن مۇداپىئەلىنىش؛ ئۆزىنى ئۆزىنىڭ قورقۇنچىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلغان.

خىتايلار قانداق قىلىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى؟

پەرزەنتنىڭ ۋاپادارلىقىنى تەرغىپ قىلغان كۇڭزىنىڭ كوللېكتىۋىزملىق ئىدىيىسى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. كۇڭزى پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى، بالىنىڭ ئاتىغا بولغان ئىتائىتى بولسا پادىشاھقا بولغان ئىتائەتنىڭ تەقەززاسى دىگەن قاراشتا ئىدى. كۇڭزىنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە بولغاندا ھوقۇقتىن قورقۇش ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە ئاندىن يوق بولاتتى. شۇڭا ھوقۇققا ئېرىشىش ھاياتنىڭ ئاداققى مەقسىتىگە ئايلانغان بىر جەمئىيەت ئوتتۇرغا چىقتى.

كۇڭزىنىڭ ساداقەتمەنلىك تەلىماتىنىڭ كىچىىك كارتىنىسى.  ساداقەتمەن بولۇش ئۈچۈن ئېسىلزادە بولۇش بولۇش لازىم، ساداقەتمەن بولۇشلا ئەمەس بەلكى تەرىقەت ئەھلى بولۇش لازىم ئىدى. قاتتىق قائىدە يۇسۇنغا ئىتىبار بېرىدىغان كۇڭزىچىلىق ئاۋامنىڭ ھېسسىياتىنى ۋە ئەقلىنى ئۇچۇق ئاشكارە ئىپادىلىنىشى توسىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدى ۋە ئىجادى قاراشلارغا ئىگە بولۇشىنى رىغبەتلەندۈرمەيدۇ.  يەككە شەخىسنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار چىرىكلەشكەن بىر جەمئيەتتە كۇڭزىنىڭ ئىدىئال نەزىريىسى رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭ  ئورنىنى شەپقەتسىزلىك، ھ ھەقسىزلىق، ۋە قائىدە يوسۇندىن چەتنەش ئىگەللەيدۇ. ئىككى يول ئوتتۇرغا چىقتى. بىرى كۇڭزىنىڭ يولىدا زىيان تارتسىمۇ ئاخىرغىچە مېڭىش؛يەنە بىرى تېشىدا كۇڭزىنىڭ قائىدىلىرى بىلەن ئىچىدە ئۆزىنىڭ خالىغىنى قىلىدىغان كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى ئالىيجانابلىق.

شۇنىڭ بىلەن كۇڭزىچىلىق بىر فورمال بولۇپ قالدى، ئىچىگە بولسا رەھىمسىزلىك سىڭىپ كەتتى. يۈز بىر نىقاپ بولدى، ھەممىسى شۇ نىقاپ بىلەن ئېسىلزادە بولۇشنى نامايەن قىلدى. ھاياتلىق قارىشىدا نەيرەڭۋازلىق ئەڭ ئاسالىق تاختىكىلاردىن بىرى بوپ كەلدى.

تاكى 1840-يىلى تارىختا كۇڭزىدىن باشقا ئىلىم يۇرتلىرى بولمىغان خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. بۇ چاغدا خىتايلارنىڭ ئىچىدە نۇمۇس تۇيغۇسى ھېسسىياتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئورۇن ئالغان ئىدى.

 

1840-تىن كېيىن خىتايلار ئۈچتىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلدى
لىبېرالىزم مىللەتچىلىك كوممۇنىزىم
خۇشى لىبېرالىزمنى تەرغىپ قىلدى، لېكىن مەغلۇپ بولدى سۇن جۇڭ شەن ماۋدىن باشلانغان كومۇنىزم ئىدىيىسى
چۈنكى ھېچ بىر زامان لېبېرالىزملىق ئەنئەنە بولغان ئەمەس؛

لىبېرالىزم كۇڭزىدىن كەلگەن كوللىكتىپ گۇناھ تۇيغۇسى ۋە كىملىك كىرىزىسى ھەل قىلالمايدۇ؛

لىبېرالىزمىنى قوبۇل قىلىش غەربلىشىشىنىڭ بەلگىسى ئىدى.

غەربتىكى گۇناھ خىتايدىكى نۇمۇس
·       شەخسىي ئۆكۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا مەسئول بولۇش.

·       شەخىس ھېس قىلىدۇ.

·       ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىگە قارىتىلىدۇ.

·       رېئاللىققا قايتا يارىشىشنى ئىزدەش.

·       ئىچكى ۋە تەبئىي كاتېگورىيە.

·       ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ئالدىدىكى ئوبرازى بىلەن ھېسابلىشىدۇ.

·       كوللىكتىپ كىملىككە قاراش

·       رېئاللىقتىن قېچىش

·       تاشقىي ۋە فورمال كاتېگورىيە.

·       بىراۋنىڭ باشقىلار ئىلكىدىكى ئوبرازى بىلەن ھېسابلاشتى

·       شۇڭا خىتايلار ئۈچۈن يالغان سۆزلەش بىر ئېتىكىلىق مەسىلە ئەمەس بەلكى بىر سىياسى قابىلىيەت مەسلىسى.

ماۋ دېڭ
خەلقنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئىقتىسادلاشتۇردى
ئىندىۋىدۇئاللىق يوقىتىلدى ھاياتنى پايدا زىيان بىلەن ئۆلچەيدىغان قىلىپ قويدى
ھوقۇققا مەستانە ۋە ھېرىسمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۇل بلەن ھوقۇق بىر بىرى بىلەن ئالمىشىدىغان ھالغا كەلدى
كومۇنىست پارتىيە كۇڭزىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشىدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇردى.

پارتىيە ئاتا بولدى، خەلق ئۇنىڭ بالىسى بولدى.

1948-1952 زىيالىلار، ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيە ئۆزگەرتىش باشلىدى. ئۆزلىرىنى ئاشكارە تەنقىدلەيدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ روھىدا شەخسىيەت دىگەن نەرسە قالمىدى، يۈزسىز، قېلىپسىز ۋە ۋىجدانسىز سىياسى مەخلۇققا ئايلانغانىدى.

1958-ماۋ ئاساسى قاتلام سوتسىيالىزمى قويدى ۋە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ھەرىكىتى قوزغىدى.

1966-يىلى 16-مايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي چىقتى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنى پرولېتارىيات(ئىشچى)، بۇرژۇئازىيە( پومىشچىك) دەپ ئىككى لاگېرغا بۆلدى

بۇ ئىنقىلابنىڭ بۇزغان جەمئىيەتتىكى ۋاكومنى مىللەتچىلىك تولدۇردى، بۇنىڭ سەۋەبى يۈز يىللىق ئارا نۇمۇس بولدى.

 

 

ئىشىكنى سىرتقا ئاچتى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدا گۇفىڭ، خۇياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭلارنى ئۇجۇقتۇردى.

1989-يىلى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇردى.

 

ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جەريانى:
بايلارنى خەلققە دۈشمەن قىلىپ كۆرسەتتى. پۇللىرىنى ئالدى.
ئاندىن دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى بار بولغان سىياسەتچىلەرنى باستۇردى. يەرلىك مىللەتچىلەر دەپ جايلىدى. خەلققە دۇشمەن سۈپىتىدە كۆرسىتىپ قويدى

 

قەھرىمانلىق ۋە ساتقۇنلۇق ئۇقۇملىرى
قەھرىمانلىق دەۋرى خاقانلىق دەۋرى مۇستەملىكە دەۋرى
قۇتقۇزغۇچى قەھرىمان

ئالىپ ئەرتۇڭام ئوغۇزخان

ئۆزىنى ساقلاپ قىلىشىتىن ئىبارەت تۈپكى مەسىلىسىگە ئاتالغان.

يېتەكلىگۈچى قەھرىمان

گۈللەنگەن دەۋرى

ھەققانىيەتچى قەھرىمان

مەھمۇت مۇھىتى، غېنى باتۇر

تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى
9-ئەسىردە مۇڭغۇل يايلاقلىرىدىن تارىمغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار
يۈەن سۇلالىسىدە خۇنەن چاڭدىڭنىڭ تاۋيۇئەن ناھىيىسىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار
بېيجىڭغا چىڭ ھۆكۈمىتىگە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈپ كۆچكەن ئۇيغۇرلار. ۋېي گۇڭ سۇن.
چىڭ ھۆكىمىتى تەرىپىدىن جەنۇپتىن ئېلى ۋادىسىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار
چارروسىيە تەرىپىدىن يەتتەسۇغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار
غەربتە ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قالالايدىغان ئۈچ ئەڭگۈشتەر
يادرولۇق كىملىك يادرولۇق ئىشىنىش سېستىمىسى يادرولۇق سىمۋوللار
ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ئۆزىگە ئىشىنىش،ئەپسانە لېدىر؛ مۇقەددەس كىتاب؛ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت مۇزىكا،رەسىم، كېيىم-كىچەك
1980 لەردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋاستىلىرى
دېموكراتىك قارشىلىق دىنىي قارشىلىق ئاممىۋى قارشىلىق
ئۇيغۇرلار زوراۋانلىق قىلماسلىقى لازىم دىگەن قاراشتا 1980 لەردە قاغىلىق ئالبدۇلھەمىد مەخسۇم ھاجىم بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرغا چىقتى.

 

1985-1988- ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى

2 Comments on “ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا-مەمتىمىن ئەلا”

  1. ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئورۇشتا دىگەن ئەسەرنىڭ pdf نۇسخىسى بارمۇ سىزدە بولسا بىر قېتىم ئۇقۇۋالسام بۇلاتتى.
    بۇ كىتاپنى ماختىغانسىرى ئۇقۇش ئىشتىياقىم شۇنچە ئاشتى لېكىن نە ئەسلى نۇسخىسىنى يا pdf نۇسخىسىنى تاپالمىدىم.

    1. باشقا قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئاپتور ئېلكىتاب شەكلىدە تارقىتىشنى خالىمىغان ئوخشايدۇ.

ئىنكاس يازىمەن