ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو

ژان ژاك روسسو
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت
ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو

A Discourse on the Moral Effects of the Arts and Sciences

    “بىرىنچى نۇتۇق” دەپمۇ ئاتىلىدىغان “ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە” (Discours sur les sciences et les arts)، جەنۋە پەيلاسوپى ژان ژاك روسسونىڭ (Jean-Jacques Rousseau) تۇنجى پەلسەپەۋى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. 1750 – يىلى دىجون ئاكادېمىيەسى “ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى ئەخلاقنى ياخشىلاشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟” تېمىسىدا ماقالە مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،  “ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە”  روسسونىڭ بۇ سوئالغا جاۋابەن يازغان ئەسىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا روسسو بۇ ئەسىرىگە تايىنىپ بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ۋە قاتتىق داڭق چىقارغان. روسسو بۇ ئەسەردە “ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدۇ” دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ روسسونىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە بولغان كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر روسسونىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. روسسو ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىدە ” ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە”  نۇتۇقىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى تەكىتلەيدۇ.

    روسسو نۇتۇقتا پەزىلەت بىلەن نادانلىق، ئىللەت بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش قۇرۇپ، بىلىمنىڭ پەزىلەتكە ئاكتىپ تۆھپە قوشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇنى تۆۋەندىكى مىسال بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ: «بىزدە فىزىكا ئالىمى، ماتېماتىك، خىمىك، ئاسترونوم، شائىر، مۇزىكانت، رەسسام شۇنچە كۆپ بار، ئەمما بىزنىڭ ئەخلاقلىق ئىنسانلىرىمىز ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس». روسسو نۇتۇقىدا ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئامىلنىڭ بىزنىڭ ناچار تەرەپلىرىمىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئاسترونومىيە خۇراپاتلىقتىن، مۇنازىرە سەنئىتى ئۆچمەنلىكتىن، گېئومېتىرىيە ئاچكۆزلۈكتىن، فىزىكا بىھۇدەلىقتىن  سەنئەت ھەشەمەتچىلىكتىن، قانۇن ئادالەتسىزلىكتىن، تارىخ زۇلۇمدىن، ھەتتا ئەخلاق تەكەببۇرلۇقتىن مەيدانغا كېلىدۇ».

     بىلىم بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، روسسونىڭ قارىشىدا بىلىمگە ئىگە بولۇش ئىنساننى ئىككى يۈزلىمىچى قىلىپ، تەبىئىتىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بىلىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئەدەپلىك بولۇشقا، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشقا ئادەتلەنگەن بولىدۇ. بۇ پەزىلەتسىز كىشىلەرنىڭمۇ يەر يۈزىدە پەزىلىتلىكتەك قىياپەتتە يۈرەلىشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەممەيلەننى ئەدەپ-ئەخلاق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرسىتىشتىن قورقىدىغان قىلىپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ . بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا سەمىمىي دوستلۇق ۋە ھەقىقىي ھۆرمەت ئىنسان قەلبىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ، مۆلچەرلىگۈسىزلىكى سەۋەبىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسا، بىلىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن گۇمان، قورقۇنچ، ئۆچمەنلىك ۋە خىيانەت ئەخلاقنىڭ ئارقىسىدا ئىزچىل يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.

    نۇتۇقتا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ۋەقە بايان قىلىنىدۇ: ئەينى ۋاقىتتا گوتلار ھەممە يەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندا، شەھەردىكى ھېچبىر كۈتۈپخانىغا زىيان سالمىغان ئىكەن. چۈنكى گوتلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى دۈشمىنىنى ھەر كۈنى كۈتۈپخانىدا كىتاب ئوقۇش بىلەن مەشغۇل قىلىپ ھەربىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى، كۈتۈپخانىلارنى دۈشمەنلىرىگە ۋەيران قىلمىغان ھالەتتە قالدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.[1] نۇتۇق بۇ ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ كىشىلەرنىڭ جاسارىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. روسسو يەنە سوقراتنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ تەكەببۇرلۇققا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. نۇتۇق  پەزىلەت ۋە ھەقىقىي پەلسەپەنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

    تەسىرات:

“ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە” ، روسسونىڭ  “ئىجتىمائىي كېلىشىم”، “ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى” دىن كېيىن مېنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر كىتاب ئىدى. يېزىلىش تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى سەل قالايمىقان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوخشاش ئىدىيەنى تەكىتلىگەن روسسونىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. روسسونىڭ ئەسەرلىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا “ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ- دە” دەپ ئويلايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مېنى قاتتىق جەلپ قىلىدۇ. سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ پەرقلىق پىكىرلەرنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

 

ئەسكەرتىش: “ئىجتىمائىي كېلىشىم” ۋە “ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى” دىن ئالغان خاتىرەم بەك كۆپ بولغاچقا ھازىرغىچە رەتلەپ بولالمىدىم. كېيىنچە “مائارىپ ھەققىدە”،” ئېتىراپلىرىم”لار بىلەن بىرلىكتە روسسونىڭ ئەسەرلىرىدىن قالدۇرغان خاتىرىلىرىمنى، تەسىراتلىرىمنى ئورتاقلىشىمەن.

 

[1] “Hayatta rahatlıklar arttıkça, sanatlar ilerledikçe, lüks her tarafa yayıldıkça, mertlik bozuluyor; askerlik değerleri kayboluyor: Bu da yine, kapanık odalarda türeyen bilimlerin ve sanatların işidir. Gotlar Yunanistan’ı yağma ettikleri sırada bütün kitapları yangından kurtarılmasına, içlerinden birinin ortaya attığı şu fikir sebep oldu: “Düşmanlarımızı askerlikten uzaklaştırmaya birebir olan bu EŞYAYI(kitapları) kendilerine bırakalım; oturdukları yerde kalıp onlarla boşu boşuna oyalansınlar””

Sayda;25

Bilimler ve Sanatlar Üstüne Söylev

ئىنكاس يازىمەن