ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە

ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە
ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

بىر كۈنى «ھەقىقەت» بىلەن «سەپسەتە» ئۇچرىشىپ قاپتۇ.

«سەپسەتە» گەپ باشلاپ:

-بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشىكەن!

«ھەقىقەت» گۇمان بىلەن ئەتراپقا نەزەر سېلىپتۇ. لېكىن ھاۋا ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى.

«ھەقىقەت»:

-شۇنداق، ھاۋا ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

ئۇلار يول بويى پاراڭلىشىپ مېڭىپ بىر قۇدۇقنى ئۇچرىتىپتۇ.

«سەپسەتە»:

-قۇدۇقتىكى سۇ بەك پەيزىكەن، بىللە يۇيۇنايلى!

«ھەقىقەت» يەنە بىر قېتىم گۇمان بىلەن سۇغا قاراپتۇ، سۇ ھەقىقەتەن سۈزۈك ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كىيىملىرىنى سېلىپ قۇدۇققا چۈشۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا «سەپسەتە» تۇيۇقسىز سۇدىن چىقىپ، «ھەقىقەت» نىڭ كېيىملىرىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. غەزەپلەنگەن «ھەقىقەت» «سەپسەتە» نى تېپىش ئۈچۈن يالىڭاچ قۇدۇقتىن چىقىپتۇ. نەتىجىدە دۇنيادا يالىڭاچ ھالەتتىكى «ھەقىقەت»نى كۆرگەنلەر «ھەقىقەت» نى پەس كۆرۈشكە ۋە ئاچچىقلىنىشقا باشلاپتۇ.

بىچارە «ھەقىقەت» قۇدۇققا قايتىپ كەپتۇ ۋە قۇدۇقتىن ئەسلا چىقماپتۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن «سەپسەتە» دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە «ھەقىقەت» تونىنى كېيىپ كېزىپتۇ. دۇنيا بولسا ئىزچىل يالىڭاچلانغان «ھەقىقەت» نى كۆرۈشنى خالىماي كەپتۇ.

مەنبە: ژان لېئون گېرېم « Truth Coming Out of Her Well» (ھەقىقەتنىڭ قۇدۇقدىن چىقىشى) ئەسىرى ، 1896-يىل.

ئىنكاس يازىمەن