بلوگ ھەققىدە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

“ئەلبىل بلوگى” 2018-يىلى ئىيۇندا ئېچىلغان بولۇپ شەخسى بلوگ ھېسابلىنىدۇ.

بلوگدىكى مەزمۇنلار شەخسكە ئائىت بولۇپ، باشقا ھېچ بىر تەشكىلات، گۇرۇپ، ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

بلوگنىڭ مەقسىتى

تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش.

ئىزدەلگەن مەزمۇننىڭ تېخىمۇ قولايلىق بىر شەكىلدە تور قوللانغۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىش.

بلوگقا يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كىتاب ئوقۇش خاتىرىلىرى ۋە تەجىربىلەر بولىدۇ. مەلۇم مەزمۇننى ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئېلىپ بارغان ۋاقتىمىزدا، ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئاز بولۇشى، كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭمۇ ياخشى بىر شەكىلدە “ئىزدەش ماتورى سەرخىللاشتۇرۇش ئۇسۇلى” (SEO) ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىزدەش ماتورى سەرخىللاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مەزمۇنلارنى تور دۇنياسىدا ئورتاقلىشىش مەقسەت قىلىنغان.

ئۆرنەك سۈپىتىدە “ۋەتەنداشلىق توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم” يازمىسىنى ئالساق. ئىزدەش موتورىدا “ۋەتەنداشلىق” دەپ ھالىقىق كەلىمە ئارقىلىق ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا تۈركىيەدە ئۈستىدىكى نەتىجىلەر كۆرۈنىدۇ. بۇ تېمىغا ئالاقىدار توپلام يازما سانى 748. (يەنى كەلسە كەلمەس، ۋەتەنداشلىق دېگەن گەپ بېرە يېرىدا ئۇچراپ قالغان تور بېكەتلەر قوشۇلۇپ 748 ئۇچۇر بار) ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنگىنى ئەلبىل بوگى تەييارلىغان يازما. بۇ يازما ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تورغا “ۋەتەنداشلىق” دەپ يېزىپ ئىزدىسە،  رەسىمدە كۆرسىتىلگەن خەۋەرلەردىن باشقا پايدىلىق ئۇچۇر چىقمايتتى.

مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە “ۋەتەنداشلىق” دەپ ئىزدىگەندە قانچىلىك مەنبە چىقىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئىزدەش كۆزنىكىدىن سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.


بلوگىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئىزدەش موتورىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش. مەيلى سىز ھازىر ئېھتىياجلىق بولۇڭ ياكى كېيىن ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئىزدەش موتورىدا ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئالدىنقى بەتتە ئالاقىدار يازمىنى تاپالايسىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىللاردا بلوگدا ئېلان قىلىغان تەجىربىلەرگە ئوخشاش مەزمۇنلارنىڭ كۆپ بولىشى نورمال. مەقسەت ئۇيغۇر تىلىدا ئورتاقلىشىش.

بلوگنىڭ نىشانى

ئىزدەش ماتورىنىڭ ئالدىنقى بېتىدە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تېمىغا ئالاقىدار بولغان تەپەككۇر، خىياللىرىمنى بەھىرلىنىش. بۇ ئارقىلىق مەزمۇننىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش. ئەلبىل بلوگى مەزمۇن سۈپىتى بىلەن ئۈنۈمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئېشىشىنى نىشان قىلىدۇ.

بلوگدا بۇلۇنغان ئىملا خاتالىقلىرى، ئىبارىلەرنىڭ خاتا قوللىنىلىشى قاتارلىقلاردىن ئۆزۈر سورايمەن.