Goolge, Facebook, YouTube

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

ئەگەر ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئەركىن ھالدا Goolge, Facebook, YouTube ئىشلىتەلىگەن بولسا…

شۇنداق بولغان بولسا ھازىرقى توردىكى مۇنازىرىلەر، ماقالىلەر، سىن دەرسلىرى، مەيلى دىنى مەيلى پەننى ئىلمىي دەپ ئاتىلىۋاتقان “سۆھبەتلەر” قانداق ئەھۋالدا بولار بولغىيتتى؟ مۇھاجىرەتتە بىر مىليون، ۋەتەندە 20 مىليون ئۇيغۇر بار دەپ پەرەز قىلساق، 5% ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە دىگەن گەپ بولىدۇ. ئىستاتىستىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كىچىك بولمىغان نىسبەتتىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋىيىسىگە قانچىلىك دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلۇر؟

ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېيىلسە قايسى تۈركۈمنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ؟ قايسى تۈركۈمنىڭ ئوتتۇرىچە ئىلمىي سەۋىيىسى تېخىمۇ يوقىرى بولىدۇ؟

مەنچە بولسا ئەگەر ۋەتەندىكى ئىسكەنجە ئىچىدە ياشاۋاتقان شۇ ياشلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز، ئالىملىرىمىز بولغان بولسا بەلكىم ھازىرقى نۇرغۇن قەدەملەرنى قايتا باسمىغان بولاتتۇق.

ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقى خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى نادانلىقىغا ئارتىپ قويۇلىۋاتقان بۇ تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەھاكازالار… ھەممە نەرسىنى خۇددى بۇرۇن خەلقىمىز تەتقىق قىلىپ باقمىغاندەك تالاش تارتىش ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

ئەگەر بۇ تور دۇنياسى ۋەتەنگە ئۇچۇق بولغان بولسا يۇقارقىدەك تالاش تارتىشلارغا، ئاتالمىش ئىلمىي تەھلىللەرگە قاراپ ۋەتەندىكى زىيالىيلىرىمىز بەلكىم مېيىقىدا كۈلۈپ قويغان بولاتتى. چۈنكى نۇرغۇن «ئىلگىرلەش «ئاتىلىۋاتقان قەدەملەر ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن بېسىپ بولغان قەدەملىرىنىڭ قايتا- قايتا باشتىن تەكرارلىنىشى ئىدى.

10 Comments on “Goolge, Facebook, YouTube”

  1. مەن ھازىر ۋەتەندە، ئەزەلدىنلا ۋەرەتدە، راستىنى دېسەم شۇلارنى نورمال ئىشلىتىپ ھەممە ئەھۋاللاردىن ئورتاقلىشالىسامكەن دەيمەن
    بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلىگۈم يوق

    1. مەن بلوگۇمنى ۋەتەندە ئېچىلماسمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمدى قارىسام سەل رەتلەپ قويسام بولغىدەك. ئۆزىڭىزگە دېققەت قىلىڭ ئىشقىلىپ.

  2. ماڭا ئوخشاش ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزئۈچۈن Goolge, Facebook, YouTube دىگەنلارنى ئىشلىتىش مۇمكىن بۇلامۇ؟
    ياكى بىلوگدىكى ئاشۇ ئۇلانمىلارنى بىۋاستە ئېچىپ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلغىلى بۇلارمۇ؟

    1. ئامال بار ئىشلەتمىگىنىڭىز ياخشىمىكىن. ئۆزىڭىز ھەم ئەتراپىڭىزدىكى يېقىنلىرىڭىز ئۈچۈن.

  3. بىلوگىڭىز ۋەتەندە ئېچىلدۇ مەنمۇ باشقا يازمىلارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆرىمەن تەكلىپ بىلوگىڭىزنى ئازغىنە رەتلەپ قويسىڭىز بىزدەك ۋەتەندىكىلەر بىخەتەر كۆرسەك

  4. بۇ قېتىملىق بىلوگىڭىزنى يوللىغىنىڭىزغا 2يىل بوپتۇ ،بۈگۈن ئۇيغۇرچە بىلوگلانى ئارىلىغاچ سىزنىڭكىنى ئۇچرېتىپ قالدم، بۇ تەرەپلەردىمۇ نورمال ئېچىلىدىكەن،
    بۇمۇ مۇنەۋۋەر بىلوگلاردىن بىرى

    1. ۋاقىت ھەقىقەتەن بەك تېز ئۆتىدىكەن. تۇنجى يازمىنى يازغاندا ئىككى يىل داۋام قىلالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانتىم. ھازىر ھەر ئايدا بىر نەرسىلەرنى يېزىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئىنكاس يازىمەن