لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى
ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

    يېقىندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن تولستوينىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بولۇپ قالدى. ئاڭلاپ بولۇپ ئۇزۇن- ئۇزۇن خىياللارغا كېتىمەن ھەم بىلمەيلا ئۇخلاپ قالىمەن. تولستوينىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى يىغىپ، قىسقىچە تەسىرات بىلەن ئورتاقلىشىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. بۇ ئاۋازلىق ئەسەرلەر تۈركچە بولۇپ، داڭلىق ئاۋاز بەرگۈچى ئاكىن ئالتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن.

1.     “ھايات بىر پۈتۈندۇر”

“Hayat Bir Bütündür”

     تەسىرات: ھايات بىر پۈتۈندۇر. باشقا جانلىقلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىق پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ، چۈنكى بىرىنىڭ ھاياتىڭ بىلەن ئۇ كۆرگەن ياكى كۆرەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ پەرقلىق ئەمەسلىكىنى، ھاياتنى يوق قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى ھېكايە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

2.     “ئەڭ چوڭ جازا”

“En Büyük Ceza”

     ئىنسان ئۇچرايدىغان ئەڭ چوڭ جازا ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە بولغان ئىمانىنىڭ يوق بولۇشىدۇر . ياش ۋاقتىدا ئادەم ئۆلتۈرگەن بىرىنىڭ، بۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى، ھېساب بېرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشنى تاللىغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇ يولنىڭ ئەڭ ئېغىر جازا ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىكەن. دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىمانسىز بولغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن قورققان بىر ئەندىشىلىك ھايات تەسۋىرلەنگەن.

3.     “ئۈچ سوئال “

“Üç Soru”

    بىر ئىشنىڭ قاچان باشلانسا بولىدىغانلىقى، كىملەر بىلەن بىللە ئىشلەش كېرەكلىكى، قايسى ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان پادىشاھنىڭ ھېكمەت ئىزدەش مۇساپىسى.

    ئەڭ توغرا ۋاقىت ياشاۋاتقان ۋاقىتىڭنىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزىمىزگە ھاكىم بولالايمىز. ئەڭ توغرا ئادەم بولسا سېنىڭ ھازىر ئۇچراشقان ئادىمىڭدۇر. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ باشقا ئادەملەر بىلەن باشقا ئىشلىرى بار يوقلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەڭ توغرا ئىش بولسا ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشتۇر. چۈنكى ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەتلا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.

4.     “ھەقىقىي خۇشاللىق “

“Gerçek Mutluluk”

ھەقىقىي خۇشاللىق مال- دۇنيادا ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل توقلىقىدا.

5.     ھايات قانداق داۋام ئېتىدۇ (تولۇق)

“İnsan ne ile yaşar”

ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى ئاستىدىكى ئۇلىنىشتا.

https://elbilhesen.com/lew-tolstoy-hayat-qandaq-dawam-etidu-toluq/

ئىنكاس يازىمەن