يەرلىك رېتسېپتىن تۇغۇلغان ھېسلار – ئەلبىلە

يەرلىك رېتسېپتىن تۇغۇلغان ھېسلار
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

رېتسېپ

ماتېرىياللار : بىر تال تۇخۇمنىڭ سېرىقى، ئىككى قوشۇق زەيتۇن مېيى، بىر قوشۇق ھەسەل ۋە بىر قوشۇق گۈلقەنت

ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى :   تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ، قىيام شەكلىگە كەلگەندە، بىر قېتىمدا يەنى ھەر كۈنى ناشتىدىن بۇرۇن، ئىككى ئاي ئىزچىل ئىستېمال قىلىمىز.

بۇ رېتسېپنى ئاپام دەپ بەردى. نەچچە كۈندىن ئانگىنا دەيدىغان بۇ نىجىس ئاغرىق تۈپەيلى دوختۇرخانىغا قاتراپ يۈرگىنىمنى بىلىپ، يىراقتىن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەي ئىچى تىتىلدىغان ئاپام، يەنە ئەيتاۋۇر ئۇچارپاقىنىڭ ئۇۋىقىنى توربا بىلەن ئانگىناغا پۈۋلەپ بەرسە تېز مەنپەئەت قىلىدىكەن دېگەندەك، تۈرلۈك يەرلىك رېتسېپلارنى ياغدۇرۇۋەتتى .

ئەڭ ئاخىردا يەنە جېكىلەپ ئۈستىدىكى ئۆيدە تەييار ماتېرىياللىرى بولغان يۇقىرىقى رېتسېپنى دەرھال قىلىشىمنى، مىنىڭ مۇشۇ دورا ئىستېمال قىلىش ئىشىدا «ھە» دەپ قويۇپلا قىلمايدىغان يىتەرسىزلىكىمنىڭ بارلىقىنى جېكىلەپ خوشلاشتۇق.

مەنمۇ ئاستا قوپۇپ بۇ نەرسىلەرنى تېپىپ، بۇ ئارىلاشمىنى ياساپ چىقتىم.

قوچۇپ ئولتۇرۇپ شۇنى ئويلاپ قالدىم:

مەن نېمىشقا ھە دەپ قويۇپ قىلمايدىغان بولغىيتتىم

كىچىكىمدىن تولا ئاغرىپ قالاتتىم

تېخىمۇ كىچىكىمدە يەنى تەخمىنەن ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىمدا ئاپام يىراققا بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتتى، بىز ئاتام ، ئاچام ۋە مەن، ھەتتا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاچام ئىككىمىز شۇ يۇغان ئۆيدە يالغۇز قالاتتۇق(ئاچاممۇ مەندىن ئۈچ ياشلا چوڭ). ئاتاممۇ كۈندۈزى مەكتەپتە ئىشلىسە كېچىسى بوۋامنىڭ يۈك  ماشىنىسى بىلەن كۆمۈر كاندىن كۆمۈر توشۇپ، زاۋۇتلارغا كۆمۈر ئۆتكۈزەتتى. ئاپاممۇ ئۇ چاغلاردا قاتناش قولايسىز بولغاچ ئىككى- ئۈچ ھەپتىدە بىر كېلىپ بىزنى يوقلاپ كېتەتتى.

گەپكە كەلسەك، مەن نېمىشقا دورا ياساشتىن ۋە ئىزچىل دورا يەپ ساقىيىشتىن ئېرىنىمەن؟

ھۇرۇنلۇق ؟

ياق!

مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئىشلارغا ئەسلا ئېرىنمەيمەن. سالامەتلىكىم يار بەرسىلا ئەلۋەتتە.

مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. مۇھىم بولغىنى سالامەتلىكتە!

بىر قېتىم  قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. كۆزۈمنى ئاچسام ئاپام يېنىمدا ئولتۇرغۇدەك .

ئۈچ – تۆت ياشلىق بالا ئۈچۈن ئاپىدىن ئارتۇق ئېسىل دورا بولمىسا كېرەك… تېزلا ساقايدىم ۋە ئاپاممۇ ساقايغىنىمنى كۆرۈپ، خاتىرجەم بولۇپ تېزلا كېتىپ قالدى. « ھىم…ئاپام ئاغرىپ قالسام كېلىدىكەن » -دەپ ئويلىغىنىم ئەسلا ئېسىمدە يوق. بەلكىم يوشۇرۇن ئېڭىمغا ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىن، يەنى جەزم ئەمەس،  ھەتتا بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.

يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ قالدىم، بۇ قېتىم بوۋام – مومامنىڭ ئۆيىدە ئاغرىپتىمەن. نېمە سەۋەبتىن، قانداق ئاغرىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، پەقەت چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە نەپسىم توختاپ، «ئۆلۈپ قېلىپتۇ»- دەپ، ئاھۇزار يىغلاپ ئولتۇرسا كۆزۈمنى ئېچىپتىمەن، يەنە ئاپامنىڭ ھىدىنى پۇراپ.

ئەمدى بۇنچىۋالا ھېكايە سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن بۇ دورا يېيىش  ئىشىغا نېمە سەۋەبتىن ئاكتىپ بولىمەن؟

چۈنكى، مەن ئۈچۈن ئاغرىپ قېلىش ۋۇجۇد راھەتسىزلىكىدىن زىيادە ئائىلەم، بولۇپمۇ ئاپام بىلەن جەم بولۇشتەك بۇ تاتلىق ھېسنى تېتىتاتتى.

بىر-بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كەرگەن تۆت كىشىلىك بىر ئائىلە خىزمەت ، ئوقۇش سەۋەبلىك  تۈزۈك جەم بولۇپ بىرە يىل ئۆتكۈزۈپ باقمىدى.

كىچىكىمدە ئانا مېھرىگە قانماي ئاغرىق بولۇشنى خالىغان بولىشمۇ مۇمكىن. ئەمما بۈگۈن مېنىڭ مېھرىمگە تەشنا بالىلىرىم ئۈچۈن ساق – سالامەت تۇرۇشقا مەجبۇرمەن.

”ھايات تۇرۇپ، ئەركىن تۇرۇپ، ئايرىلىش ئازابىغا ئۇچراتمىغايسىز راببىم!»- دەپ، دۇئا قىلىمەن!

بارلىق .ئانىلارنىڭ ساغلام تۇرۇپ بالىلىرىغا قانغىچە ئانا مىھرى بىرەلىشىگە تىلەكداشمەن!

فېئېلى دۇئا سۈپىتىدە، ئۇ  يەرلىك رېتسېپلارنىمۇ قىلىمەن ۋە ئىزچىل ئىچىمەن، ئىنشائاللاھ….

ئىنكاس يازىمەن