ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

ئەلدەر

يېقىندا تۈركىيەلىك ئىستراتىگىيەچى ئابدۇللاھ چىفتچىنى «بىر بەلباغ بىر يول» ھەققىدىكى ۋىدىيوسى ئارقىلىق تونۇدۇم. بۇ كىشىنىڭ تەھلىلى ئۆزگىچە تۇيۇلدى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم سىنلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق ۋە توغرا بىلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق دۇنيا قارىشىنى ۋە شۇنىڭغا ئاساسلانغان نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئانچە قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدىم.

    ئابدۇللاھ چىفتچىنىڭ يۇتۇب قانىلى :

https://www.youtube.com/channel/UCUCktphEW1RAT-2nynMpREg

    ئابدۇللاھ چىفتچىنىڭ تۋىتتېرى :

https://twitter.com/abdullahciftcib

  • ئاساسلىق مەزمۇن

    چىفتچىنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسلىق پائىللىرى ئىككى  كۈچكە مەركەزلىشىدۇ. بىرى، كۈرەسەلچى (globalist يەنى دۇنياۋىيچى، نۆۋەتتە كۈرەسەلچى دېيىلىدۇ) بولۇپ، گۇگۇل باشلىق خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەبلەغچىلىرى ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇلارنىڭ مەپكۇرىسى بىر شەيتانىي ئەقىل بولۇپ، ئاۋۋال برىتانىيە ئىمپېرىيەسىنى پىلانلىرى ئۈچۈن قوللانغان بولسا كېيىن ئامرىكىنى قوللاندى ۋە 21-ئەسىر «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق چىننى ئاساسىي كۈچ قىلىپ قوللانماقچى.

    يەنە بىرى سەھيۇنىي بولۇپ، ئامرىكىدا د. ترامپ ۋەكىللىك قىلغان. بۇلار ئاساسلىق خرىستىيانلارنىڭ پروتېستان مەزھىپىنىڭ ئىنجىلچى (evangelist) پىرقىسىدىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، چىفتچى بەزى تەھلىللىرىدە ئامرىكىدىكى كاتولىك مەزھىپىنىمۇ ۋە باشقا پروتېستانلارنىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە قوشۇپ قويىدۇ. بۇلار ئامرىكىدا ۋە دۇنيادا كۈرەسەلچىلەر بىلەن ئۈستۈنلۈك ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ئاساسلىق كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

    چىفتچىنىڭ قارىشىچە كۈرەسەلچىلەر 21-ئەسىردىكى يېڭى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆزىگە قۇل قىلماقچى. بۇنىڭ ئاساسلىق ۋاستىلىرى ئىنسانلارغا ئېلىكترونلۇق ئۆزەك تاقاش، ھازىرقى پۇل سېستىمىسىنى بولك چەين (block chain) تېخنىكىسىغا تايانغان ئېلىكترونلۇق مەۋھۇم پۇل سېستىمىسىغا ئايلاندۇرۇش، ئۇلۇس دۆلەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش. بۇنىڭدىكى قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق كۈچى چىن ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى. چىفتچى نەزىرىدىكى كۈرەسەلچىلەردىن بولغان گوگۇلنىڭ بەش پىلانى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئىنسان ئەقلىنى ماشىنىغا يۈكلەش
  2. ئىنسان يادىنى يۈكلەش
  3. گوگۇل كۆزەينىكى
  4. پۈتۈن دۇنيادا 2020-يىلىدىن باشلاپ بىكارلىق سىمسىز تور(Wifi) تەمىنلەش
  5. سىيمالار(emoji) بىلەن 2045-يىللىرى تەتبىقلىنىدىغان يېڭى بىر دۇنياۋىي ئورتاق تىل يارىتىش .

    بۇلارغا مۇقابىل سەھيۇنىي (ئاساسلىق غەرپتىكى دىنىي كۈچلەر) نىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ غەرپتىكى ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش. چىفتچىنىڭ نەزىرىدە، غەرپتىكى ئىنجىلچى ئېقىم يەنە ئانگلو-ساكسون ئۈستۈن ئىرقچىلىرى بولۇپ، ئاق تەنلىك ئېنگلىسلارنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈنلىكىنى ۋە دۇنياغا خوجا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇلار غەرپتە ئۇتتۇرىۋاتقان كۈچ ۋە ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەسەلچىلەر بىلەن تىركىشىۋاتقان كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئابدۇللاھ چىفتىچىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيەسىنى تۆۋەندىكى سىنلاردىن چۈشىنەلەيسىز:

تارىخ ماۋزۇ ئۇلانما
9/05/2018 Abdullah Çiftçi Konferansı (Küreselizm, Endüstri 4.0, Yapay Zeka, Singularity) https://www.youtube.com/watch?v=nMr72PVWJBw
19/10/2018 Barış Pınarı, Türkiye Üzerindeki Oyunlar, Algı Operasyonları | Abdullah Çiftçi https://www.youtube.com/watch?v=nztRBi3kn9w

 

12/04/2018 Abdullah Çiftçi: Çin’deki madenlerin yüzde sekseni Rockefeller’in elinde https://www.youtube.com/watch?v=UcNeTy04850
04/04/2019 Abdullah Çiftçi yorumluyor! Seçim sonrası neler olacak? https://www.youtube.com/watch?v=2gE4Z9Gu8mo
30/11/2019 Avrupa Ordusu Kurulurken Nazilerin Yükseltilişi https://www.youtube.com/watch?v=5sLLWl69-Hw
30/11/2019 Blockchain Dünya’yı Nasıl Değiştirecek! Abdullah Çiftçi Analizi https://www.youtube.com/watch?v=SrLDHRypt1k
24/11/2019 DERİN DEVLET DÜNYA YENİDEN BAŞLATICAK | Abdullah Çiftçi’den Olay Sözler https://www.youtube.com/watch?v=cOOGzDROzfQ
  • كۆز قاراش

    ئا.چىفتىنىڭ ئۆزگىچە دۇنيا قارىشى ۋە نەزەرىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى ھەمدە ئەمەلىي مەۋجۇت كۈچلەرگە تايانغانلىقى ئالاھىدە جەلپ قىلارلىق بولسا، ئۇنىڭ پەرەزىلىرى (بېشارەتلىرى) دىن بەزىلىرىنىڭ توغرا چىقىشى ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇردى.

    شەخسەن، مېنىڭ چىفتچى بىلەن ئورتاق قاراشتا بولغان نۇقتىلىرىمدىن بىرى سەھيۇنىيلارنىڭ ئامرىكىدا ئاساسلىق ئىنجىلچىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى ۋە دۆلىتىدىكى سولچىللار بىلەن مادارا قىلىشالمىغۇدەك چوڭقۇر زىدىيەتلىرىنىڭ بارلىقى. يەنە بىرى بولسا خەلقئارالىق چوڭ شېركەت مەبلەغچىلىرى ۋە غەرپتىكى باشقا چوڭ كاپىتالىستلارنىڭ چىن بازىرىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدىغانلىقىدۇر.

    لېكىن، كۆز قارىشىمدىكى پەرق بولسا، ھەر دۆلەت ياكى ئۇيۇشما/بىرلىكلەرنىڭ ئايرىم مەنپەئەتىنىڭ بارلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە لوبىيلارنىڭ كۈچىنىڭ كۆپ، خەلقنىڭ كۈچى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى ھەمدە ھەرقايسى كۈچلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەت ئورتاقلىقى ۋە زىتلىقىنىڭ تۇراقلىق بولماستىن، ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسلىق پىكىرلەردىن شەكىللەنگەن. مەن بىر مۇقىم مەپكۇرىدىكى، ئورتاق نىشانغا ئىگە، برىتانىيە، ئامرىكا ۋە چىننى قوللىنىدىغان «كۈرەسەلچى» كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سولچىل ۋە ئوڭچىللار دۆلەتلەرگە قارىتا پەرقلىق (مەسىلەن، ئامرىكىنىڭ سولچىللىرى ياۋروپانىڭ ئوڭچىللىرىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ)، شۇڭا بۇنداق قوش قۇتۇپلۇق ئايرىش خاتا.

    يەنە بىر تەرەپتىن غەرپتىكى كاپىتالىستلارنىڭ، بەزى مۇھىم دۆلەت ئەربابلىنىڭ چىننى چوڭ بىلىشى، بەك يول قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى جەمس مانن «چىن فانتازىيەسى (the China fantasy)» ناملىق كىتابىدىكى، كاپىتالىستلارنىڭ چىن بازىرىدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى خىزمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن چىندىكى غەرپ شىركەتلىرىگە ئارىچى/تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چۈشەندۈرۈش ماڭا بەكرەك مەنتىقلىق تۇيۇلىدۇ.

    ئاندىن چىفتچىنىڭ سۆزلىرى بەزىدە زىددىيەتلىك: بىردەم مارك زۇككېربېرگنى ئامرىكا پرىزدىنتى بولىدۇ دېسە، بىردەم فەيسبۇك خاتالاشتى … دېگەندەك.

    چىفتچى يەنە بەزى كىشىلەرگە ناتونۇش ئۇچۇرلار بىلەن كۆز قاراشلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مەسىلەن، ماۋزېدۇڭنىڭ ئىقتىساد مىنىستېرىنىڭ ئىسرائىل   فامىلىلىك يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى، چىن ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇندىنلا كۈرەسەلچىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. لېكىن چىفتچى خاھ ئۆز تۋىتتېرىدا، خاھ يۇتۇب قانىلىدا بولسۇن، ئىددىئالىرىنىڭ مەنبەلىرىنى مۇتلەق كۆپىنچە كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ «ئىستراتېگىيەچى» قالپىقى ئاستىدا ھەرقايسى سىنك تەنك (think tank) لەرنىڭ، مۇھىم ئەربابلارنىڭ قارارلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال چىفتچىگە خاس ئەمەس. شۇڭا كۆپچىلىك ئۈچۈن مەيلى سۈيقەست نەزەرىيەلىرى بولسۇن، مەيلى باشقا ئىجتىمائىي، سىياسىي نەزەرىيەلەر بولسۇن… راست-يالغاننى ئايرىشتا قوللانغىلى بولىدىغان بىر ئۇسۇل سۇنىمەن.

  • ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى

    مېىنىڭچە دەۋرىمىزدە سۈيقەست نەزەرىيەلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى :

  1. رەسمىي ئىجتىمائىي نەزەرىيەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى. بۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئۆزىدىكى تەجرىبە ئىمكانىيتىدىكى كەمچىللىك تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن ئەھۋال بىلەن جەمىيەتتىكى ئامىللارنىڭ كۆپ، پەرقلىق ھەم تۇراقسىز بولغانلىقىنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان.
  2. ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي – ئىستىراتېگىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆزگۈرۈشچانلىقىنى بەزىدە ئاددىيلاشتۇرۇپ مودېللاشتۇرغىلى بولماسلىق ھەتتا چۈشەنگىلى بولماسلىق سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشكە بولغان قىزىقىشىنىڭ بېسىقماسلىقى. ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەڭ يامان گۇمان بىلەن باشقىلارنىڭ سۈيقەست ھازىرلاۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىغا ئېغىپ كېتىشىدۇر.

    شۇڭا ھەرخىل ئىجتىمائىي نەزەرىيەلەرنىڭ، سۈيقەست نەزەرىيەسى بولسۇن – بولمىسۇن، شەكىللەندۈرگەن ئالدىن بېشارەت (prediction)لىرى بولسىلا ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاش ئارقىلىق نىسبەتەن توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، چىفتچىنىڭ نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتكە يۈزدە يۈز توغرا كېلىشى ناتايىن، لېكىن ئۇ مەۋجۇت نەزەرىيەلەردىن بەكرەك ئېھتىمالغا يېقىن بولسا، ئۇنى ھازىرچە ئەڭ توغرا دەپ قوبۇل قىلىش كېرەك.

    بېشارەتلەرنىڭ ياخشى يېرى، بۇلارنىڭ توغرىلىق نىسپىتىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ ۋە بۇلارنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ھەمدە بۇلارنى تاساددىبىي بېرىلگەن نەتىجىلەرگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ (مەسىلەن، ئون تاللاشنىڭ جاۋابىنى ئۇلارنى ئوقۇمايلا تاللىغاندىكى توغرىلىق نىسپىتىگە). بۇ ئارقىلىق، مەزكۇر نەزەرىيەنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ قالايمىقان سۆزلەنگەن سۆزلەردىن بەكرەك توغرىمۇ ئەمەس شۇنى بىلگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ئىستاتىستىكىلىق ئۇسۇلنى ئا.چىفتچىنىڭ نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاپ چۈشەندۈرىمەن، لېكىن بۇ ھەرقانداق ئالدىن بېشارەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي نەزەرىيەگە توغرا كېلىدۇ.

    ئاۋۋال، ئا.چىفتچىنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنى قوش ئاقىۋەتلىك بىر مۇستەقىل ۋەقە ھېسابلايمىز، ھەربىر ئاقىۋەتنىڭ ئېھتىماللىقىنى 0.5 دەپ قوبۇل قىلىمىز. ھەمدە ئۇنىڭ يىغىلغان (تۆۋەندە 17 بېشارەت بېرىلگەن) بېشارەتلىرىنىڭ توغرىلىق نىسپىتىنىڭ تاساددىبىيلىقتىن پەرقلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ھېسابلايمىز (خەۋپ چېكى 0.05).

    ئەگەر ئۇنىڭ بەرگەن بېشارىتىنىڭ توغرىلىق نىسپىتى، تەڭگە تاشلاشقا ئوخشاش تاسادىبىي ھادىسىلەردىن پەرقلىق بولمىسا، دېمەك ئۇنىڭ نەزەرىيەسىنى توغرا دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.

    ئەگەر بۇ نەزەرىيە تاسادىبىيلىقتىن/تەلەيدىن بولغان نەتىجىلەردىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە توغرا چىقسا ئاندىن قوبۇل قىلساق ۋە باشقا مۇقابىل نەزەرىيەلەرگە سېلىشتۇرۇپ باقساق بولىدۇ.

  • بېشارەتلەر
تارىخ بېشارەت ئۇلانما ۋاقىت
12/11/2019 كرىپتو (ئېلېكترونلۇق) پۇل دوللارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ 2045’TE AMERİKA ÇÖKECEK!!! ABDULLAH ÇİFTÇİ’DEN OLAY SÖZLER

https://www.youtube.com/watch?v=NfcPDABT3_8

2:00
18/10/2019 يېڭى يېپەك يولى تۈركىيە سانائىتىنى يەكسان قىلغۇسىدۇر Abdullah Çiftçi uyardı! O proje Türk sanayisini yerle bir edecek

https://www.youtube.com/watch?v=oiHHikC6aOw

7:25

 

18/10/2019 ئاق دېڭىزدا يۇنان تەرەپدارلىرى جېدەل چىقارسىمۇ ئۇرۇش بولمايدۇ Abdullah Çiftçi uyardı! O proje Türk sanayisini yerle bir edecek

https://www.youtube.com/watch?v=oiHHikC6aOw

10:56
31/08/2018 سەئۇدى ئەرەبىستاندا زەربە بولىدۇ Abdullah Çiftçi açıkladı! Suudi Arabistan’da darbe olacak!

https://www.youtube.com/watch?v=hzTNbzl3Iho

1:59
9/12/2018 2019 يىل بېشىدىن باشلاپ ئامرىكا پايچەك بازىرى پاخاللىشىدۇ Abdullah Çiftçi Fransa’daki Sarı Yelekliler’i anlattı ve sıradaki ülkenin ismini verdi

https://www.youtube.com/watch?v=Q2KFbNddOOs

16:10
03/11/2019 ئامرىكىدا 2020 دىكى سايلامدىن كېيىن ھەقىقىي تىركىشىش باشلىنىدۇ AMERİKA’DA DARBE OLUR MU? TRUMP AZLEDİLİR Mİ? Abdullah Çiftçi Analizi 03 Kasım 2019

https://www.youtube.com/watch?v=UzpdiVq_ySs

16:01
24/10/2019 سايلامدىن كېيىن سۈرىيەگە ئامرىكا ئەسكەرلىرى يەنە قايتىدۇ Abdullah Çiftçi Soçi Görüşmeleri Analizi

https://www.youtube.com/watch?v=9m-_d_XFGKA

7:08
04/11/2019 2020 دا تۈركىيەدە ئىچكى زىددىيەت ۋە ئەردوغاننىڭ ساغلاملىقىغا قەست بار ”Suriye’de Çok Ciddi Bir İntikam Hareketi Başlayacak!” Abdullah Çiftçi SuperHaber’de…

https://www.youtube.com/watch?v=hj9yBrbSBlM

0:13
04/11/2019 سەھيۇنىيلار كوبانىغا ب د ت تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىدۇ ”Suriye’de Çok Ciddi Bir İntikam Hareketi Başlayacak!” Abdullah Çiftçi SuperHaber’de…

https://www.youtube.com/watch?v=hj9yBrbSBlM

6:47
04/11/2019 روسىيە سوفىيلىق ۋاستىسىدا ئىسلام دۇنياسىغا كىرمەكچى ”Suriye’de Çok Ciddi Bir İntikam Hareketi Başlayacak!” Abdullah Çiftçi SuperHaber’de…

https://www.youtube.com/watch?v=hj9yBrbSBlM

13:20
05/02/2018 21-ئەسىردە دۆلەتلەرنىڭ سانى 1000غا چىقىدۇ Abdullah Çiftçi Türkiye’nin önü neden açık

https://www.youtube.com/watch?v=iLERRGmv72w

1 :08
2/11/2018 سەئۇدى ۋەلىئەھدى بىن سەلمان پادىشاھ بولالمايدۇ Ne Var Ne Yok 1 Kasım 2018

https://www.youtube.com/watch?v=AXryC_1yhNA

10:40
2/11/2018 يېقىندا بەھرەيندە يەمەندىكىدەك توقۇنۇش چىقىدۇ Ne Var Ne Yok 1 Kasım 2018

https://www.youtube.com/watch?v=AXryC_1yhNA

32:00
21/11/2019 ئىقتىسادچى ژۇرنىلىدىكى 2020غا ئالاقىلىق رەسىملەر توغۇرلۇق پەرەزلەر The Economist’ten 2020 şifreleri! Abdullah Çiftçi tek tek deşifre etti

https://www.youtube.com/watch?v=5iBxBCpG_J0

21/12/2019 2020-يىلى غەرپتە دېموكراتىيەنىڭ ئورنى مۇنازىرە قىلىنىدۇ، يېڭى ھاكىمىيەت شەكلى ئورنىتىلىدۇ AVRUPA’DA BİR ANDA HER ŞEY DEĞİŞECEK! TÜRKİYE TEK TEK…!!! ABDULLAH ÇİFTÇİ’DEN OLAY SÖZLERhttps://www.youtube.com/watch?v=WssLjkSTBNM 8:45
19/03/2020 ب د ت دا يىغىن ئېچىلغاندا كورونا مەسىلىسى ھەل بولىدۇ DÜNYA HALİ – NELER OLUYOR?

https://www.youtube.com/watch?v=tT-wstgU_wU

20:14
19/03/2020 چىن ۋە ياۋروپا بىرلىكىدە 2021-يىلى يانۋاردىن باشلاپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئۆزەك (chip) تاقاشقا باشلايدۇ DÜNYA HALİ – NELER OLUYOR?

https://www.youtube.com/watch?v=tT-wstgU_wU

 

22:47

    يۇقارىدا مەن ئۆزۈم قىزىققان 17 تۈرلۈك ئالدىن پەرەز بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنى ۋە ئۆزى قىزىققان بېشارەتلەرنى يىغىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈستىدىكى ئالدىنقى شەرتلەر بويىچە، يۇقارقى 17 بېشارەتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە 12سى توغرا بولسا، 5% خەۋپ چېكى بىلەن، مەن بۇنى تەلەيگە تايىنىپ چىققان ھادىسە ئەمەس دەپ قوبۇل قىلىمەن.

  • يېتەرسىزلىكلەر

    بۇ تۈرلۈك ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بولسا، سىناق مودىلى قەستەن ئىككىلىك (Binomial) قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر بېشارەت قەستەن مۇستەقىل ۋە قوش ئاقىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە غەلبە ۋە مەغلۇبىيەت ئاقىۋەتلىرى تەڭ ھالدا 0.5 دەپ قارىدۇ. بۇ جەھەتتىن مودىللانغان ۋەقەلەر ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى ناتايىن. ھەمدە، نەزەرگە ئېلىنغان بېشارەتلەرنىڭ سانى تۆۋەن بولسا ئىستاتىستىكىلىق پەرق كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ھەمدە بېشارەتلەر بەك كېيىن، مەسىلەن يۈز/ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، كۆرۈلىدىغان بولسا؛ ياكى بەك مۈجىمەل ئىپادىلەنگەن بولسا بۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەسكە چۈشىدۇ.