ئەسەر مۇھىممۇ ياكى ئاپتورمۇ؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

بۇ ئەسلى ئەقىل بىلەن نەقىل، ئەقىل بىلەن قەلىب ئوتتۇرسىدىكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلاردىن بىرى بولسا كېرەك.

بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر كىتاپنىڭ ئاپتورىنىڭ ھەمجىنىسلىق بولىشى سىزنىڭ كىتاب ئوقۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ دىگەن سۇئالىدىن بۇ تېما كاللامغا كىلىپ قالدى. يېزىلغان ئەسەر بىلەن ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىىنىڭ، نىيەتنىڭ قانداق بولىشى توغرىسىدا تور دۇنياسىدا دائىم كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ، بىر مىنۇت بۇنىڭ پەلسەپىسى، مەنتىقى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا مەسىلىنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. بىر ئەسەر ئالدىڭىزغا سۇنۇلغاندا، بىر نوقتىنەزەر ئوتتۇرغا قويۇلدى دېگەن گەپ بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ نوقتىئنەزەرگە رەددىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا نوقتىنەزەر ساھىبىنىڭ كىشىلىكىكە رەددىيە بەرسىڭىز، بۇ مەنتىق ئىلمىدە سەپسەتە ھېساپلىنىدۇ، ھەم بىر خىل شەكىلدىكى مۇنازىرە تېمىدىن قېچىش دەپ قارىلىدۇ.

ئەمما ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ قائىدە ھەممىلا يەدە ئىشلىتىلەمدۇ؟ خىرسىتىيان، يەھۇدى دۇنياسى بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرسىدىكى مەنبە نوقتىسىدىن ئەڭ ئاساسىي پەرق رىۋايەت بىلەن رىۋايەت قىلىنغۇچىنىڭ شەخسىيىتى ئوتتۇرسىىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىشتا بولسا كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، مەيلى ئىنجىل بولغان، تەۋرات بولسۇن ئىسلام دىنى مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمىدەك سىستىمىلىق توپلانغان ئەمەس. مەيلى ھەدىس بولسۇن، مەيلى ئايەت كەرىمىلەر بولسۇن رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ شەخسىيىتى ئەڭ ئىنچىكە نوقتىلارغىچە ئىنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن جەزملەشتۈرۈلگەن.

مەلۇم مەنىدە ئەسەر بىلەن يازغۇچىنىڭ شەخسىيىتى تەڭ دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن. ئەمما غەرب مەدەنىي ئويغۇنىشتىن كېيىن ئەسەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىتىبارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئەقىلنىڭ ئورنىنى، ئىنساننىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ياشىغان كۈلتۈرىمىز بىزنىڭ بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر مىنۇت تەپەككۇر قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئاپتور كىملىكى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان ئەسەرنىڭ قايسىسىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالساق، ئۆزىمىزنى بىلىش ئۈچۈن بېسىلغان بىر قەدەم بولۇپ قالغۇسى.

ئىنكاس يازىمەن