ئاق پاراخوت – چىنگىز ئايتماتوۋ

ئاق پاراخوت
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

ئىلاۋە: بۇ رومان توغرىسىدا تەپسىلىي يېزىلغان خاتىرىلەر بار ئىكەن. رومان مەزمۇنىغا قىزىقىدىغانلار ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. بۇ خاتىرىدە رومان مەزمۇنىدىن زىيادە ماڭا تەسىر قىلغان نۇقتىلار خاتىرىلەندى.

رومان ھەققىدە

   1970- يېزىلغان [1]«ئاق پاراخوت» رومانىدا بىر تاغلىق جىلغىدا ياشايدىغان بەش – ئالتە كىشى بىلەن بوۋىسىدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولمىغان، پەقەت خىيال دۇنياسىدىلا بەختلىك بولۇشقا تىرىشىدىغان بىر بالىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىدىيەسىدىكى توقۇنۇشلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئاپتور روماننى تىراگېدىيەلىك شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئاچچىق ۋە قىپ-يالىڭاچ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان دېيىشكە بولىدىكەن.

روماندىكى پېرسوناژلار

  1. مۆمىن بوۋاي: ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، ئىنسانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان، تۇرمۇشتا تىرىشچان 60-70-ياشلاردىكى، «مۈڭگۈزلۈك بوغا ئانا» نىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى سۆيىدىغان، نەۋرىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بوۋاي. ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن بۇغىنىڭ ئالدىدا ھوشىدىن كېتىدۇ.
  1. روماندىكى باش قەھرىمان بالا: 6-7-ياشلاردىكى، ھېچبىر دوستى بولمىغان، خىيال پەرەس ۋە «بەختسىز» بىر بالا. بالىنىڭ ساپلىقى، پاك يۈرەكلىكى، ئىچكى دۇنياسىدىكى ھېسلىرىنى كەلگۈسىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. تەبىئەتنى سۆيىدىغان، روماندا ھېچ بىر يەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بالا، ئىنسانلارنىڭ مۈڭگۈزلۈك بوغا ئانىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە دەريا تەرەپكە يۈگۈرەيدۇ. نەتىجىدە دەرياغا چۆكۈپ كېتىپ قايتا كۆرۈنمەيدۇ.
  1. ئورۇزقۇل: مۆمىن بوۋاينىڭ كۈيئوغلى. ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىنسانلار ۋە تەبىئەتتىن نەپرەتلىنىدىغان، تەرسا بىرى بولۇپ، شۇ جىلغىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى. روماننىڭ ئاخىرىدا مۈڭگۈزلۈك بوغا ئانىنى ئۆلتۈرۈپ، مۈڭگۈزىگە ئېرىشىدۇ.
  1. بېكەي: مۆمىن بوۋاينىڭ قىزى، ئورۇزقۇلنىڭ ئايالى. تۇغماس بولغاچقا دائىم يولدىشىدىن تاياق يەيدىغان، شۇنداقتىمۇ ئىنتايىن خوش چىراي، سەۋرچان ياشاشقا تىرىشىدىغان ئايال.

   روماندا يەنە باشقا پېرسوناژلارمۇ بار بولۇپ، بۇ يەردە مۇھىم دەپ قارالغان پېرسوناژلارلا تىلغا ئېلىندى.

روماندىن ئۈزۈندىلەر

   «ئۇنىڭ ئىككى ھېكايىسى بار. بىرسى ئۆزىنىڭكى، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. يەنە بىرسى بوۋىسى سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە. كېيىن بۇ ئىككى ھېكايە ئىز- دېرەكسىز يوقالدى. نېمە ئۈچۈن؟ بىزنىڭ سۆزلەيدىغىنىمىزمۇ دەل مۇشۇ.»

   «بىر ئادەمنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈپ، چوڭ قىلىش ئۈچۈن بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈش بەكمۇ ئاسان، بىردەمدىلا ئۆلتۈرەلەيسەن.»

   «ئىنسانلار ئەسلىدە ئىنساندەك دۇنياغا كېلىدۇ ۋە ئىنساندەك غۇرۇرلۇق ياشايدۇ. لېكىن بەزىلەر ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، ئۆز غۇرۇرىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ، باشقىلارغا باغلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇلارنىڭ «ئىتى» بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

   «ئەجدادلىرىمىزنى ئەسلىيەلمىسەك يامان ئىشلارنى قىلىشتىن قورقمايدىغان بولۇپ   قالىمىز، چۈنكى ئەۋلادلىرىمىزمۇ بەرىبىر بىزنى ئەسلىيەلمەيدۇ، دەپ ئويلايمىز.»

   سەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىيالمايسەن. سەن ئۈزۈپ كەتتىڭ ئۇكا. سەن ئۆزۈڭنىڭ چۆچىكى ئىچىدە ئۈزۈپ كەتتىڭ. سەن ئۆزۈڭنىڭ مەڭگۈ بېلىققا ئايلىنالمايدىغانلىقىڭنى، مەڭگۈ ئىسسىق كۆلگە ئۈزۈپ بارالمايدىغانلىقىڭنى، ئاق پاراخوتنى كۆرەلمەيدىغانلىقىڭنى، ئۇنىڭغا: «سالام، ئاق پاراخوت، مانا مەن!« دېيەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟

   سەن ئۈزۈپ كەتتىڭ.

   مەن ھازىر مۇنداق بىرلا نەرسىنى ئېيتىپ قويالايمەن-سەن ئۆزۈڭنىڭ بالىلىق قەلبىڭ كېلىشەلمەيدىغان نەرسىنى ئىنكار قىلدىڭ. بۇ بولسا دەل مەن ئۈچۈن بىر تەسەللى. سېنىڭ ھاياتىڭ يالت قىلىپلا چاقماقتەك ئۆچۈپ كەتتى. چاقماق ئاسماننى سىجاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن ئاسمان مەڭگۈ شۇنداق تۇرۇۋېرىدۇ . بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر تەسەللى. ماڭا تەسەللى بولىدىغان نەرسە شۇكى، خۇددى ئۇرۇق ئىچىدە تۆرەلمە بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ بالىلىق ۋىجدان بولىدۇ،- تۆرەلمە بولمىسا، ئۇرۇق كۆكلىيەلمەيدۇ. دۇنيادا بىزنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ئىنسانلار تۇغۇلۇپ ۋە ئۆلۈپ تۇرىدىغانلا بولسا، ھەقىقەت مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ ……

   بالا، سەن بىلەن ۋىدالىشىدىغان چاغدا، سېنىڭ سۆزۈڭنى تەكرارلاپ قويماقچىمەن: «سالام. ئاق پاراخوت، مانا مەن!»

تەسىرات

   يېقىندا «7. كامېردىكى مۆجىزە» ۋە «بويالغان قوش» (بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن) ناملىق ئىككى فىلىم كۆرگەن ئىدىم. ئالدىنقىسى ناھايىتى تەسىرلىك ئىشلەنگەن بولسا، كېيىنكىسىدە نەچچە كۈنگىچە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلالىغۇدەك ئېچىنىشلىق ۋەقە تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. «ئاق پاراخوت» رومانىنى ئوقۇۋېتىپ بالىنىڭ بوۋىسى بولغان مۇناسىۋىتىنى ،كۆچمە دۇكاندىن سومكا سېتىۋېلىش سەھنىلەرنى «7. كامېردىكى مۆجىزە» فىلىمىدىكى ئاتا بىلەن قىزى ئوۋانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببىتىگە، سومكا سېتىۋېلىش سەھنىلەرگە ئوخشاتتىم. بالىنىڭ روماندىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى «بويالغان قوش» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژ يەھۇدىي بالىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئەسلەتتى. مەنچە «ئاق پاراخوت» مۇھەببەتكە تولغان تەسىرلىك سەھنىلەرنى تىراگېدىيەلىك ئاخىرلاشقان سەھنىلەر بىلەن ناھايىتى تەبىئىي ھالدا بىرلەشتۈرگەن ئېسىل بىر ئەسەر ئىكەن.

   مېنىڭچە بوۋاينىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزى بىر تىراگېدىيە. ئۆز ئوغلى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن، كىچىك قىزى باش پېرسوناژ بالىنى بوۋايغا تاشلاپ قويۇپ شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرىپ كەتكەن، چوڭ قىزى بېكەي بولسا زوراۋان، ۋاپاسىز ئورۇزقۇلغا ياتلىق بولغان. بوۋاي ئۆزىنىڭ تەبىئەتكە بولغان سۆيگۈسى سەۋەبلىك ئۇ يەردىكى تەبىئەتتىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن كىشىلەر تەرىپىدىن كۆز ئېلىنمايدۇ. ھەتتا «چېپىلغاق مۆمىن» دېگەن لەقەممۇ قويۇلىدۇ. ياشقا چوڭ بولۇشىغا قارىماي ھېچقانداق ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ھەتتا كۈيئوغلىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىككىنچى ئۆيلەنگەن ئايالى بولسا ئورۇزقۇلنىڭ تۇغماس ئۆگەي قىزىنى تالاق قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ بوۋاينى ئورۇزقۇلنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا زورلايدۇ. ئاخىرىدا ياشقا چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى، ئورۇزقۇلدەك كۈيئوغلىدىن ئايرىلىپ قالسا كۈن كەچۈرۈشنىڭ تەس بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئايالىنىڭ تولا گەپ قىلىشلىرىنى ئويلىدى بولغاي مۈڭگۈزلۈك بوغا ئانىنى ئېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۈڭگۈزلۈك بوغا ئانا ئۆلتۈرۈلۈپ، مۈڭگۈزى چېقىلىپ، گۆشلىرى پىشۇرۇلغان ۋاقىتتا مۈڭگۈزلۈك بوغا ئانىنىڭ چېپىلغان كاللىسى يېنىدا ھوشىدىن كېتىدۇ.

   بالىنىڭ ھاياتىمۇ بىر تىراگېدىيە . ئاتا- ئانىسى يېنىدا يوق. ئاتىسىنىڭ ئاشۇ ئاق پاراخوتتا ماتروسلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بېلىققا ئايلىنىپ شۇ ئاق پاراخوتقا ئۈزۈپ بارىدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ. دائىم دۇربۇن بىلەن ئاق پاراخوتنى ئۇ يوقاپ كەتكۈچە كۆزىتىدۇ. روماندا پەقەت تىراگېدىيەلىك سەھنىلەرلا ئەمەس، مۇھەببەتكە تولغان سەھنىلەرمۇ تولىمۇ تەبىئىي تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. مەسىلەن، كۆچمە دۇكاندىن سومكا سېتىۋېلىش، قىيا تاشلارغا ئىسىم قويۇپ ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىش، دۇربۇن بىلەن ئاق پاراخوتنى كۆرۈش قاتارلىقلار ئىنتايىن ئىللىق تۈس بېرىدىكەن.

   بوۋاينىڭ قىزى بېكەينىڭ ھاياتىمۇ بىر تىراگېدىيە. تۇغماسلىقتەك بىر قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، ئورۇزقۇلدەك زوراۋان ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇشنىڭ ئۆزى بىر ئېچىنىشلىق ئىش.

   ئورۇزقۇل ئەسلىدە روماندىكى ئەڭ چوڭ تىراگېدىيە بولسا كېرەك. بىر ئىنساننىڭ ئىنسانلارنى ۋە تەبىئەتنى سۆيمەس بولۇپ قېلىشى، كۈچىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق قىلىشى، مېھر – مۇھەببەتنىڭ يوق بولۇشى، كەيپ- ساپا بىلەن ئۆزىنى مەست قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشى ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تىراگېدىيە بولالايدۇ. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن بۇنى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىدەك ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

   نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، روماندا ئورۇزقۇلنىڭ زوراۋانلىقى ياخشىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ئېيتقىنىدەك «ياخشىلىق ھېچ بىر ۋاقىت يامانلىق تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنمايدۇ، ياخشىلىق پەقەت ئۆز- ئۆزىنى يوقىتىدۇ، خالاس»، ياخشىلىقنى مەغلۇپ قىلالمىغاندۇر.

   ئورۇزقۇلنىڭ ھاياتى ماڭا خارپېر لىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش» [2](To kill a mocking bird) رومانىدىكى ئاق تەنلىك دېھقان Bob Ewell نى ئەسلەتتى. ئىككىلىسى ئوخشاشلا قابىلىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئۆزگەرتەلمىگەن رېئاللىق ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىلەرنىڭ سىمۋولى بولالايتتى. Bob Ewell نامراتلىقتىن، ئېرىقچىلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلالماي باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئەمىن تاپقۇزۇشقا تىرىشقان بولسا ئ‍ورۇزقۇل بالىلىق بولالماسلىقتەك رېئاللىق ئالدىدا ئەتراپىدىكىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋان، ھاراقكەش كىشىلىككە ئىگە بولغان ئىدى.

   روماندا ياخشىلىق – يامانلىق، ئادالەت- زوراۋانلىق، شۈكۈر قىلىش- نەپسانىيەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر پېرسوناژلار ئىش- ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى ئېچىپ بېرىلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا پەرھات تۇرسۇننىڭ «مۇكەممەللىك ۋە كەمتۈكلۈك» ناملىق ماقالىسىدىكى چۆچەكلەر، ئىلغار ئەدەبىيات ۋە قالاق ئەدەبىيات توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى سېلىشتۇرمىسىنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى؛

چۆچەكلەر ئىلغار ئەدەبىيات قالاق ئەدەبىيات
تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئىلاجسىزلىق ئادەمنى ئۆزگەرتىش
ئەركىنلىك ئەركىنلىك مۇستەبىتلىك
ھايات ئىنسان سىياسىي
ئەبەدىيلىك ئۆزگىرىشچانلىق ئەبەدىيلىك
ۋەقە تۇيغۇ كۆز قاراش
شادلىق ئازاب شادلىق

   مەنچە يۇقارقى سېلىشتۇرمىدىن «ئاق پاراخوت»نىڭ نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى پەرەز قىلىۋالغىلى بولىدۇ. «ئاق پاراخوت» چۆچەكلەر بىلەن ئىلغار ئەدەبىياتنىڭ ئىچىدىكى پىسخىك يۆلىنىشىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئېسىل بىر رومان ئىكەن.

   قىسقىسى، «ئاق پاراخوت» ئوقۇپ باقمىغانلار ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىر كىتاب.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ئادرېسى: https://elkitab.org/wp-content/uploads/2019/04/Ag_Paraxot_Cengiz_Aytmatov.pdf

ھەبىبۇللا ئابلىمىت، «ئاق پاراخوت» ناملىق روماندىن تەسىراتلىرىم، https://www.akademiye.org/ug/?p=6930

[1] ئۇيغۇرچىسى 1981- يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، سوزۇق تاۋۇشلارمۇ تۇلۇق ئەمەس ئىكەن.

[2] Mocking Bird نى ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيدىغانلىقىنى تاپالمىدىم، شۇڭا تۈركچە تەرجىمىسىنى ئۆرنەك قىلىپ “بۇلبۇل” دەپ ئىشلەتتىم.

ئىنكاس يازىمەن