تەپەككۇر ۋە تۇزاق- ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

ئەسكەرتىش: پۈتۈن ” ” ئىچىگە ئېلىنغان مەزمۇنلار كىتابتىن ئەينەن ئېلىنغان.

مەن بۇ كىتاپتىكى يازمىلىرىمدا ھاياتىمىزدىكى مۇرەككەپ كۆرۈنگەن ھادىسىلەرنىڭ تەركىبلىرىگە نەزەر سالدىم ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى سىلەرگە قىسىندىم. بىزنى بىزلەشتۈرگەن تارىخنىڭ گاھ پارلاق، گاھ قاراڭغۇ بەتلىرىنى ۋاراقلىدىم. كەلگۈسىمىزنىڭ مەشئەللىرى بولغان بالىلار ھەققىدە ئويلاندىم. تەپەككۇرىمىزغا چاپلاشقان چاپاق ۋە رودىپايلارنى ئايرىپ چىقاي دەپ ئىزدەندىم. ھۆرلۈك سەپىرى تەپەككۇرىمىزنى بوغۇچلىغان توزاقلارنى پاچاقلاشتىن باشلىنىدۇ دەپ ئىشىنىپ قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم.”

كىتاب مۇقاۋىسىدىن ئېلىنغان يۇقىرقى ئىپادىلەردىن ئاپتورنىڭ نىمە ئۈچۈن، قانداق ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق بۇ كىتابنى يازغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتور ھىس قىلغانلىرى ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن بەزىدە قامچىلىسا بەزىدە مەدھىيلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي، سىياسى، دىنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. كىتاب 60  پارچە پوبلىستىك (سىياسىي-مۇھاكىمىلىك) ۋە باشقا  يازمىلاردىن تەركىپ تاپقان. تار مىللەتچىلىك ئاساسىدا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ مۇھىملىقى، دىندىكى ئاشقۇنلۇقنىڭ مەنبەسى ۋە تەسىرى، دىننى چۈشىنىشتە سەۋەپ-نەتىجە قانۇنىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى، دېموكراتىيە، ئاياللار ھوقوقى مەسىلىسى ئاساسى تېما قىلىنغان. بۇرۇن توردا ئېلان قىلىنىپ بولغان يازمىلىرىدىن باشقىلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ يېڭى ھادىسە/ۋەقەلەرنى مەركىزى ئورۇنغا قويغان.

«تەپەككۇر ۋە تۇزاق» دەپ كىتاب ئىسمى تاللانغان بولسىمۇ ئىلمى پىكىر، دەلىللەردىن زىيادە ھېسسىي پىكىرلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يۇلۇقۋاتقان ئىجتىمائى، سىياسى، كۈلتۈرەل ۋە دىنى مەسىلىلەر، ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئىلمى تەپەككۇردىن زىيادە ئەدەبىي ئەسەر شەكلىدە ئوقۇپ چىقىشىغا ماس كىلىدىكەن.

يازمىلاردە ئاپتورنىڭ گاھ نەپرەت تۇيغۇسىغا تولغان جۈملىلىرىنى، گاھ تەمكىن تەپەككۇرىنى، بەزىدە ھېرىپ قالغان سىماسىنى ۋە بەزىدە قاتتىق قاقشاشلىرىنى ئۇچرىتىش،ھىس قىلىش، كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىش تەس بولمىسا كېرەك. مەسىلەن بىر يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر ئوي بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. “بەزى گەپلەرنى يازماي چىرايلىق داستىخاندا تۈگەتسىمۇ، دېمەي ئىچىگە يۈتىۋەتسىمۇ بولاتتىغۇ!بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلاپ ۋەتەن، ۋەتەن دىگەن بىلەن مۇساپىرنىڭ ۋەتىنى دوستلارنىڭ كۆڭلى ئىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم. ۋەتەننى ئالالمىساقمۇ دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا بولسىمۇ تىرىشقان ئەۋزەلكەن ئەسلى.[1] بۇ يەردىكى ئاپتورنىڭ روھى ھالىتىدىن بىر خىل رېئاللىققا بولغان تەسلىمىيەت چىقىپ تۇرسا باشقا يازمىلىردا قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن قىلغان تەنقىتلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

كىتابتىكى تەپەككۇر ئۈزۈندىلىرى:

1.”تارىخ ئۆتمۈشنى كۆرىدىغان ئەينەك بولسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ رىئاللىقنى كۆزىتىدىغان كۆزەينەك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.[2]

2.”كىشىلەر جەمئىيەتكە ئىلاھىيەت ۋە روھانىيلىق پەنجىرىسىدىن قارايدىغان، دۇنيانى ئاق ۋە قارا دەپ ئىككىگىلا ئايرىپ تونۇيدىغان، ھەممە ئىشتىن ئاق-قارىنى ئايرىيمەن دەپ ئەسەبىيلەرچە كۈچەپ ئارىدا كۆك،قىزىق ۋە سېرىق ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن. ئاقىۋەتتە كىشىلەر ھەر قانداق ئىشتا، ھەر قاندا مەسىلىگە يولۇقسا ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق بولۇپ ئايرىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.[3]

كىتابتىكى  دىققىتىمنى تارتقان يېڭىچە پىكىرلەر:

1.”كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ روشەن سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدەنمىگەندە تەئەللۇقاتىغا ئوغرى كىرسە، رەمچىنى ئىزدەيدىغان ئىش چىقىدۇ. چۈشنىڭ ئىلمىي سەۋەبىنى بىلمىگەندە، ئۇنىڭ بىر نورمال پىسخىك پائالىيەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز، ئۇنىڭ ھېچ نېمىدىن بىشارەت بەرمەيدىغانلىقى ۋە ھېچ نېمىگە تۈرتكە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي، تىلەمچىدىن دۇئا تىلەيدىغان، بۈۋۈمدىن پاناھ تىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان گەپ. «قۇتادغۇبىلىك» تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ چۈشنى بىر نورمال روھىي ھادىسە دەپ يازغان ۋە چۈشتە مەلۇم رەڭلەرنىڭ كۆپ بولۇشىنى بەدەندە كۆرۈلگەن تەڭپۇڭسۇزلۇققا باشلاپ چۈشەندۈرگەن. ئەپسۇسكى، كىتاب يېزىلىپ مىڭ يىل ئۆتۈپ، كىشىلەر تېخىچە چۈشتىن بىشارەت ئىزدەش بىلەن ئاۋارە، شۇڭا تەبىرنامىلەر بازارلىق.[4]

ئاپتور بۇ يەردە چۈش بىلەن ئالاقىلىق ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ياكى ڧىروئىدچە نۇقتىدىن كەسكىن بىر شەكىلدە چۈشنىڭ بىشارىتىنى رەت قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا چۈش تەبىرىنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىشى، چۈش تەبىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، چۈشنىڭ ھېچ نېمىدىن بىشارەت بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. قىزىققۇچىلار يۈسۈپ ئەلەيھسسالامنىڭ قىسسىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىسلەردىن پايدىلانسا ياكى ئىشنىڭ ئەھلى بولغان دىنى ئۆلىمالاردىن تەلىم ئالسا بولىدۇ. ڧىروئىدچە چۈش تەبىرلەش مېتودىنى دىننىڭ ئىچىگە سوقۇش سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى.

2.”شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ھاكىمىيەت ۋە تىجارەتكە مەسچىتتە تۇرۇپلا قارار چىقىرىدىغان بولۇۋالدى. بەزىلەر ھاكىمىيەت تەرەپكە ئۆتۈپ روھىيەتكە قازى بولىۋالدى. بەزى تىجارەتچىلەر بازار ئېچىشتا ئۆلىماغا تايىنىپ يۈز يۇيىدىغان سوپۇندىن تارتىپ قول ئېتىدىغان قەغەزگىچە پەتىۋا سورايدىغان كۈنگە قالدى. كىشىلەر ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمىسە، تىجارەتنىڭ قانۇنىيىتىدىن كۆرۈپ، بۇ ساھەنىڭ ئىلىمدارلىرىنى ئىزدىمەي موللىنى ئىزدەيدىغان غەلىتە خۇيلۇق بولىۋالدى.” [5]

بۇ بۆلۈمدە كىيىنكى يېرىمىغا «قوينى قاسساپ سويسۇن» قائىدىسىگە ئاساسەن قوشۇلساممۇ، ئالدىنقى يېرىمى مىنى ئويغا سېلىپ قويدى. ئوخشاش قائىدە بىلەن يولغا چىقساق، بازار ئېچىشتىمۇ پەتىۋانى ئىشنىڭ ئەھلى موللىدىن سورىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھەرگىزمۇ تىجارەتچىدىن بازار ئېچىشنىڭ پەتىۋاسى سورالمايدۇ. ئەگەر تىجارەت قىسمىنى نەزەرگە ئالساق ئاندىن تىجارەتچىدىن سوراشقا توغرا كېلىدۇ. پەتىۋا بېرىش جەريانىدا موللىغا تىجارەتچىنىڭ ياردەمچى بولىشى ئايرىم مەسىلە. شۇڭا بازا ئېچىشتا ھەممە نەرسىنى موللىدىن سورايدىغان كۈنگە قالغانلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى موللىلارنىڭ تىجارەت بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشى ھەقىقىي مەسىلە. موللىنىڭ تىجارەتنى بىلمەسلىكى، پەتىۋانىڭ تىجارەتچىدىن سورىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

3.ئىستانبۇلدا بىر يىغىن ئېچىلىپتۇ. ئاخىرى 12 گە قارشى 18 ئاۋاز بىلەن ئېچىلغان يىغىندا جەمئىيەتنىڭ ئىسمىگە ئۇيغۇر كەلىمىسىنى ئىشلەتمەيدىغانغا قارار بېرىلىپتۇ. “ئۇلارنىڭ زاكۇنەچە ئۇيغۇر دېگەن نامنى رۇسلار قويۇپ بەرگەنمىش. ئۇنداقتا «ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان» دېگەن تارىخنىمۇ مىرزا ھەيدەر كوراگان ئەمەس، رۇسلار يازغانمۇ؟… ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەخەللۇسىنى رۇسلار قويۇپ بەرگەنمۇ؟”[6]

قەدىمقى قەبىلە بىلەن مودېرن مەنىدىكى مىللەت ئۇقۇمى ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك. رۇسلارنىڭ تاشكەنت قۇرۇلتىيى، مىللەتچىلىك ئېقىمى، مىللى دۆلەت چۈشەنچىسى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتار جەدىتىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بۇ مەسلە ئۈستىدە دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇر كەلىمىسىنى قوللانماسلىقنى تاللىغانلارنىڭ ئۇيغۇر نامنى رۇسلار بەرگەن دېيىشى ئۇيغۇر دىگەن تار مىللەتچىلىك كىملىكنىڭ مەلۇم ئىدېئولوگىيىلەر\ ئەقىدە پەرقلىقلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىنغانلىقىدۇر. لېكىن ئاپتورنىڭ ئارقىسىدىن رەددىيە سۈپىتىدە سورىغان سوئاللىرى بولسا ئۇيغۇر كەلمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسى. ھالبۇكى ئۇيغۇر كەلىمىسى ئەلشىر ناۋايدىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى، ئۇ ئىسىمنى رۇسلار ئىجات قىلمىغان. بۇنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ دىئالوگدا دېيىلىۋاتقان  ئۇيغۇر نامىنى رۇسلار بەرگەن دېگىنى رۇسلارنىڭ ماركسىزمچى مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان تار مىللىيەتچىلىكتىكى ئۇيغۇر ئادىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر كەلىمىسنىڭ تۇنجى ئىشلىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر كەلىمىسنىڭ مىللى دۆلەت ئېقىمى، ماركسىزمچى مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ  مەھسۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى مەسىلىلەر.

 كىتابتىكى مەنتىق خاتالىقلىرى:

1.تېلېفوندا بالىسىغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلمىغان دوستى بىلەن ئاپتور ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگ

ئا: سىلى بولساڭلىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەڭلا بالاڭلىغا!

ب:ئاللاھ ئۇ دۇنيادا تىلىمىزدىن سورىمايدۇ، دىنىمىزدىن سورايدۇ. بالام ياخشى بىر مۇسۇلمان بولسا ماڭا پەرىز قىلىنغىنى شۇ.

ئا: ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ئۇيغۇرچە بىلمەسمۇ؟ بۇ دۇنيادىغۇ ئۇيغۇر تىلىغا دۆلەت ياراشمىدى، ئۇ دۇنيادىمۇ تىلىمىز ئاللاھقا يارىماسمۇ؟”[7]

مۇلاھىزە: ئۇ دۇنيادا ئۇيغۇرچىدىن سورىمايدۇ دېگەندە سوئالنىڭ ئوبىكىتى بولغان شەيئىي تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. يەنى دىنىمدىن سورىلىمەن، ئۇيغۇرچە بىلىمەنمۇ بىلمەيمەنمۇ ئۇنى مەندىن سورىمايدۇ دىگەن مەنىدە. ئاپتورنىڭ گىپىدە بولسا سۇئال سورىغۇچىنىڭ ئىلمىنى رەددىيە ئۈچۈن دەلىل قىلىپ قوللانغان. ئاللاھ ئۇيغۇرچىنى بىلىدۇ دەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنساندىن سەن ئۇيغۇرچە بىلەمسەن دەپ سورايدىغانلىقىدىن، ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

2.”بىر ئەپسۇسلۇق، بىر ئاچچىق ئازاپ قانلىرىمنى مۇزلاتتى. 21- ئەسىردە، مەكتەپلەردە ئايرىم دىن دەرسى ۋە مەخسۇس قۇرئان دەرسى ئۆتۈلىدىغان تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پەرزەنتى ئاللىقاچان قۇرئان ئوقۇشنى، مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ قارشىسىغا قويۇپ بولغان ئىدى.[8]

مۇلاھىزە: بۇ يەردە ئاپتورنىڭ يۇشۇرۇن ھالدا قوللانغان بىر پەرىزى بار. «21- ئەسىردە مەكتەپلەردە ئايرىم دىن دەرسى ۋە مەخسۇس قۇرئان دەرسى ئۆتۈلىدىغان تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار دىنىنى توغرا ئۆگىنەلەيدۇ.» دىگەن پەرەز. لېكىن قۇرئان ئوقۇشنى مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ قارشىسىغا قويغان ئوقۇغۇچىنىڭ نەزىرىدە بۇ پەرەز پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا بۇ جۈملە پەقەت ئاپتورنىڭ شەخسى سۇبيىكتپ قارىشىنى گۇيا ئىلمى ئاساسى باردەك ئىپادىلىگىنى خالاس.

3.”ئەگەر ئاياللار ئەرلەردىن قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ. دېگەن ھۆكۈم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولسا، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن قانچە خۇپىيانە بولىشى ئۇلارنىمۇ ئاياللاردەك قىممەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.[9]

ئاساسسىز بىر ھۆكۈمگە خاتا بىر لوگىكا بىلەن خاتا يەكۈننى ئىشلىتىپ رەددىيە بېرىش بوپ قالغان. “ئاياللار ئەرلەردىن قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە قىممەتلىك” بۇ بىر ئاساسى ئاجىز بولغان . ئەگەر A بولسا، ئۇنداقتا B بولىدۇ دىگەن جۈملىدىن، ئەگەر B بولمىسا، ئۇنداقتا A بولمايدۇ دىگەن ھۆكۈم چىقىدۇ. « ئاياللار ئەرلەردىن قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ» دىگەن ھۆكۈمدىن «ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن قانچە خۇپىيانە بولسا شۇنچە قىممەتكە ئىگە بولىدۇ» دىگەن ھۆكۈم چىقمايدۇ. بۇ ئىككىسى ئايرىم ئايرىم ئىسپاتلىنىشى كېرەك بولغان پەرقلىق ھۆكۈملەر.

كىتابتىكى مەنبە مونوپوللۇقى:

ئاپتور كىتابنىڭ خېلى كۆپ يەرلىرىدە سەيىد قۇتۇپ توغۇرلۇق بايانلاردا بولۇنغان. «ئۇيغۇرلاردا قۇتۇپچە ئىسلام» ناملىق يازمىسىدا بولسا ئۆز پىكىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەزى دەلىللەرنى قوللانغان. بىر ئۆرنەك:

سەيىد قۇتۇپ ئىنسانىيەتنى مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىگە ئايرىغان، جەمئىيەتنى جاھىلىيەت ۋە ئىسلامىيەت دەپ ئىككىگە ئايرىغان، مەدەنىيەتنى ئىسلامىي ۋە جاھىلىيە دەپ ئىككىگە ئايرىغان، ھاكىمىيەتنى ئىلاھىي ھاكىمىيەت ۋە ئىنسانىي ھاكىمىيەت دەپ، تۈزۈمنى ئىلاھى تۈزۈم ۋە ئىنسانىي تۈزۈم دەپ ئىككىگە ئايرىغان. بۇنداق تەپەككۇر كوممۇنىستىك ۋە ڧاشىستىك خاھىشتىكى كىشىلەرگە ئورتاق بولۇپ، ئەزەلدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ.[10]

ئاپتور بۇ يەردە بۇ ئابزاسنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تور ئۇلىنىشىنى يازغان. http://www.islamagainstextremism.com/  بۇ تور بېكەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىلمى مەنبە بولالايدىغانلىقىنى تور بەتكە كىرىپ كۆرۈپ باققانلار بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئازراق تور بەت ئادرېسىغا سەزگۈر، مەنبە ئىشلىتىش قائىدىسىنى بىلىدىغانلار تور بەت ئىسمىدىنلا بىلىۋالالايدۇ. ئەگەر ئاپتور يازمىسىنى ئىلمى بىر ئۇسۇلدا يازىمەن، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىمنى ئىسپاتلايمەن دەيدىكەن سەمىمىيلىك بىلەن ئېتراپ قىلىنغان ئىلمى مەنبەلەردىن پايدىلىنىشى كېرەك. ئەگەر مىنىڭ يازغىنىم پەقەت ھېسسىي، ئەدەبىي يازما دەپ قارىسا، كىتاب ھەقىقەتەن ئىسىمى جىسمىغا لايىق تۇزاق بوپ قالغان بولىدۇ. بۇ يەردە مەنبە سۈپىتىدە توربەت ئادرېسىنىڭ يېزىلىشى ئارتوقچە. بۇنداق بولمايدىكەن، سەييىد قۇتۇپنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قوللىغۇچىلار ئاچقان ئۈستىدىكى توربەتكە ئوخشاش ئاشقۇن تور بېكەتلەر ئاپتور ئۈستىدە دىگەن نۇقتىئىنەزەرلەرنى سۆكۈشكە يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ. ئۆز نۇقتىنەزىرى قوللاش ئۈچۈن ئاشقۇن پىكىردىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىش تەپەككۇر قىلىش ھېسابلانمايدۇ. ئۇ ئۆز نۇقتىئىنەزىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەنبە تاللىماي ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.

مەزكۇر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىنغاچقا كىتابنىڭ ئاخىرى خۇددى ئۈچ يۈز بەتلىك كىتابنى نەشىر قىلىش ئۈچۈن ، يېزىش ئۈچۈن يازغاندەكلا بىلىندى.

كىتابتا نۇرغۇن ئىنساننى سۆيۈندۈرىدىغان، ئۇسسىغان قەلبىگە ھوزۇر بېغىشلىيالايدىغان يازمىلار مەۋجۇد. بۇ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىدە «تەپەككۇر ۋە تۇزاق» ناملىق كىتابنىڭ ياخشى يېزىلغان تەرەپلىرىدىن زىيادە، دىققىتىمنى تارتقان، تېخىمۇ ياخشى بولالايتتى دەپ قارىغان نۇقتىلاردىن بىر قانچىسى ئۆزنەك سۈپىتىدە يېزىلدى. قالغىنىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ئوقۇپ ھېس قىلالايدۇ.

 

كىتاب ئۇچۇرلىرى:

«تەپەككۇر ۋە تۇزاق»- ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇريار يۈرۈشلۈك كىتابلىرى 2

سىيەر نەشرىياتى

978-605-2375-95-2: ISBN

2018-ئىيۇل بىرىنچى نەشىرى

[1] ئابدۇۋەلى ئايۇپ،تەپەككۇر ۋە تۇزاق، 65-بەت

[2] 32-بەت

[3]  58-بەت

[4] 50-بەت

[5] 60-بەت

[6] 227-بەت

[7] 64-بەت

[8] 86-بەت

[9] 117-بەت

[10] 250-بەت

ئىنكاس يازىمەن