elbilhesen.com
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش - ئەلدەر - ئەلبىل بلوگى
مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن مىڭ يىل بۇرۇن يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تونۇشتۇرۇلماس. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (نۆۋەتتە دىۋان دېيىلىدۇ) 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە قايتا بايقىلىپ، نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللاردا، كۆپلىگەن نەشىر نۇسخلىرى ۋۇجۇتقا چىقتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نەشرى 1980-يىلدىن 1984-يىلغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىدا ئۈچ توملۇق قىلىنىپ نەشىردىن چىقتى[1]. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن نەشىرلىرى روياپقا چىقتى. دىۋان – كۆپلىگەن تىلشۇناسلار تەرىپىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقاتچىلار، ھەۋەسكارلار ۋە خەلق ئاممىسى، دىۋاننىڭ ئۆزگىچە تۈزۈلۈشى تۈپەيلى، ئۇنىڭدىن سۆز ئىزدەشنى ئۇقمايدۇ. دىۋاندىن نەقىل ئېلىشقا كەلسەك، توردىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى تىلغا ئېلىشقۇ بىھاجەت، ھەتتا بەزى ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە كىتابلاردىمۇ دىۋاندىن نەقىل ئېلىنغان سۆزنى ئوقۇرمەن شۇ نەقىل مەنبەسى بويىچە ئۆزىنىڭ قولىدىكى دىۋاننىڭ نەشىر نۇسخسىدىن تاپالىشى مۈشكۈل.