elbilhesen.com
مەرھەمەت قىلمىغانغا، مەرھەمەت قىلىنمايدۇ.
ئاخىرى يۇقىرىدا دېيىلگەن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، ھازىر يېنىمىزدىكى "قېرىنداشلىرىمىز" ئۈچۈن قانداق قىلىۋاتىمىز، ئۇلارغا ئۈستىدە تىلغا ئالغان مىسالدىكى قېرىنداشلاردەك چاكىنىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇق ياكى پېنسىيەگە چىققان مۇئەللىمدەك ئاۋايلاپ، ئاسراپ مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇق، دېگەن سوئاللارنى سوراپ باقساق، ئۈستىدىكى سوئالغا جاۋاب تاپقىلى بولىدىكەن دېگەن قاراشقا كەلدىم. چۈنكى يېنىدىكى ھازىر بولغان مىللىي، دىنىي، ئورتاق كەچمىشى بولغان قېرىندىشىغا مېھرىبانلىق قىلالمىغان، ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئاتا- ئانا، ئۇرۇق - توغقان، قېرىنداشلىرىغا مېھر - شەپقەت قىلالىشى ناتايىن دەپ بۇ خىياللىرىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.