elbilhesen.com
مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك
روماننىڭ تەسۋىرلىرى ئاجايىپ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ھەم رەڭدارلىققا ئىگە. بىر قارىسا كىتابخان ھېكايىنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ھايات ھەقىقەتلىرىدىن ئەقلى لال بولۇپ، روھىي جەھەتتىن بىر مەزگىللىك ھاڭ – تاڭلىققا چۆكىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئۇزاق بىر دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇرۇلمىسى تەرتىپسىز ۋە يەنە مۇنتىزىم، كىشىنى جەلپ قىلىش كۈچى چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە. "مېنىڭ ئىسمىم قىزىل" دا بىر سەنئەتكارانە روھ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، غايىۋى ئوبرازلار تۈركۈمى ۋە كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي پەللە تۇرۇپتىكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانىيە جەمئىيىتىنى مۇكەممەل ماي بوياق رەسىم ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا يورۇتۇپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ