ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق.
– فىرېدرىخ نىچشې
ئەسكەرتىش: Post Truth بەزى مەنبەلەردە ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا كېيىنكى ھەقىقەت دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار داۋامى...
جاھىللار نېمىشقا ئۇتۇق قازىنالايدۇ؟

جاھىللار نېمىشقا ئۇتۇق قازىنالايدۇ؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت كرۇگېر ئېففېكتىگە (Dunning–Kruger effect) ئاساسلانغاندا، ئادەم كىچىككىنە بىر نەرسە بىلىۋالغان ۋاقتىدا ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىپ كېتىدۇ؛ بىلىمنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئىشەنچىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلىمنىڭ جۇغلانمىسىغا ئوڭ تاناسىپ شەكلىدە ئېشىپ بارىدۇ.

جاھىللار نېمىشقا ئۇتۇق قازىنالايدۇ؟ داۋامى...
رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 6 مىنۇت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكى كىتابىدا  لېنىن توغرۇلۇق بىر دەرس بولىدىغان. ئاشۇ دەرىسلىكتە  « سانت پېتىربۇرگنىڭ غەربى شىمالىدا…» دەپ بىر جۈملە بولىدىغان. بۇ دەرسىنىڭ نەرى تەسىر قىلىپ كەتتى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. رۇسيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، كونا پايتەختى ۋە ياۋروپانىڭ 4- چوڭ شەھىرىگە زىيارەتتە بولۇپ قېلىشىمنى ئۇخلاپ ئويلىساممۇ خىيالىمغا كىرىپ قالمايتتى.

   ئەگەر سانت پېتىربۇرگنى بىر جۈملە بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىن دىسە، ئىچى پۇشۇپ قالسا يامغۇر ياغىدىغان، ئورمانلىق بەك جىق، يېشىل ۋە نەملىك، بىپايان تۈزلەڭلىك بىر يەركەن، دەپ تەسۋىرلىگەن بولاتتىم.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X داۋامى...
ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 24 مىنۇت   «ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە» ناملىق كىتاب «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ غەيبىيات ۋە تەئۋىل سېستىمىسىغا، ئۇنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇن؟» دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان. دىنىي نۇقتىدىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىۋىي ئۈچ مەزھىبىنىڭ بىرى بولغان ئەشئەرىي مەزھەپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان، ھۆججەتۇل ئىسلام – ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ تەپسىر/ تەئۋىل ئەندىزىسى ۋە غەيبىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان. كىتابتا ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسى – دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلمىي نۇقتىئىي نەزەردىن –تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى يەكۈن ئىسلام دىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەقىدە جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى داۋامى...