ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان كارتون رەسىملەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت يېقىندا PLATON BİR GÜN BİR KARİKATÜR ÇİZER (ئەسلى ئىسمى: I Think, Therefore I Draw ) ناملىك كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم. كىتابتىكى ھەر بىر باب بىر پەلسەپە تېمىسىغا ئالاقىدار بولۇپ، ھەر بىر تېما كارتون رەسىم ئارقىلىق جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن ئىكەن. ئەگەر ئۆزىڭىز ھەققىدە ئىزدىنىشنى خالىسىڭىز، پەلسەپە ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز، …

ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان كارتون رەسىملەر داۋامى...
دادامغا خەت

دادامغا خەت – سەيياھ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت سالام قەدىرلىك دادا!

ساڭا يېزىشقا تەمشىلىپ بولۇپ يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ساناقسىز خەتلىرىمدىن بىرسىنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمەن. كۆرۈشمىگىنىمىزگە 6 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ 6 يىلدا 60 يىللىق ئۆمربمگە يەتكۈدەك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. ئەلۋەتتە، ئۇنتۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان قاباھەتلىك قىسمەت ۋە ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ ئۆز پەيلىنى ھېس قىلدۇردى. ھايات مورىغا ئوخشايدۇ، دەيتتىڭ، ئاندىن،-تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى تۈتۈن بىلىدۇ،-دەپ قوشۇپ قوياتتىڭ. شۇنداق، ھايات مورىغا، تۇرمۇش تۈتۈنگە ئوخشايدىكەن. تۇرمۇش قايناملىرىغا غەرق بولماي تۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تىتىماي تۇرۇپ، ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرىنى بېىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ تۈتۈننى ھېس قىلمايدىكەن، بۇ مورىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەن ئىنسان. سۆزۈمنى باشلا-باشلىمايلا دەرت ئوقۇپ كەتتىم-ھە! ئىچىمدىن نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋاتىمەن!

دادامغا خەت – سەيياھ داۋامى...
جاھالەت سائادەتتۇر

جاھالەت سائادەتتۇر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت مۇشۇنداق بىر زاماندا ھەر ئۇچرىغان بىلىمنى ئىستىمال قىلىش ھەم ئىسراپچىلىق ھەم ئۆزىگە قىلىغان زۇلۇمدۇر. ئەڭ مۇھىمى ھاياتنىڭ نىشانىدىن چەتنەپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھاياتنىڭ مەقسىتى ئانلىق ئىستېمالدىن كېلىپ چىققان ۋە زاۋالغا تولغان لەززەت ئەمەس، بەلكى قانائەتتىن شەكىللەنگەن سائادەتتۇر. قانائەتنىڭ بىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان بىر مۇھىتتا، جاھالەتنى بەزىدە سائادەتكە ئېلىپ بارالايدۇ، دېسەك بەك خاتالاشقان بولمايمىز دەپ قارايمەن.  

جاھالەت سائادەتتۇر داۋامى...