بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى - دېل كارنېگى

بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى – دېل كارنېگى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت      يېقىندىن بويان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشۋىشلىرىم بۇرۇنقىدىن بەكرەك بىئارام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇڭا بۇ تېمىغا ئالاقىدار بىرە كىتاب ياكى لېكسىيە ئىزدەپ ئۆزۈمگە قايتىۋالاي دېگەن مەقسەتتە تور ئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. ئويلىغىنىمدەك يۇتۇپمۇ  (Youtube) ئۆزىگە خاس ئالگورىتمىسى ئارقىلىق ماڭا ماس كېلىدىغانلىرىنى تەۋسىيە قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن « بېسىم ۋە …

بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى – دېل كارنېگى داۋامى...
پاراسەت-≠-ئىدراك

پاراسەت ≠ ئىدراك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت پاراسەت ≠ ئىدراك ئالدىنقى يازمىدا مەدەنىيەت بىلەن كۈلتۈرنىڭ پەرقىنى ئاددىي شەكىلدە رەتلەپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن پاراسەت بىلەن ئىدراكنىڭ پەرقىنى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق ئايرىشقا تىرىشقان يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. گەرچە چەك- چېگرانى بۇنچىلىك ئېنىق ئايرىشنى توغرا ۋە رېئالىستىك ئىش دەپ قارىمىساممۇ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم.     ئەقىل …

پاراسەت ≠ ئىدراك داۋامى...
كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت كارل ۋىتېرنىڭ تۇلۇق ئىسمى Johann Heinrich Friedrich Karl Witte بولۇپ، 1800- يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيىنىڭ داڭلىق قانۇنشۇناسى. كارل 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىئالغان ھەم بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن.تا ھازىرغىچە «يېشى ئەڭ كىچىك دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى« دۇنيا جىنىس رېكورتىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. كارل توققۇز ياشتا گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە گرېتسىيە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولغان ئىكەن. كارلنىڭ دادىسى- چوڭ كارل (بىر خرىستىيان پوپ)  كىچىك كارلنىڭ 14 ياشقىچە بولغان تەربىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. ئەسلىي كىتاب 1000 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مائارىپ نەزەرىيىلىرى ئىگىلىگەن ۋە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئانچە زۆرۈر بولمىغان جايلارنى قىسقارتىپ يىغىنچاقلىغان.

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر داۋامى...
«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە ئەلدەر

«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە- ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 17 مىنۇت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى كۆك رەڭنى ئىلاھ دەپ قارىمىغان. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەردىن كېيىنكى قانائىتىم، تىلشۇناسلىق جەھەتتىن «كۆك» سۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەنىسى رەڭ ئۇقۇمى. «تەڭرى» سۆزى قەدىمدە ھەم ئىلاھنى ھەم ئاسماننى بىلدۈرگەن. مەڭگۈ تاشلاردىكى «كۆك تەڭرى» سۆزى ئومۇمەن «كۆك ئاسمان» مەنىسىدە، كېيىنچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، «تەڭرى» سۆزى ئاسماننى بىلدۈرمەيدىغان بولغان، ۋە شۇ دەۋردىن باشلاپ «كۆك تەڭرى» خۇسۇسەن تەڭرىچىلىك (شامان دىنىنىڭ تۈركلەردىكى تۈرى) دىكى ئەڭ مۇھىم ئىلاھنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. دىنشۇناسلىق جەھەتتىكى بايانلار ئوچۇق ئېنىق ئەمەس ۋە بىر بىرىگە زىت. لېكىن مەۋجۇت بايانلاردىن «كۆك تەڭرى»نىڭ كۆك رەڭلىك تەسۋىرلەنمىگەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ.

«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە- ئەلدەر داۋامى...