ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھتىد

«ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھدىت» – كىتاب تەۋسىيەسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 10 مىنۇت شۇڭا، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئولتۇرىۋېلىپ، ئىشلارنى ياندىن كۆرۈشنى قارار قىلىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما كېلەر قېتىم مەن بىر مۇسۇلمان «رەھبەر» تەرىپىدىن مالكولم X ياكى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ۋە پرىنسىپچان بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا دەرس ئاڭلىسام، بۇ چوڭ پاراڭنىڭ زادى نەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. سەن مالكولم X ۋە مۇھەممەد ئەلىنى ئۆزۈڭگە نىسپەت بېرىپ، ئەمما ئۇلار دۇچ كەلگەن بەتنام، جاپا-مۇشەققەت ۋە مالامەتكە ئۇچرىغۇڭ يوقمۇ؟ ماقۇلە.

«ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھدىت» – كىتاب تەۋسىيەسى – ئەلدەر داۋامى...

تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 10 مىنۇت ھەربىر ئۇيغۇر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتابلاردىن بىرى بولغان «تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ تۇنجى قىسمىنى خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغان بولساممۇ، 2-قىسمى توردىن تېپىلمىغاچقا تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە 1-ۋە 2-قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تولۇق نۇسخسى» تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلىلا نەشىر قىلىنىپ بولۇپتىكەن. شۇڭا كېچىكىپ تاپقان بۇ كىتابنى ئوقۇغاچ، ماڭا بەك تەسىر قىلغان يەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. بەلكىم سىزنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى داۋامى...

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق.
– فىرېدرىخ نىچشې
ئەسكەرتىش: Post Truth بەزى مەنبەلەردە ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا كېيىنكى ھەقىقەت دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار داۋامى...
رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 6 مىنۇت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكى كىتابىدا  لېنىن توغرۇلۇق بىر دەرس بولىدىغان. ئاشۇ دەرىسلىكتە  « سانت پېتىربۇرگنىڭ غەربى شىمالىدا…» دەپ بىر جۈملە بولىدىغان. بۇ دەرسىنىڭ نەرى تەسىر قىلىپ كەتتى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. رۇسيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، كونا پايتەختى ۋە ياۋروپانىڭ 4- چوڭ شەھىرىگە زىيارەتتە بولۇپ قېلىشىمنى ئۇخلاپ ئويلىساممۇ خىيالىمغا كىرىپ قالمايتتى.

   ئەگەر سانت پېتىربۇرگنى بىر جۈملە بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىن دىسە، ئىچى پۇشۇپ قالسا يامغۇر ياغىدىغان، ئورمانلىق بەك جىق، يېشىل ۋە نەملىك، بىپايان تۈزلەڭلىك بىر يەركەن، دەپ تەسۋىرلىگەن بولاتتىم.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X داۋامى...