قۇربانلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت بۇ يازمىدا ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيتلىق قۇربانلىق قىلىش، ئەقىقە قۇربانلىقى قىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىم خاتىرلەندى. ئۆزۈم پايدىلنىش ئۈچۈن خاتىرلەنگەن بولسىمۇ، بلوگنىڭ مەقسىتى بويىچە ئورتاقلاشتىم.

قۇربانلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم داۋامى...

ئادەم زادى قانداق ياشىشى كېرەك- ھاللوت كىشنار (ئامېرىكا)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ئۇ كىتابخانىدا ئولتۇرۇپ ناھايىتى تەشۋىشلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:” ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىر خىزمەتدىشىم ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى ھازىر باشقىلار قىلىۋاتىدۇ، خۇددى ئۇ بۇرۇن ياشىمىغاندەك. مەن ھەمىشە ھامان بىر كۈنى بىزمۇ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالىمىز، خۇددى بىز ئەزەلدىن بۇ دۇنيادا ياشىمىغاندەك، كېيىنكىلەر بىزنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن”.
ماڭا يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلغان كىشىنىڭ قۇرقۇۋاتقىنى ئۆلۈم بولماستىن، باشقىلار ئەسلىگۈدەك ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ كىشىلىك دۇنيا بىلەن خەيرلىشىش ئىدى.

ئادەم زادى قانداق ياشىشى كېرەك- ھاللوت كىشنار (ئامېرىكا) داۋامى...

تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىش توغرىسىدا

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ئەسكەرتىش: تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلار ئاپتوماتىك پۇقرالىق سالاھىيتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بەزى باشقا دۆلەتلەردىكى «تۇغۇلغان يەر پىرىنسىپى» تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۈركىيە نوپۇسى بولالىشى ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىدىن بىر تەرەپ تۈركىيە نوپۇسى بولىشى شەرت. بۇ يازمىدا ئاتا- ئانىسى تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىش توغرىسىدا داۋامى...

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ساباھىدىن ئەلى 1907-يىلى تۈركىيەنىڭ قىرىققەلئە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلدىن 1936-يىلغىچە ئىستانبۇل، بالىكېسىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك كوچا چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا كىتاب ئوقۇپ چوڭ بولغان. “ساباھ يۇلتۇزى” دېگەن لەقەمنى بۇ سەۋەبدىن ئالغان. ئوقۇش يىللىرىدا ئەدەبىياتقا بولغان چوڭقۇر قىزىقىشىنى نامايەن بولۇپ، 1930-يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق، يازغۇچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى داۋامى...