نېمە ئۈچۈن يازمامنى 5000 ئادەم كۆرۈپ تۇرۇپ پەقەت 20 ئادەملا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بىر توپلۇمدىكى ئىجتىمائىي تارتقۇلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ پەقەت % 1 ى مەزمۇن يارىتىدۇ؛ ،% 10 بۇ مەزمۇنلارغا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؛ % 89 كىشى ئوقۇش، كۆرۈش، ئاڭلاش، كۈلۈش، ئىشلىتىش، پايدىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئەمما مەزمۇنغا ھېچقانداق شەكىلدە ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. كۈنىمىزدە بۇ نىسبەت بىر ئاز ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا % 1-3 ئەتراپىدا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن يازمامنى 5000 ئادەم كۆرۈپ تۇرۇپ پەقەت 20 ئادەملا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ داۋامى...

پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت  «پەقەت بىرلا ئىش» داڭلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىسى گارىي كېللېر ۋە جەي پاپاسان تەرىپىدىن يېزىلغان كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى چىنبايان كىتاب بولۇپ، دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىكى رولى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «ئامازون تورى» نىڭ ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان. ھازىرغىچە 26 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ يەنە Goodreads نىڭ 100 چوڭ سودا كىتابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەگەر سىزمۇ قانداق قىلغاندا مەلۇم ئىشتا ئىختىساسلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە، نېمە ئىش ئۈستىدە ئىختىساسلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ كىتابتىن ۋە ئاپتورنىڭ بىلوگىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت داۋامى...
ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە

ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بىر كۈنى «ھەقىقەت» بىلەن «سەپسەتە» ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
«سەپسەتە» گەپ باشلاپ:
-بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشىكەن!
«ھەقىقەت» گۇمان بىلەن ئەتراپقا نەزەر سېلىپتۇ. لېكىن ھاۋا ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى.

ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە داۋامى...