ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق.
– فىرېدرىخ نىچشې
ئەسكەرتىش: Post Truth بەزى مەنبەلەردە ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا كېيىنكى ھەقىقەت دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار داۋامى...
ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟ 

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن، ئاددىيلىشىشىڭىز ۋە ئىچىڭىزدىكى ھەقىقىي دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى ئۆزىڭىزنى. بۇ غەرب دۇنياسىدىمۇ ۋە شەرق دۇنياسىدىكى ئوخشاشتۇر. توماس خوببېسنىڭ «لېۋىئاتان» دىمۇ، غەززالىنىڭ «سائادەتنىڭ خېمىيىسى» دىمۇ ئوخشاش. ھەقىقىي ھۆرلۈك پەقەت نەپسىڭىزنى مەغلۇپ قىلغاندىلا مۇمكىن بولىدۇ. نېلسون ماندىلانىڭ ئېيتقىنىدەك: «ھۆر بولۇش ئۈچۈن دۇنيانى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. روھىڭىزنى سېتىۋەتمىسىڭىز يېتەرلىكتۇر». مېنىڭچە  پەقەت دانا كىشىلەر ئۈچۈنلا ھۆرلۈك مۇمكىن بولىدۇ. ھۆرلۈكنىڭ يولىمۇ نەپسىنى يېڭىشتىن ئۆتىدۇ.

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟  داۋامى...
"ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس"

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت ”ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس“ دېگەن بۇ تەمسىل ئەپلاتوننىڭ ”غايىۋى دۆلەت“ ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلار ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكامۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس داۋامى...
ئورخان پامۇك- ئىستانبۇل شەھەر خاتىرىسى

ئىستانبۇل – ئورخان پامۇك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت   «مەن تۇغۇلغان بۇ شەھەر 2000 يىللىق تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق نامرات، ۋەيرانە ۋە يېگانە ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان، ئىستانبۇل ماڭا نىسبەتەن بىر خارابە شەھەر، ئىمپېرىيەنىڭ قالدۇق ھەسرىتى بىلەن تولغان شەھەر. ھاياتىم بۇنداق ئازابلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئىستانبۇللۇققا ئوخشاش ئىستانبۇلنى ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.»

ئىستانبۇل – ئورخان پامۇك داۋامى...