كونترول قىلىش بىر خىل ئىلىوزىيەمۇ؟

ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزىمىز كونترول قىلىۋاتىمىز، دەپ ئويلاپ ئۆتكۈزىمىز. پىلان تۈزۈپ، ئېھتىماللىقلارنى ھېسابلاپ، كەلگۈسىمىزنى ئۆزىمىز شەكىللەندۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز. ھەممە ئىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز قولىمىزدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بىزگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بەزىدە ناھايىتى كىچىك بىر ئۆزگىرىشمۇ ھەممە پىلاننى بۇزۇۋېتەلەيدۇ: بىر ئاپتوبۇسنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، بىر ئېغىز گەپنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ياكى كۈتۈلمىگەن بىر …

كونترول قىلىش بىر خىل ئىلىوزىيەمۇ؟ داۋامى...

بەلكىم ھەممىگە يېتىشىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.

يېقىندا «تۆت مىڭ ھەپتە» ناملىق كىتابنى ئاڭلاپ چىقتىم. كىتاب ۋاقىتنى قانداق تېجەش، قانداق ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئەمەس. بەلكى ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن. بىز ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇش، تېخىمۇ كۆپ تىل ئۆگىنىش، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىمىزغا ياخشى قاراش، ھەتتا دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدىرايمىز. …

بەلكىم ھەممىگە يېتىشىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. داۋامى...

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق.
– فىرېدرىخ نىچشې
ئەسكەرتىش: Post Truth بەزى مەنبەلەردە ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا كېيىنكى ھەقىقەت دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار داۋامى...
ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى

  «ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە» ناملىق كىتاب «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ غەيبىيات ۋە تەئۋىل سېستىمىسىغا، ئۇنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇن؟» دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان. دىنىي نۇقتىدىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىۋىي ئۈچ مەزھىبىنىڭ بىرى بولغان ئەشئەرىي مەزھەپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان، ھۆججەتۇل ئىسلام – ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ تەپسىر/ تەئۋىل ئەندىزىسى ۋە غەيبىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان. كىتابتا ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسى – دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلمىي نۇقتىئىي نەزەردىن –تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى يەكۈن ئىسلام دىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەقىدە جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى داۋامى...