ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟ 

يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن، ئاددىيلىشىشىڭىز ۋە ئىچىڭىزدىكى ھەقىقىي دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى ئۆزىڭىزنى. بۇ غەرب دۇنياسىدىمۇ ۋە شەرق دۇنياسىدىكى ئوخشاشتۇر. توماس خوببېسنىڭ «لېۋىئاتان» دىمۇ، غەززالىنىڭ «سائادەتنىڭ خېمىيىسى» دىمۇ ئوخشاش. ھەقىقىي ھۆرلۈك پەقەت نەپسىڭىزنى مەغلۇپ قىلغاندىلا مۇمكىن بولىدۇ. نېلسون ماندىلانىڭ ئېيتقىنىدەك: «ھۆر بولۇش ئۈچۈن دۇنيانى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. روھىڭىزنى سېتىۋەتمىسىڭىز يېتەرلىكتۇر». مېنىڭچە  پەقەت دانا كىشىلەر ئۈچۈنلا ھۆرلۈك مۇمكىن بولىدۇ. ھۆرلۈكنىڭ يولىمۇ نەپسىنى يېڭىشتىن ئۆتىدۇ.

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟  داۋامى...
"ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس"

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس

«ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس» دېگەن بۇ تەمسىل ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلار ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكامۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس داۋامى...

ئىسيان بىلەن كەلدىم، رەببىم!

داۋۇن سېندروملىق بىر قىزىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن ھاياتى ئۆزگەرگەن، ئىسيان بىلەن راببىنى تونۇغان بىر دادىنىڭ ھېكايىسى . بېشىمىزغا كەلگەن سىناقلاردىن چارچىغان ، قاقشىغان ۋاقىتلاردا بۇ ئۆرنەك ياخشى بىر دەۋا بولالايدۇ دەپ قارايمەن.

ئىسيان بىلەن كەلدىم، رەببىم! داۋامى...
لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى

لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

يېقىندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن تولستوينىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بولۇپ قالدى. ئاڭلاپ بولۇپ ئۇزۇن- ئۇزۇن خىياللارغا كېتىمەن ھەم بىلمەيلا ئۇخلاپ قالىمەن. تولستوينىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى يىغىپ، قىسقىچە تەسىرات بىلەن ئورتاقلىشىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. بۇ ئاۋازلىق ئەسەرلەر تۈركچە بولۇپ، داڭلىق ئاۋاز بەرگۈچى ئاكىن ئالتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن.

لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ) داۋامى...