دادامغا خەت

دادامغا خەت – سەيياھ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت سالام قەدىرلىك دادا!

ساڭا يېزىشقا تەمشىلىپ بولۇپ يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ساناقسىز خەتلىرىمدىن بىرسىنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمەن. كۆرۈشمىگىنىمىزگە 6 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ 6 يىلدا 60 يىللىق ئۆمربمگە يەتكۈدەك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. ئەلۋەتتە، ئۇنتۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان قاباھەتلىك قىسمەت ۋە ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ ئۆز پەيلىنى ھېس قىلدۇردى. ھايات مورىغا ئوخشايدۇ، دەيتتىڭ، ئاندىن،-تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى تۈتۈن بىلىدۇ،-دەپ قوشۇپ قوياتتىڭ. شۇنداق، ھايات مورىغا، تۇرمۇش تۈتۈنگە ئوخشايدىكەن. تۇرمۇش قايناملىرىغا غەرق بولماي تۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تىتىماي تۇرۇپ، ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرىنى بېىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ تۈتۈننى ھېس قىلمايدىكەن، بۇ مورىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەن ئىنسان. سۆزۈمنى باشلا-باشلىمايلا دەرت ئوقۇپ كەتتىم-ھە! ئىچىمدىن نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋاتىمەن!

دادامغا خەت – سەيياھ داۋامى...

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت يۇقارىدا مەن ئۆزۈم قىزىققان 17 تۈرلۈك ئالدىن پەرەز بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنى ۋە ئۆزى قىزىققان بېشارەتلەرنى يىغىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈستىدىكى ئالدىنقى شەرتلەر بويىچە، يۇقارقى 17 بېشارەتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە 12سى توغرا بولسا، 5% خەۋپ چېكى بىلەن، مەن بۇنى تەلەيگە تايىنىپ چىققان ھادىسە ئەمەس دەپ قوبۇل قىلىمەن.

يېتەرسىزلىكلەر
    بۇ تۈرلۈك ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بولسا، سىناق مودىلى قەستەن ئىككىلىك (Binomial) قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر بېشارەت قەستەن مۇستەقىل ۋە قوش ئاقىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە غەلبە ۋە مەغلۇبىيەت ئاقىۋەتلىرى تەڭ ھالدا 0.5 دەپ قارىدۇ. بۇ جەھەتتىن مودىللانغان ۋەقەلەر ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى ناتايىن. ھەمدە، نەزەرگە ئېلىنغان بېشارەتلەرنىڭ سانى تۆۋەن بولسا ئىستاتىستىكىلىق پەرق كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ھەمدە بېشارەتلەر بەك كېيىن، مەسىلەن يۈز/ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، كۆرۈلىدىغان بولسا؛ ياكى بەك مۈجىمەل ئىپادىلەنگەن بولسا بۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەسكە چۈشىدۇ.

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر داۋامى...

ئىسمائىل غاسپىرالى- تۈرك تىلى ئىسلاھاتچىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بۇ كىتاب ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 100- يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نەجىپ ھابلەمىتئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ تۈرك تىلىدا يېزىلىپ ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابتا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ خارەكتىرى،كۆز قاراشلىرى، مىللەتچىلىك قارىشى، ئىنقىلابچى روھى، ئىسلامىي كىملىكى، “تەرجىمان”نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار ئىخچام شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەن.

ئىسمائىل غاسپىرالى- تۈرك تىلى ئىسلاھاتچىسى داۋامى...

بەس-مۇنازىرە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىڧەنىڭ ئوغلى ھامماد” مىنى چەكلىگەن ئىشلارنى ئۆزۈڭ قىلىدىكەنسەنغۇ؟ ” دېدى. ئىمام ئەزەم دېدىكى:” ئەۋلادىم! بىز بەس-مۇنازىرە قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ھەق يولدىن ئادىشىپ كېتىش ئەندىشىسى بىلەن خۇددى بېشىمىزدا بىردىن قۇش باردەك، ھەر ۋاقىت ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك قورقۇش ئىچىدە مۇئامىلە قىلاتتۇق، شۇڭا ئويلاپ گەپ قىلاتتۇق. ھالبۇكى سىلەر بەس-مۇنازىرە قىلغاندا، قارشى …

بەس-مۇنازىرە داۋامى...