"ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!"

“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!”

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت يېقىندا ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگەن ئىدۇق. دەسلەپكى ھەپتىسى ئانىسى يەسلىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ، يەسلىدە بىللە ئويناپ، قەدەممۇ – قەدەم بالىنى يالغۇز قېلىشقا كۆندۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئوغلۇمنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ مەن يەسلىگە ئېلىپ بارىدىغان بولدۇق. ئەسلىدە ئوغلۇم بىلەن مۇڭداشقاچ يەسلىگە پىيادە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا ماشىنا بىلەن ماڭدۇق. ماشىنىدا ئوغلۇم بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشتىم. لېكىن ئۇ سەل ئەندىشىلىك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ دېرىزىدىن سىرتقا قاراشلىرىدىن، ئېغىر ئولتۇرۇشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى كۆرگەندەك بولدۇم.

“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” داۋامى...

قۇربان ھېيتتىكى تەجرىبىلىرىم (2)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت ئۆتكەن يىلى “قۇربانلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم” نى ئورتاقلاشقان ئىدىم. بۇ يىل ھېيتتىن بۇرۇن شۇ خاتىرەمنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىشىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغان بولدى. بۇ يىلمۇ قۇربان ھېيت تەييارلىقىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ھېس قىلدىم ۋە بۇرۇنقى يازمىنىڭ داۋامى شەكلىدە رەتلەپ، تەييارلاپ قويدۇم.  

قۇربان ھېيتتىكى تەجرىبىلىرىم (2) داۋامى...
ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە

ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بىر كۈنى «ھەقىقەت» بىلەن «سەپسەتە» ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
«سەپسەتە» گەپ باشلاپ:
-بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشىكەن!
«ھەقىقەت» گۇمان بىلەن ئەتراپقا نەزەر سېلىپتۇ. لېكىن ھاۋا ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى.

ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە داۋامى...