ساغلام بىر ئائىلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان 9 قائىدىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

ساغلام بىر ئائىلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان قائىدىلىرى:
1. ھېس-تۇيغۇ ۋە ئويلار مۇبالىغە قىلىنمىغان شەكىلدە ئوتتۇرغا قويۇلىشى كېرەك. ( بۇ مەۋقەگە ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى ھۆرمەتلەش مەيدانى دەيمىز. بۇنداق مەيدانى بولغان كىشىلەر ھەم ئۆزىگە ھەمدە باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ.)
2. پىكىرلەر ھازىرقى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئىش ئۈستىدە بولىشى، بۇرۇن يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەر ئىشنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىلمەسلىكى كېرەك.
3. قارشى تەرەپكە ئۇزۇن-ئۇزۇن نەسىھەت قىلىنماسلىقى، قىلىنغان ئىشلار كونكرېت بىر شەكىلدە ئايرىم-ئايرىم دېيىلىشى كېرەك.
4. سوراق قىلىش شەكلى بولماسلىقى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە پىكىرلىرىنى ئىپادە قىلالىشى كېرەك.
5. ھېس-تۇيغۇ ۋە پىكىرلەر ئازمۇ ئەمەس كۆپمۇ ئەمەس قانداق بولسا شۇنداق ئىپادە قىلىنىشى كېرەك.  قارشى تەرەپنىڭ نىمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ياكى ئەڭ مۇكەممەل ئىپادىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلماسلىق كېرەك.
6. تېمىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىسىز نۇقتىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش كېرەك. مەسىلەن: سىز يولدىشىڭىزغا” ئىككى سائەت كەچ قالدىڭىز” دېگەن ۋاقتىڭىزدا سىزگە “ياق، مەن بىر سائەت قىرىق بەش مىنۇت كەچ قالدىم” دىيىشىگە ئوخشاش.
7. مەسىلىنى ھەل قىلىشتا توغرا چۈشىنىشنى ئاساس قىلىش لازىم. قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەندىن كېيىن ئاندىن پىكىر بايان قىلىش.
8. مەلۇم بىر زامان ئىچىدە بىر ھەل قىلىش كېرەك بولغان مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلىشى، باشقا تېمىلار ئوتتۇرغا قويۇلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: ” ھەم ئۆيگە كەچ قالىسىز ھەم ماڭا ئۆز ئىشلىرىدا ياردەم قىلمايسىز” دەپ ئىككى تېمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرغا قويماسلىق.
9. بىر تەرەپنىڭ ھەقلىق چىقىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلالايدىغان بىر چارە تېپىشقا تىرىشىشى كېرەك. “مەن ھەقلىق، سەن خاتا قىلدىڭ” دىگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.

“ئىچىمىزدىكى بالا” ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

ئىنكاس يازىمەن