ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى

ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 24 مىنۇت

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە

ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

 

  • مۇئەللىپ : شوئەيب ئەھمەد مالىك (Shoaib Ahmed Malik)
  • كىتاب مەنبەسى : شوئەيب ئەھمەد مالىك (2021). ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە (1-نەشرى). راۋتلېج.

Malik, S.A. (2021). Islam and Evolution: Al-Ghazālī and the Modern Evolutionary. Paradigm (1st ed.). Routledge. https://doi.org/10.4324/9780429345753

سۆزلۈك

ئۇيغۇرچە                                        ئېنگىلىسچە
ئاقىل لايىھە Intelligent Design
ئەۋرىم[1] [تەدرىجىي تەرەققىيات]، ئەۋرىمسەل Evolutionary Evolution
كىچىك ئەۋرىم / چوڭ ئەۋرىم Micro evolution / macro evolution
ئەۋرۈت[2] Mutation
پەۋقۇتتەبىئىي[3] Supranatural
تاسادۇف [تاسادىپىيلىق] Chance / randomness
تەبىئىي شاللىنىش Natural selection
تەبىئىيچىلىك [ناتۇرالىزم] Naturalism
تەسنىف[4] [ تۈرگە ئايرىش] Classification
زەررەچىلىك [ئاتوم نەزەرىيىسى] Atomism
شەرھشۇناسلىق، تەئۋىل Hermeneutics
غەيبىيات، غەيبىي [مېتافىزىكا] Metaphysics, Metaphysical
كەۋنىي Cosmological
مەتىن [تېكىست] Text
مەجاز [ئوخشىتىش، مېتافورا] Metaphor
مەرىپەتشۇناسلىق Epistemology
مەقسەتشۇناسلىق [تېلېئولوگىيە] Teleology
مۇناسابەتچىلىك [تاسادىپىي سەۋەپچىلىك]

Occasionalism

نامۇدرىك[5] Agnostic
نەسس: نۇسۇس (كۆپلۈك) Scripture
ۋۇجۇدشۇناسلىق [سۇبستانسىيە ئىلمى] Ontology
ۋىجدان Morality
ئىددىئا Argument
ئىستىسناچىلىق Exceptionalism
ئىلاھىيەت [ئىلاھشۇناسلىق]، ئىلاھىيەۋىي Theology, theological
ئىلكە [پرىنسىپ] Principle
ئىلىمچىلىك Scientism
يارىتىشچىلىق Creationism
ياڭلىشلانغۇر / ياڭلىشلانغۇسىز Falsifiable / unfalsifiable

    بۇ كىتابتا دىنىي، ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋىي ئاتالغۇلار كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ جەدۋەلدە يازمىدا كۆپ قوللىنىلغانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ۋە ئەسلىنى بەردىم. بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە رەسمىي تەرجىمىسىگە قېنىقمىغانلىقىم ئۈچۈن باشقىچە ئالدىم. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەسمىي تەرجىمىسى [] ئىچىگە بېرىلدى. باشقا ئازراق قوللىنىلغان ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلىسى يازمىدا ئۇچرىغان ئورنىدا () ئىچىگە بېرىلدى. بۇ يازمىدا قوللىنىلغان كۆپىنچە ئاتالغۇلار مېنىڭ شەخسىي تەشەببۇسۇم بولۇپ، تېخى ئومۇملاشمىغان. بۇلارنىڭ ياسىلىشىغا قىسمەن چۈشەنچە بېرىلدى، بەزىلىرى ھازىرقى زامان تۈرك تىلىىدىن بىۋاستە ئېلىندى، تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

ئاساسلىق مەزمۇن :

    بۇ كىتاب «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ غەيبىيات ۋە تەئۋىل سېستىمىسىغا، ئۇنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇن؟» دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان. دىنىي نۇقتىدىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىۋىي ئۈچ[6] مەزھىبىنىڭ بىرى بولغان ئەشئەرىي مەزھەپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان[7]، ھۆججەتۇل ئىسلام – ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ تەپسىر/ تەئۋىل ئەندىزىسى ۋە غەيبىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان. كىتابتا ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسى – دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلمىي نۇقتىئىي نەزەردىن –تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى يەكۈن ئىسلام دىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەقىدە جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

    بۇ بۆلەكتە كىتابتىكى ئاساسلىق دەلىللەر ۋە ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىلىشى بېرىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنگە مۇندەرىجىدەك تۇيۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن كىتابنى بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يىغىنچاقلاشنىڭ، كىتابنىڭ قىممىتىنى زايە قىلماستىن مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ كىتاب تۆت بۆلۈم ۋە ئون باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە ئىچىدىكى مۇھىم دەلىللەر تەرتىپى بويىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ. بەزى پارچىلارنىڭ بەت سانى ئارقىغا تىرناق ئىچىگە (ب مانچە) تەرزىدە بېرىلىدۇ.

مۇقەددىمە

     بۇنىڭدا ئاۋۋال ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسىنى ئىزدىنىش/ مۇلاھىزە قىلىشتىكى قىسمەن توسالغۇلار سۆزلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىسلام ۋە ئىلىم پەن مۇناسىۋىتى، ئۆلىمالارنىڭ نوپوز مەسىلىسى، بەزى خاتا چۈشەنچىلەر، ھېسسىيات… ۋەھاكازالار. ئاندىن، كىتابنىڭ (دىئالوگچى) ماھىيىتى چۈشەندۈرىلىدۇ، كىتابنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولغان سوئال «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئۇنىڭ قانچىلىكىنى ئەشئەرىي مەزھىپىنىڭ ئىلاھىيەت ئىلكىلىرى بىلەن قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ؟ (ب 8)» ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاندىن ئەلغەززالىي ۋە ئۇنى تاللاشتىكى ئۈچ سەۋەب بايان قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا(ب 10)، كىتابىدىكى ئون باپنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنىڭ كىتاب يېزىش جەريانىدا ئالماشقانلىقى(ب 13)نىمۇ دەپ ئۆتىدۇ.

1. بۆلۈم – مەيدان ھازىرلاش

1. ئەۋرىم نېمە ۋە نېمە ئەمەس : تۆت قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

    ئەۋرىمنىڭ ئىلمي ئىلكىلىرى – باشتا ئەۋرىم قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ. گېنوتىپ (genotype) ۋە فېنوتىپ (phenotype) پەرقى (ب 23)؛ كىچىك ئەۋرىم – تۈر ئىچىدىكى ئۆزگىرىش؛ چوڭ ئەۋرىم – تۈرلەر ئارا ئۆزگىرىش. ئەۋرىمنىڭ ئىككى ئاساسلىق مېخانىزمى تەبىئىي شاللىنىش ۋە تاسادۇفىي ئەۋرۈت (random mutation) چۈشەندۈرۈلىدۇ. نەۋ دارۋىنچىلىق (neo darwinism) نىڭ ئۈچ تۈپكى ئۇقۇمى بولغان چوڭقۇر ۋاقىت (deep time)، ئورتاق ئەجداد (common ancestry) ۋە سەۋەبچى ئامىللار (تەبىئىي شاللىنىش ۋە تاسادۇفىي ئەۋرۈت) بايان قىلىنىدۇ(ب 30).

  ئەۋرىمنىڭ دەلىللىرى – قىسقىچە تاشقاتماشۇناسلىق (paleontology)، بىئولوگىيەلىك، بولۇپمۇ ئاناتومىيەلىك گومولوگىيە (homology) ۋە ئىرسىيەتشۇناسلىق (genetics) قاتارلىق ئۈچ ساھەدىن ئېلىنىدۇ. ئاساسلىق بىر قانچە ئىلمىي ساھەنىڭ يەكۈنلىرىنىڭ ئەۋرىمنىڭ توغرىلىقى نۇقتىسىغا يىغىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

  ئەۋرىمگە تارىخىي نەزەر – باشتا ئورتا ئەسىردىكى ئورتاق مەپكۇرە «مەۋجۇدىيەت شوتىسى (Great chain of being)» چۈشەندۈرۈلىدۇ (ب 39). ئاندىن دارۋىندىن بۇرۇنقى ئەۋرىمسەل مەپكۇرىلەردىن «لاماركچىلىق (Lamarckism)» ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىكى بولغان قوللىنىلىش قانۇنىيىتى[8] تونۇشتۇرىلىدۇ (ب 40). ئاندىن، دارۋىن شۇنداقلا دارۋىنچىلىق (Darwinism) ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان تەبىئىي شاللىنىش ، ئۇنىڭ ئىرسىيەت توغرىسىدىكى يېتەرسىزلىكى ۋە لاماركچىلىق بىلەن بولغان پەرقى[9] سۆزلىنىدۇ. سوڭرا، زامانىۋىي بىرىكمە(Modern Synthesis) مۇ ئاتىلىدىغان نەۋدارۋىنچىلىق (neo darwinism)نىڭ مېندەل (Mendel) نىڭ ئىرسىيەت قانۇنىيىتى ۋە رادىئوئاكتىپلىق ياش قويۇش ئارقىلىق يەرشارىنىڭ مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىلا ئاندىن ئاساسلىق ئىلمىي نەزىيەگە ئايلىنالىغانلىقى ۋە شۇ جەريان سۆزلىنىدۇ. ئاخىرىدا، نەۋدارۋىنچىلىق ھەققىدىكى چاغداش مۇنازىرىلەر (ب 45) ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىئولوگلارنىڭ ئەۋرىمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى (بولۇپمۇ ئورتاق ئەجداد ۋە چوڭقۇر ۋاقىت) تالاشمايدىغانلىقى، پەقەت قانداق يۈز بەرگەنلىكى (يەنى قايسى سەۋەب، ئامىل، مېخانىزىم) ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

     ئەۋرىمگە تەنقىدلەر – بۇ قىسىمدا ئەۋرىمگە قارشى ئىلمىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلاھىيەۋىي تەنقىدلەردىن توققۇزى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. بۇلارغا قارشى دەلىللەرمۇ بايان قىلىنىدۇ.

  1. ئېتىراز (ب 47) : ئەۋرىم پەقەتلا بىر نەزەرىيە. داڭلىق دەۋەتچى زاكىر نائىك (Zakir Naik) نىڭمۇ بۇنى قوللانغانلىقى سۆزلىنىپ، نەزەرىيە (theory) سۆزىنىڭ ئىككى چوڭ مەنىسى ئىزاھلىنىدۇ. يەنى، ئاغزاكى تىلدا «پەرەز، تەخمىن» مەنىلىرىنى بەرگەن بىلەن، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ «ھادىسىلەرنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرىدىغان ۋە سىنىغىلى بولىدىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان مودىل» ئىكەنلىكى ۋە ئىناۋەتلىك ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ ئىلىم پەن ساھەسىدە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسپات ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
  2. ئېتىراز (ب 48) ئەۋرىم ياڭلىشلانغۇسىز (unfalsifiable). بۇ پوپپېر (Popper)نىڭ ئىلمىي نەزەرىيەلەرگە قويغان بىر ئۆلچىمى بولۇپ، ياڭلىشلانغۇرلۇق (falsifiability) – بىر نەزەرىيەنىڭ ياڭلىش(خاتا) ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىسالەن، نىسپىيلىك نەزىرىيىسى ۋە پسىكانالىتىكا (psychoanalytical) نەزەرىيەلىرى سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئاخىرقىسىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭدا بىر ھادىسىنى بىر-بىرىگە زىت چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىقمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ ۋە قايسى چۈشەندۈرۈشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. لېكىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە، ئالەمدە نۇردىنمۇ تېز نەرسىنىڭ يوقلۇقى، نۇرنىڭ چوڭ ماسسىلىق جىسىملارنىڭ بوشلۇقنى ئېگىشى سەۋەبىدىن ئېگىلىدىغانلىقى قاتارلىق يەكۈنلەرنىڭ خاتالىقىنى (ياكى توغرىلىقىنى) تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش تامامەن مۇمكىن. يەنە، ئەۋرىمنىڭ ياڭلىشلانغۇرلىقى توغرىسىدا بىر قانچە مىسال بېرىلىدۇ.
  3. ئېتىراز (ب 50) تاشقاتما ساقلانمىلىرى تولۇق ئەمەس. ئالىملارنىڭمۇ تاشقاتمىلارنىڭ كەمچىللىكى ۋە تولۇق ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭغا مۇقابىل، ئەۋرىمنىڭ پەقەت تاشقاتماشۇناسلىققىلا ئەمەس، بەلكى بىئوجۇغراپىيە (biogeography)، گومولوگىيە (homology) ۋە ئىرسىيەتشۇناسلىق (genetics) قاتارلىق باشقا ساھەلەرگىمۇ تايىنىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
  4. ئېتىراز (ب 50) ئالىملار ئەۋرىم توغۇرلۇق ئىختىلاپتا. مەسىلەن، گېن سېلىشتۇرمىسى، (ئوبيېكتىپ ئۆلچەمدە) خروموسوم سېلىشتۇرمىسى، تۈر دېگەن نېمە، ئۇنىڭ چېكى… قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ تۈرلۈك تېخى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئەۋرىمگە قارشىلارغا دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى ئىما قىلىدۇ.
  5. ئېتىراز (ب 51) ئەۋرىم ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. بۇ توغۇرلۇق ئىلمىي چۈشەندۈرۈشلەر پەرەزىي (speculative) بولۇپ، ئەۋرىمنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئەمەس، تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئەۋرىم ھاياتلىقنىڭ ئەسلى ھەققىدە قېنىقارلىق چۈشەندۈرۈشكە تايانسىمۇ، ئۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەس سانىلىدۇ.
  6. ئېتىراز (ب 52) ئەۋرىم تاسادۇفىي بولغاچ، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ۋە ئالىم ئىكەنلىكىگە زىت. بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ تاسادۇف مەۋجۇد بولغان ئالەمنى يارىتالايدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. يىغىلما ئەۋرىم (Convergent evolution)مۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.
  7. ئېتىراز (ب 53) ئەۋرىم تەبىئىيچىل (naturalistic) ۋە دەھرىۋىي (atheistic). ھارۇن يەھيا (ئادنان ئوقتار)نىڭ قارىشى ئىكەنلىكى بايان قىلىدۇ. مۇقابىلەن، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ ئالەمدىكى قانۇنىيەت ۋە مۇقەررەرلىكلەرنى بايقايدىغانلىقى ۋە ئىسلامدا بۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. يەنە، ئەۋرىمنىڭ تەبىئىيچىل بولۇشىنىڭ باشقا ھەرقانداق ئىلمىي نەزەرىيەدەكلا ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك ۋە غەيبىي تەبىئىيچىلىكنىڭ پەرقى سۆزلىنىدۇ (تەپسىلاتى 6. بابتا).
  8. ئېتىراز (ب 54) ئەۋرىم ۋىجدانغا زىت. دارۋېننىڭ دەۋرىدىمۇ بولغان تەنقىد بولۇپ، ئىككى تۈرلۈك. ئەۋۋەلەن، ۋىجدان فىترەتكە تايانغاچقا، بەزى تۇغما ھادىسىلەردىكى ۋىجدانغا زىتلىق. ئاندىن، ئەۋرىمسەل قېلىپتا ۋىجداننىڭ ئوبيىكتىپلىقى يوقايدۇ. كىتابتا قوللىنىلغان مەۋقەدە (شۇنداقلا ئىسلام دىنىدا) ۋىجدانىي مەسىلىلەر، يەنى ياخشى-ياماننى ئايرىش، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولغاچقا (تەپسىلاتى 8. بابتا) ۋىجداننىڭ ئوبيېكتىپ بولماسلىقىدا ھەرەج يوق.
  9. ئېتىراز (ب 55) دارۋىن دەھرىي ئىدى. بۇ ئىرسىي سەپسەتە (genetic fallacy) نىڭ بىر مىسالى بولۇپ، بىر پىكىرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە قارشىلىقىمىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداقلا، دارۋېننىڭ دىنسىز ئەمەسلىكى ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا نامۇدرىك (agnostic) بولغانلىقىنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلىقى بايان قىلىنىدۇ.
2. ئەۋرىمگە خرىستىئانلار ئىنكاسلىرى:

    ئەۋرىم خرىستىئان دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاۋۋال شۇلار ئۇچراشقان ۋە تۈرلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. بۇ بابتا خرىستىئانلارنىڭ ئەۋرىمگە تۇتقان تۆت مەۋقەسى بايان قىلىنىدۇ.

    ياش زېمىن يارىتىشچىلىقى (Young-earth creationism) – ئەۋرىمگە ئەڭ قارشى مەۋقە بولۇپ، بىبلىيا[10]نى خۇدانىڭ لەفزىي (literal) سۆزى دەپ قارايدۇ. ئەۋرىمگە قارىتا تۆت چوڭ پىكرى : 1. خۇدا ئالەمنى تەقرىبەن ئالتە يا ئون مىڭ يىل بۇرۇن، 24 سائەتلىك ئالتە كۈن (سوتكا)دە ياراتقان؛ 2. نۇھ (ئەلەيھىسسالام) نىڭ تۇپانى بىر يىل داۋاملاشقان ئالەمشۇمۇل ھادىسە؛ 3. خۇدا ھەربىر تۈرنى ئورتاق ئەجدادسىز ياراتقان؛ 4. ئەۋرىم، ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ زېمىنغا چۈشۈرۈلىشى ۋە ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزىشىغا مەسىلە تۇغدۇرىدۇ. خۇلاسەن، ئۇلار كىچىك ئەۋرىمنى قوبۇل قىلىپ، چوڭ ئەۋرىمنى قوبۇل قىلمايدۇ.

  قېرى زېمىن يارىتىشچىلىقى (Old-earth creationism) – بۇلار ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئارىلىق يارىتىشچىلىقى (gap creationism) بۇ ياش زېمىن يارىتىشچىلىقىغا ئەڭ يېقىن مەۋقە بولۇپ، خۇدا ئالەمنى ئالتە سوتكىدا ياراتقان دېسىمۇ، بۇنىدىن كېيىن بىر مۇددەت ئارىلىق ئۆتكەن دەپ، قېرى زېمىن چۈشەنچىسىگە مۇمكىنچىلىك ھازىرلايدۇ. كۈن-دەۋر يارىتىشچىلىقى (Day-age creationism) بۇلار كۈن (ئىبرانىيچە yom / يوم) سۆزىنىڭ مەنىۋىي دائىرىسىنى كېڭەيتىپ چۈشىنىدۇ. گەرچە بۇلار كۈننى سوتكا دەپ چۈشىنىشكە قارشى بولمىسىمۇ، ئۇنى بىردىنبىر مەنە دەپ قارىمايدۇ. تەدرىجىي يارىتىشچىلىق (Progressive creationism) بۇلار ئالتە كۈن پەقەت بىر تەسۋىر بولۇپ، ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ باسقۇچلۇق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن دەپ قارايدۇ. خۇلاسەن، قېرى زېمىن يارىتىشچىلىقى چوڭ ئەۋرىم ۋە ئورتاق ئەجدادنى ئىنكار قىلىدۇ.

   ئاقىل لايىھە (Intelligent design) – ئۆزىنى دىنىي مەۋقە ئەمەس بەلكى ئەۋرىمگە مۇقابىل ئىلمىي چۈشەندۈرۈش دەپ تونۇشتۇرىدۇ. گەرچە لايىھە دەلىللىرى (ئەبۇ ھەنىفە ۋە كېمە؛ ۋىليام پالەي ۋە سائەت) يېڭىدىن پەيدا بولغان بولمىسىمۇ، فىزىكا، بىئولوگىيە… پەنلىرىدىكى يېڭى بايقاشلار، لايىھە دەلىللىرىگە يېڭى يوللارنى ئاچتى.  ئاقىل لايىھەچىلەر تۈرلۈك ۋە پەرقلىق توپلام بولسىمۇ، ئەۋرىمنىڭ ئاساسلىق مېخانىكىسى (تەبىئىي تاللىنىش ۋە تاسادۇفىي ئەۋرۈت) نىڭ ئىلمەن خاتا ئىكەنلىكىگە قوشۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىر ئەزاسى، لايىھەچىنىڭ كىم ياكى نېمە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق جاكارلىمىغان. دېمەك، ئاقىل لايىھە تۈپكى خرىستىئانچە مەۋقە بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئاقىل لايىھە 7. بابتا تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

   ئىلاھچىل ئەۋرىم (Theistic evolution) يەنە ئەۋرىمسەل يارىتىشچىلىق (evolutionary creationism) مۇ ئاتىلىدۇ. ئەۋرىمنى، پەقەت ئۇنى ئاللاھ ئىجرا قىلغانلىق شەرتى بىلەن، تولۇق ئېتىراپ قىلىدۇ. يەنى، ئالەم قانۇنىيەتلىرىنى ئاللاھ ياراتقان، ئالىملار پەقەت ئۇنى بايقايدۇ دېگەن مەۋقەدىن چىقىپ، ئەۋرىم بىلەن خرىستىئان دىنىنى ياراشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

    ئاخىرىدا بۇ تۆت مەۋقە جەدۋەل 2.1 دا يىغىنچاقلانغان. يەنە، يارىتىشچى سۆزىنىڭ ئىككى مەنىسى ئىزاھلانغان. كەڭ مەنىدە، ئاللاھنىڭ ئالەم ۋە ئۇنىڭ تەركىپلىرىنى ياراتقانلىقىنى دېگۈچى. تار مەنىدە، ئاللاھنىڭ ئالەم ۋە ئۇنىڭ تەركىپلىرىنى يېپيېڭىدىن ياراتقانلىقىنى دېگۈچى. بۇ ئىزاھ بويىچە، ئاقىل لايىھە ۋە ئىلاھچىل ئەۋرىم، يارىتىشچىلىق بولىشى ناتايىن. كىتابتا يارىتىشچىلىق تار مەنىدە قوللىنىلىدۇ.

2. بۆلۈم – ئەۋرىمگە قارىتا ئىسلامىي نۇقتىئى نەزەر

    3. ئىسلامىي نۇسۇس ۋە ئەۋرىم:

   ئىسلامدىكى ئىككى تۈپكى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىس. بۇ بابتا بۇ مەنبەلەردىكى ئالاقىدار ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ. ھەمدە، بۇلارنى ئىككىنجى بابتا تىلغا ئېلىنغان خرىستىئان مەنبەلىرىگە سېلىشتۇرۇپ ئارىسىدىكى پەرقلەر كۆرسىتىلىدۇ.

  ئىسلامىي نۇسۇستا يارىتىلىش : ئاۋۋال، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى (ب 89)  سۆزلىنىدۇ. ئالتە كۈن (ستة أيام)، ئاندىن (ثم) سۆزلىرى تەپسىلىي تەھلىل قىلىنىدۇ. ئاندىن، غەيرى ئىنسان ھاياتىنىڭ يارىتىلىشى (ب 91) سۆزلىنىدۇ. ئىسلامىي نۇسۇسنىڭ ھاياتلىقنىڭ ياكى تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۈجمەل ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى/ ئىلكى (سۈرە ياسىن 71-ئايەت) بىلەن ياراتقانلىقى، سەككىز ھايۋاننى چۈشۈرگەنلىكى (سۈرە رۇم 6- ئايەت) مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامىي نۇسۇستا ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات ئەۋرىمىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئېنىق يەكۈننىڭ يوقلىقى خۇلاسىلىنىدۇ. ئاخىرىدا، ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ يارىتىلىشى (ب 94) سۆزلىنىدۇ. قۇرئاندا ئاۋۋال ئىنساننىڭ، تۇپراق (تُرَاب، ھەج سۈرىسى 5-ئايەت)، زېمىن (الأرض، ھۇد سۈرىسى 61-ئايەت)، لاي (طِين، ئەنفال سۈرىسى 2-ئايەت)، يېپىشقاق لاي (طِينٍ لازِب، ساففات سۈرىسى 11-ئايەت)، سېغىز لاي (صَلْصَال، ھىجر سۈرىسى 26-ئايەت) ۋە ئېتىلىپ چىققان سۇ (مَّاءٍ دَافِق، تارىق سۈرىسى 5-ئايەت)لاردىن يارىتىلىشىنىڭ ئىجمالىي سۆزلەنگەنلىكى ۋە مۇسلىمدىكى 2611-ھەدىستە ئوچۇق قىلىپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىنىڭ زېمىندىن ئېلىنغان توپىدا يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئادەم (ئەلەيھىسسالام)گە رۇھ كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئايەتلەر (سۈرە سەجدە 9-ئايەت؛ سۈرە ھىجر 29-ئايەت؛ سۈرە ساد 72-ئايەت) ۋە ئىنسانلارنىڭ «بەنى ئادەم» يەنى ئادەمنىڭ ئەۋلادى دېيىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى نۇسۇسلار (تىرمىزى 3955-ھەدىس، سۈرە ئەئراف 27-ئايەت، سۈرە ياسىن 60-ئايەت)، يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەر (بۇخارى 4476، مۇسنەدى ئەھمەد 23479) بايان قىلىنىدۇ. ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ بىرلا جۈپكە تۇتىشىدىغانلىقى ھەققىكى ئايەتلەر (سۈرە نىسا 1-ئايەت، سۈرە ئەئراف 189-ئايەت، سۈرە ھۇججىرات 13-ئايەت) مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشۈرۈلىشىنىڭ قۇرئاندا (بەقەرە 31-39-ئايەتلەر) ئېنىق بايان قىلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇ ھەقتە يەنە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئىككى قولى بىلەن (بِيَدَيّ) ياراتقانلىقى (سۈرە ساد 75-ئايەت) تىلغا ئېلىنىپ، گەرچە ئاللاھنىڭ قولى/ئىلكىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى خاسلىقنى بىلدۈرمىسمۇ، لېكىن بىرلىك ياكى كۆپلۈك قوللىنىلماي قوشلۇقتا، «ئىككى قولى»نىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا خاسلىقى ۋە ئۇنىڭ باشقا مەخلۇقلارغا نىسپەتەن ئۆزگىچىلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن، ئادەم ئالايھىسسالامنىڭ ئەجدادىنىڭ بولىشىنى يەكۈنلەشكە توسالغۇ بولىدىغان، ئال ئىمران سۈرىسى 59-ئايەت  «‎شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: <ۋۇجۇدقا كەل> دېدى -دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى»، نازىل بولۇش سەۋەبى بىلەن قوشۇپ تەھلىل قىلىنىدۇ.

   ئىسلامىي ۋە خرىستىئانچە بايانلاردىكى مۇھىم پەرقلەر : ئەسلىي گۇناھ (Original Sin)، ئىسلامدا يوق ئۇقۇم بولۇپ، ئىسلام ۋە خرىستىئان دىنى ئارىسىدىكى تۈپكى ئەقىدىۋىي پەرق(ب 100). ئالەم ياكى زېمىننىڭ يېشى ھەققىدە قۇرئاندا ئوچۇق بايان بولمىغاچقا شۇنداقلا ئالتە كۈن (ستة أيام) دىكى كۈن (يوم) سۆزىنىڭ مەنىسىنى «مەلۇم بىر مۇددەت» دەپ چۈشەنگىلى بولغاچقا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياش زېمىن يارىتىشچىلىقى ئانچە ئەۋج ئالمىغان. پەيغەمبەرلەر شەجەرىسى (ب 101) ھەققىدە گەرچە بۇ ئىككى دىن بەزى پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ئورتاق قاراشتا بولسىمۇ، ئىسلامىي نۇسۇستا ئادەم ئەلەيھىسسالامغىچە تۇتىشىدىغان ئىشەنچلىك بىر شەجەرە يوق. تۇپانى نۇھ ئالەمشۇمۇلمۇ ياكى مەلۇم يەرگە خاسمۇ ؟ بۇ ھەقتە ئىسلامىي نۇسۇس ئىككىلى قاراشقا ماس كېلەلەيدۇ.

4. مۇسۇلمانلار كۆز قاراشلىرى ۋە ئەۋرىم:

   باشتا مۇسۇلمان مۇتەپپەككۇرلارنىڭ تەسنىفى كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ. ئاندىن، خۇلاسىلەنگەن تەسنىف سېستىمىسى ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

   تەسنىفلەر تەقرىزى (ب 106) : مۇسۇلمان مۇتەپپەككۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەسنىفلىرى ۋە پەرقلىرى كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ. ھەمدە قوش قۇتۇپلۇق بولۇشتىن ساقلىنىشنىڭ تەسلىكى، راي سىناشتا سورالغان سوئالنىڭ ئۇرانىنىڭ كىشىلەرنىڭ جاۋابىغا تەسىر كۆسىتىدىغانلىقى، بەزى ئامرىكا ۋەزىيىتىگە خاس تەسنىفلەر، ئەۋرىمنى دىنسىزلىققا باغلىۋېلىش… قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن كىتابتىكى تەسنىفكە ئاساس بولغان ئۈچ ئىلكە بايان قىلىنىدۇ (ب 111) : ئورتاق ئەجدادقا بولغان قاراش، ئەۋرىمنى ۋە ئورتاق ئەجدادنى ئىنكار قىلىشتىكى پەرق نېمە ۋە ئەۋرىمگە ئۇيغۇنلۇق بىلەن تەسنىفنى پەرقلەندۈرۈش .بۇلاردىن تۆت مەۋقە يەكۈنلەنگەن بولۇپ، جەدۋەل 4.2 دە يىغىنچاقلانغان.

مۇسۇلمانلار كۆز قاراشلىرى ۋە ئەۋرىم

   مۇسۇلمانلار تەبەقاتى (ب 112) : بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلار كۆپ بولغاچ بۇ قىسىمدا 20 مۇتەپپەككۇرنىڭ كۆز قاراشلىرى تەسنىف (ب 113) ۋە تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇلارنى تاللاشتىكى ئۈچ ئىلكە : چاغداشلارغا ئېتىبار بېرىش، بۇ ھەقتە يېتەرلىك يازمىسى بولۇش ۋە كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولۇش.

   يارىتىشچىلىق (Creationism) (ب 114) بۇلارنىڭ ئورتاقلىقى، ئورتاق ئەجدادنى رەت قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ دەلىللىرى تۈرلۈك بولۇپ، بەزىلەر زاكىر نائىكتەك، ئەۋرىمنى كۈچلۈك ئەمەس ياكى پەقەت پەرەز دەرىجىسىدە دەپ قارايدۇ ھەم ئەۋرىمنىڭ بەزى ئىلمىي يېتەرسىزلىكلىرى ھەققىدىكى ئېتىرازلارنى قىلىدۇ. سەييىد ھۈسەين ناسىر ۋە ئوسمان باقار قاتارلىقلار ئىلىم پەننى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ، تۈزىتىلىپ تۇرغانلىقى تۈپەيلى تۇتامسىز دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئەۋرىمگە ئاساسلىق ئۆزىنىڭ «ماھىيەت ئۆزگەرمەس» دېگەن نەۋئەفلاتونچىل (Neoplatonic) كۆز قارىشى تۈپەيلى قارشى. مۇزەففەر ئىقبال، تەبىئەتتىكى مۇرەككەپلىكلەر قاتارلىق لايىھە كەبى دەلىللەر، جىنلارنىڭ يارىتىلىشى، ئىنساننىڭ ئۈستۈن مەخلۇقات ئىكەنلىكى بىلەن ئەۋرىمگە قارشى. مۇھەممەد شىھابۇددىن نەدۋىگە كۆرە ئەۋرىم بىر ئەپسانە بولۇپ، سەھيۇنىي كۈن تەرتىپ يوشۇرۇنغان بىر يەھۇدىي ئويدۇرمىسى. ئاخىرىدا ھارۇن يەھيا لەقەبلەنگەن ئادنان ئوقتار، ئەۋرىمنى تۈپكى تەبىئىيچىل دۇنيا قارىشى دەپ تەنقىدلەيدۇ. بۇ قارىشىنى ئەۋرىمنىڭ، يۇنان پەلسەپىلىرىگە تۇتاشقان، «مۇشرىك يىلتىزى»نى قېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭچە ئەۋرىم ۋە دىنسىزلىق بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىدەك. ئۇنىڭغا كۆرە ئاللاھ مەخلۇقاتنى ئەۋرىم بىلەن يارىتالىسىمۇ، مەۋجۇت مەلۇمات (نۇسۇس ۋە ئىلىم پەن) بۇنداق يەكۈننى كۆرسەتمەيدۇ.

   ئىنسانىي ئىستىسناچىلىق (Human exceptionalism) (ب 121) بۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. نۇھ ھا مىم كېللىر (Nuh Ha Mim Keller) ئەۋرىمگە ئۈچ تۈرلۈك تەنقىد قىلىدۇ : ئىلمىي جەھەتتىن، ئەۋرىم بىر تۇتقۇن تەپەككۇر (abductive reasoning) غا تايانغان، ئىچكى ياڭلىشلىنىش ئۆلچىمى بولمىغان، ھەممىنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلالايدىغان نەزىرىيە، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئەۋرىمگە ھېچ قانداق دەلىل يوق؛ غەيبىي جەھەتتىن، غەيرى ئىنسان تۈرلىرىنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىگە قارىتا تاسادۇفىي ئەۋرۈت ۋە تەبىئىي شاللىنىشنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن سىرت دەپ قاراش كۇفر؛ ئۈچىنجىدىن، ئىسلام دىنىدىكى ئادەم ئەلەيھسسالامنىڭ يارىتىلىش بايانى ئىنسان ئەۋرىمىگە ئوپئوچۇق قارشى. ياسىر قازى ۋە نازىرخاننىڭ قارىشى «يەقىن ئىنىستىتۇتى» ئۈچۈن ھازىرلىغان ماقالىسىدە بايان قىلىنغان. ئۇلار ئىسلام ئەنئەنىسىدىكى ئۈچ شەرھشۇناسلىق ياقلاشىمىدىن سۆز ئېچىپ، ئىبن سىنانىڭ (ئەرىستوچىل، نەۋئەفلاتونچىل) پەلسەپە ئەنئەنىسىدە نۇسۇس بىلەن ئەقلىي (شۇنداقلا ئىلمىي) يەكۈن قارشىلاشقاندا ئۇنى مەجازەن شەرھلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى؛ ئەلغەززالىينىڭ كالام ئەنئەنىسىدە، نۇسۇسنى ئىشەنچلىك مەنتىقىي يەكۈن (بۇرھان) گە قارشى چىقمىغۇچە زاھىر مەنىسىدە شەرھلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى؛ ۋە ئىبن تەيمىييەنىڭ  ئەندىزىسىدە بولسا نەقلىي ياكى ئەقلىي بولسۇن، دەلىلنىڭ قەتئىيلىكى ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئاندىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىنىڭ غەيب مەسىلىسى بولۇپ، ئىلىم پەننىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچلىك جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ، شۇ قاتاردا ئىلمىي رېئالىزىم (scientific realism)غا تەنقىدلەرمۇ بار. ئۇلار يەنە ئەۋرىم تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، مايمۇنلار ئائىلىسىدىن ئىنسان پەيدا بولىدىغان پەيتكە كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى خۇددى ئەۋرىمدە پەيدا بولىدىغانغا ئوخشاش ھالەتتە يارىتالايدىغانلىقىنىڭ ئىلمەن ياڭلىشلانغۇسىز ۋە ئىلاھىيەۋىيەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ (ب 130). شۇنداقلا بۇنىڭ بىر ئىلاھىي ئالدامچىلىق ئەمەسلىكىگە ئىككى تۈرلۈك جاۋاب قايتۇرىدۇ (ب 132). خۇلاسەن، نازىرخان ۋە ياسىر قازى، كېللىردەك ئىنسان ئەۋرىمىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن باشقا جانلىقلارنىڭ ئەۋرىمىنى رەت قىلمايدۇ.

   ئادەمىي ئىستىسناچىلىق (Adamic exceptionalism) (ب 133) داۋىد سالومۇن جالاجىل (David Solomon Jalajel) بۇ قاراشتىكى بىردىنبىر شەخس. جالاجىل، ئەشئەرىي، ماتۇرىدىي ۋە ئەسەرىيدىن ئىبارەت سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەئۋىل مېتودىغا كۆرە، ئىسلامىي نۇسۇستىن، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بولغانلىقىنى يەكۈنلىگىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەمدە بۇنى ئەۋرىم بىلەن ياراشتۇرۇشتا تەۋەققۇف (توقّف) ئىلكىسىنى قوللىنىدۇ. تەۋەققۇف ئومۇمەن ئىشىنىشتىن توختاش مەنىسىدە بولۇپ، ھەدىسشۇناسلىق ۋە فىقھىي ئىستىلاھىدا (ب 133)، زىددىيەتلىك ئىسپاتنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈم چىقارماي تۇرۇش بولسا؛ ئەقىدە ئىستىلاھىدا (ب 134)، بىر نەرسىنىڭ بىلىنگىلى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىبارەت زۆرۈر تۇراقلىق مەرىپەتشۇناسچە ھالەت (permanent epistemological stance). بۇنىڭغا دېنوزاۋۇر مىسال كەلتۈرىلىدۇ. ئىلاھىيەۋىي (ئەقىدەۋىي) تەۋەققۇف يەنە مەنىنى تاپشۇرۇش (تفويض المعنى)تىن پەرقلىق. مەنىنى تاپشۇرۇش بولسا مەتىننىڭ زاھىر مەنىسىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ۋە مەتىنگە ئاللاھ خالىغان مەنىدە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەستىقلاش؛ ئەقىدەۋىي تەۋەققۇف (سوڭرا تەۋەققۇف دېيىلىدۇ) بولسا بىر مەسىلە ئۈستىدە نەقلىي دەلىل بولمىغانلىقتىن مۇئەييەن كۆز قاراشتا بولماسلىق. بۇلار ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، جالالىلنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ باشلىنىشىنى ئايرىيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنى جالاجىلغا كۆرە نۇسۇستا، ئادەم ئەلەيھىسسالام زېمىنغا چۈشۈرۈلگەندە، ئەۋرىمدىن ھاسىل بولغان باشقا ئىنسانلارنىڭ بارلىقىغا زىت مەزمۇن يوق، شۇڭا بۇ ھەقتە تەۋەققۇف قىلىدۇ.

   ئىستىسناسىزلىق (No exceptions) (ب 137) بۇلار ئۈچۈن، غەيرى ئىنسان، ئىنسان ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ھەممىسى ئورتاق ئەجداتقا ئائىت. بۇلارنىڭ تۇتقان يوللىرى پەرقلىق. رانا داجانى (Rana Dajani)، قۇرئاننىڭ ئىلىم پەن كىتابى ئەمەسلىكى بىلەن ئىنسان قابىلىيىتنىڭ چەكلىكلىكىنى  تەكىتلەش ئارقىلىق مەجاز يولىنى تۇتقان. مەسىلەن، سۈرە تۇر 4-ئايەتتىكى «ئەھسەنى تەقۋىم (احسنِ تقويم)»دىكى ئەھسەننى «ئەڭ ياخشى» ئەمەس بەلكى «ئەڭ ماس (most fit)» دەپ شەرھلەيدۇ. يەنە پاكىستانلىق داڭلىق شائىر مۇھەممەد ئىقبالمۇ شۇ تەرىقىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مۇئەييەن تارىخي شەخس ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئالجىرىيەلىك نىدال گېسسۇم (Nidhal Guessoum)، مەجاز يولىنى تۇتماستىن بەلكى ئەۋرىمنى قۇرئاندىن ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ قۇرئان ۋە ئەۋرىمنى ياراشتۇرۇشتىكى ئۈچ شەرھشۇناسلىق ئىلكىسى : ئىبن رۇشىدنىڭ زىددىيەتسىزلىك ئىلكىسى، يەنى نۇسۇس بىلەن ئەمەلىيەت ئارىسىدا زىددىيەت بولىشى مۇمكىن ئەمەس؛ زاھىرىيلىققا قارشىلىقى؛ ۋە شەرھنىڭ ھەرخىللىقى، يەنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە ئىلىم پەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاستىلەردىن ئۇقۇلغان بولسىلا نۇسۇسنىڭ ھەرخىل شەرھىنىڭ بولىشىنىڭ مۇمكىنلىكى. ئۇ ئەۋرىمگە زىت ھەدىسلەر (مەسىلەن، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ 60 گەز ئىكەنلىكى)نى مەجازەن چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرسە، قۇرئاندىن ئەۋرىمسەل ئوقۇلما تاپىدۇ ۋە مۇھەممەد شاھرۇرنىڭ قۇرئاندىكى بەشەر/ئىنسان (بشر/انسان) مەنە پەرقىگە تايانغان كۆز قارىشىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلارچە قۇرئاندىكى ئىنسان سۆزى چۈشەنچە ۋە ئۇقۇمغا ئىگە مەخلۇق ئۇرانىدا بولۇپ، بەشەر سۆزى يارىتىلىشقا ئائىت يەرلەردىلا قوللىنىلغان. ئۇلارغا كۆرە ئىنسان «Homo sapiens»نى، بەشەر «Homo» تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. پاكىستانلىق ئىسرار ئەھمەدمۇ بەشەر/ئىنسان ئايرىمىسىنى تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭچە بەشەر «Homo» تۈرىنى، ئىنسان بولسا روھ پۈۋلەنگەندىن كېيىنكى «Homo sapiens»نى كۆرسىتىدۇ. ت.ئو.شاناۋاس (T.O. Shanavas) بۇ ئايرىمىنى قوللانماي بەلكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانىيەتنىڭ «مەنىۋىي ئاتىسى» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭغا كۆرە ئادەم ئەلەيھىسسالام، دەۋرىدىكى مەۋجۇت ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللانغان. ئىراقلىق باسىل ئالتايى (Basil Altaie) بولسا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىنى جاماداتتىن يارالغان، مەدەنىيلەشمىگەن ۋە مەدىنىيلەشكەن قاتارلىق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ چۈشىنىدۇ. مالايسىيالىق باتچېلور (Daud Abdul-Fattah Batchelor)، نىسا سۈرىسىنىڭ تۇنجى ئايىتىدىكى «نەفسىن ۋەھىدەتىن (نفس واحدة)» يەنى «بىر جان» سۆزىنى قوش كېزەك ھامىلىسى دەپ چۈشىنىپ، ئادەم ۋە ھەۋۋە ئەلەيھىمۇسسالامنىڭ ئەجدادى بارلىقىنى ئىما قىلىدىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. تۈركىيەلىك جانەر تاسلامان ئىسلامىي نۇسۇستا ئەۋرىمنى ئىنكار قىلىدىغان مۇتلەق دەلىلنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچ ئىددىئاسى : ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىش، قۇرئاندىكى ئەۋرىم توغۇرلۇق ئايەتلەرنى ئەركىن شەرھلەش (مەسىلەن، ، ئال ئىمران سۈرىسى 59-ئايەتنى دەل ئەكسىچە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بولغىنىدەك، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئانىسى بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىدۇ) ۋە مۆجىزىلەر توغۇرلۇق نامۇدرىكلىك (agnosticism).

5. كونا مەتىن، يېڭى نىقاپ:

   تارىخىي ئىسلامىي مەتىنلەردىن ئەۋرىمنى ئوقۇۋېلىش. بۇ باپتا قىسمەن چاغداش مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى تارىخىي يازمىلاردىن ئەۋرىمنى يەكۈنلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

   ئاۋۋال، ئەفلاتون ۋە ئەرىستولارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قالغان «مەۋجۇدىيەت شوتىسى (Great chain of being)» چۈشەندۈرىلىدۇ (ب 156). بۇنىڭدا، ئاللاھ ئەڭ ئۈستىدە بولۇپ، مۇكەممەللىكنىڭ چوققىسىنى تەمسىل قىلاتتى، ئاندىن پەرقلىق تەسنىفلەرگە كۆرە، ئالەمشۇمۇل ئەقىل ياكى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەمادات (جانسىز نەرسىلەر) تىزىلاتتى. بۇنىڭدا ۋۇجۇدشۇناسلىق دەرىجىلىنىشى (ontological gradation) بولۇپ، ھەر دەرىجە تۇرغۇن بىرلىك ئىدى. لېكىن زامانىۋىي ئەۋرىم نەزەرىيىسى بولسا ئەجداتتىن ئەۋلادقا ئىرسىي قالىدىغان بىئولوگىيەلىك خۇسۇسىيەتلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇلار ئارىسىدا بەزىدە ئاتالغۇلاردىكى ياكى ئەندىزىدىكى ئوخشاشلىق ئۇچرىسىمۇ بۇ پەقەت يۈزەكىي يېقىنلىق بولۇپ، قەتئىي ماھىيەتتىكى ئوخشاشلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. نۆۋەتتە ئەسەرلىرىدىن ئەۋرىم ئوقۇۋېلىنغان تۆت ئالىم بايان قىلىنىدۇ.

   ئىبن خەلدۇن (ب 160) : ئۇنىڭ «مۇقەددىمە» ناملىق ئەسىرىنىڭ «پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسى» بابىنىڭ بىر ئابزاسىدىن خاتا ھالدا ئەۋرىم يەكۈنلەنسىمۇ، ئۇنى ئارقىسىدىكى ئابزاسقا ئۇلاپ چۈشەنگەندە ئۇنداق مەنە چىقمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

   جالالىدىن رۇمىي (ب 162) : ئۇنىڭ «مەسنەۋى»سىنىڭ تۆتىنجى دەپتەرىدىكى بىر قانچە مىسرادىن خاتا ھالدا جەمادتىن ئىنسانغا قەدەر تەدرىجىي تەرەققىيات ئوقۇلسىمۇ، باشقا مىسرالار بىلەن تولۇق ئوقۇلغاندا ئاساسلىق مەزمۇننىڭ مەنىۋىي ئۆرلەش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

   ئەلجەھىز (ب 166) : ئۇ «ھايۋانلار كىتابى (كتاب الحیوان)» ئاتلىق ئەسىرىدە تۈرلۈك ھايۋانلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەنە ئىنساننى تۈرلۈك ھايۋانلارغا سېلىشتۇرغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر.  ئۇ يەنە يېمەكلىك زەنجىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ مىسخ (المسخ) توغۇرلۇق بايانىدىن بەزىلەر ئەۋرىمگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يەكۈنلىۋالغان بولسىمۇ، بۇ يەردە تەرجىمە خاتالىقى بولغان. ھەمدە باشقا پارچىلەردىن ئەلجەھىزنىڭ بىر تۈرنىڭ يەنە بىر تۈرگە ئۆزگىرىشنى رەت قىلغانلىقى نەقىل قىلىنىدۇ.

   ئىخۋانۇسسافا/ اخوان الصفاء (ب 169) : ئۇلار نەۋئەفلاتونچىلىقى بىلەن مەشھۇر. يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تۈرلەر تۇرغۇن. ئۇلارنىڭ بەزى پارچىلىرىدىكى سۆزلەرنىڭ خاتا ھالدا بىئولوگىيىلىك ۋە مېخانىكىلىق چۈشىنىۋېلىنىپ، ئەۋرىمگە ئالاقىدارلىقى يەكۈنلەنگەنلىكى ۋە ئەسلىسى بويىچە ئەقىدىۋىي ۋە مەنىۋىي مەنىدە چۈشىنىلىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرىلىدۇ.

   خۇلاسەن، بەزى تارىخىي ئىسلامىي ئەسەرلەردىكى مەپكۇرە «مەۋجۇدىيەت شوتىسى» بولۇپ، ئۇلاردىكى قىسمەن پارچىلەرنى كونتېكىست ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن ئايرىپ يالغۇز نەقىل قىلمىغاندا ئەۋرىمگە ئائىت ئەمەسلىكى ئېنىق بولىدۇ.

3. بۆلۈم – غەيبىيات مۇلاھىزىلىرى

6. تەبىئىيچىلىك، تاسادۇف ۋە ئۈنۈمسىزلىك:

   بۇ باپتا تەبىئىيچىلىك مەسىلىسى (PON)، تاسادۇف مەسىلىسى (POC) ۋە ئۈنۈمسىزلىك مەسىلىسى (POI) قاتارلىقلارنىڭ ئەشئەرىي مەزھىبىنىڭ ئەندىزىسىدە مەسىلە تۇغدۇرمايدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

   ئەشئەرىي مەزھىبى (ب 180) نىڭ دۇنيا قارىشى ئىككى پەلسەپىۋىي قۇرۇلمىنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان. بۇلار مۇناسەبەتچىلىك (Occasionalism) ۋە زەررەچىلىك (Atomism)تۇر. مۇناسەبەتچىلىك بولسا خۇدانىڭ ھەممە نەرسىنىڭ بىرلەمچى سەۋەبى ئىكەنلىكىدۇر، ئۇ ئادەتتە خۇدانىڭ ھەممە نەرسىنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن ئارىلاشماسلىقىدىن ئىبارەت بولغان خۇداچىلىق (deism) بىلەن مۇقابىل قىلىنىدۇ. زەررەچىلىك بولسا مەخلۇقاتلارنىڭ تۈپكى زەررىۋىي بىرلىكلەرگە بۆلىنىدىغانلىقىدۇر. ئەشئەرىيلەرگە كۆرە تۈرى بار ھەر نەرسە  زەررىۋىي بىرلىكلەرگە بۆلىنىدۇ : مەسىلەن، ۋاقىتمۇ شۇنداق. بۇ ئەندىزىدە، ئاللاھ پۈتۈن ئالەمنى ھەر زامان (قايتىدىن) يارىتىپ تۇرىدۇ. مۇناسەبەتچىلىك بىلەن زەررەچىلىك بىر-بىرىنى مەنتىقەن زۆرۆر قىلمايدۇ.

    ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ئىلمى ۋە قۇدرىتى (ب 181) ئەلغەززالىيغا كۆرە، ئىرادە كۆپ تۈرنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ. ئىلىم ئۇنىڭ شەرتى بولۇپ، ئىرادە ئۈچۈن كۆپ تۈرنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك. قۇدرەت بولسا تاللانغان تۈرنى ئىجرا قىلىدۇ ياكى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىلاھىي قابىلىيەت (ب 182) ئەشئەرىي ئەندىزىسىدىكى بىر تۈپكى ئىلكە : ئاللاھ – مەنتىقەن مۇمكىن ھەممە نەرسىنى قىلالايدۇ. مەخلۇقاتنىڭ مەشرۇتلىقى[11] (contingency) (ب 183) يەنى ئاللاھ ياراتقان ھەرقانداق نەرسە مەشرۇت، يەنى مەۋجۇدلىقى ۋاجىب ياكى زۆرۈر ئەمەس. مەشرۇتلۇق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىق ۋە مەۋجۇد بولغاندىكى كەيپىياتى قانداق بولۇش. تەبىئەت قانۇنلىرى (ب 184) مەشرۇت بولۇپ، باشقىچە بولسىمۇ بولاتتى. تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلىدىغان جىسمانىي ھادىسىلەردىكى تەكرارلىقلار – سۈننەتۇللاھ ياكى ئادەتۇللاھ بولۇپ – بىز تەبىئەت قانۇنلىرى ئاتايدىغىنىمىز شۇدۇر. دېمەك، ئەشئەرىيلەرنىڭ مۇناسەبەتچىلىكى ئىلىم پەننى ئىنكار قىلمايدىغان بولۇپ، بەلكى تەبىئىي ھادىسىلەرنى، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە تاياندۇرىدىغان، غەيبىيات ئاساسىنى قۇرىدۇ. يەنە بىر نۇقتا، ھەممە ئىلمىي ئېھتىماللىق ئىلاھىيەۋىيەن مۇمكىن بولسىمۇ، ھەممە ئىلاھىيەۋىي ئېھتىماللىق ئىلمەن مۇمكىن ئەمەس (رەسىم 6.1 گە قاراڭ) . ئەركىن ئىرادە (ب 186) مۇناسەبەتچىلىككە كۆرە ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ بىرلەمچى سەۋەبى بولغاچقا، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ھەققىدە ئەشئەرىيلەر كەسپ (كسب) نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ئىنسان بىر ئىشنى ئىستەيدۇ، ئەمما ئۇ ئىشنى ئاللاھ يارىتىپ بېرىدۇ.

تاسادۇف ۋە خۇدا

    ئىلاھىي ھەرىكەت پىلانى (divine action project) (ب 187) بۇ كېيىنكى ئوتتۇز يىلدا داۋاملاشقان خرىستىئان دىنىي ۋە ئىلمىي ساھە ئەربابلىرىنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەم خۇدانىڭ مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىشىنى ساقلاپ قالغان ھەم تەبىئىي پەنگە ئۇيغۇن بولغان ئىلاھىي ھەرىكەت قېلىپلىرىنى تېپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان. بۇلار ئىلاھىي ھەرىكەتلەرنى تۆت تۈرگە بۆلگەن (تەپسىلاتى قىسقارتىلدى). بۇلار مۆجىزىلەرنى ئىلىم پەنگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش تەرەپدارلىرى. ئەشئەرىيلەر ۋە ئىلاھىي ھەرىكەت پىلانى (ب 191) نىڭ تۈپكى پەرقى ئەشئەرىيلەر ئاللاھنى سەۋەبلەر سەۋەبى دەپ قارىسا، ئاخىرقىلىرى خۇدانى سەۋەبلەردىن بىر سەۋەب دەپ قارايدۇ. مۇناسەبەتچىلىك نەزىرىدە ئىلىم پەننى قوللىنىپ ئاللاھنىڭ نېمە قىلىپ قىلالمايدىغانلىقىنى بېكىتىش ۋە مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىش ئىلىمچىلىك (scientism) بولىدۇ. ئىلىمچىلىك ھەممە نەرسىنى ئىلىم پەن بىلەن ئۆلچەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەپكۇرە بولۇپ، ئالەمنى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇللاردىن ئىبارەت ئىلىم پەن (science) دىن پەرقلىق.

    تەبىئىيچىلىك مەسىلىسى (ب 194) : ئىككى تۈرلۈك تەبىئىيچىلىك بار. پەلسەپىۋىي، غەيبىي ياكى ۋۇجۇدشۇناسچىل تەبىئىيچىلىك (PN) بولۇپ، ھەرقانداق پەۋقۇتتەبىئىي (supranatural) مەۋجۇدلۇقنى ئىنكار قىلىش. ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك (MN) بولسا ئالىملارنىڭ تەبىئىي ھادىسىلەر بىلەنلا ھەپىلىشىشى ۋە ئۇلارنى پەۋقۇتتەبىئىي ھادىسىلەرگە باغلىماسلىقىدۇر. ئەۋرىم يەكلەنمىسى (ب 195) : بەزى مۇتەپپەككۇرلار ئەۋرىمنى پەقەت پەلسەپىۋىي تەبىئىچىلىك بولغاندىلا ھاسىل بولىدىغان ئىلمىي نەزەرىيە دەپ قارايدۇ. مۇئەللىپكە كۆرە بۇ خاتا بولۇپ، ئەۋرىم باشقا ھەرقانداق ئىلمىي نەزەرىيەگە ئوخشاشلا ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنى مەخسۇس پەلسەپىۋىي تەبىئىيچىلىككە چىقىرىدىغان ئىچكى ئامىل يوق. قايسى ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك ؟ (ب 196) گەرچە ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك ئەشئەرىي ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئۇنى ئىككىگە ئايرىغىلى بولىدۇ. ئىچكى ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك (IMN) بولسا ئىلىم پەننىڭ پەۋقۇتتەبىئىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت چەكلىمە؛ ئەمەلىي ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك (PMN) بولسا تارىختىن بۇيان ئىلىم پەندە تەبىئىي چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن پەۋقۇتتەبىئىي چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىگە تايانغان ئىلمىي مەۋقە. ئىچكى ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك، پەۋقۇتتەبىئىي بولغان مۆجىزىلەرگە كوردۇر. ئەمەلىي ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىككە كۆرە مۆجىزىلەر ئىلىم پەن ئارقىلىق ئىسپاتلىنالىشى مۇمكىن. خۇلاسەن، پەلسەپىۋىي تەبىئىيچىلىك ياكى ئىلىمچىلىكنى ئاساس قىلمىغاندا، ئەشئەرىي ئەندىزىسىگە كۆرە مۆجىزىلەر رەت قىلىنمايدۇ.

    تاسادۇف ۋە خۇدا (ب 197) تاسادۇفنى ئىككى پەلسەپىۋىي نۇقتىئىي نەزەردىن ئويلاشقىلى بولىدۇ. مەرىپىي تاسادۇف (epistemic chance) ۋە ۋۇجۇدىي تاسادۇف (ontological chance). مەرىپىي تاسادۇفنى ئىككىگە ئايرىغىلى بولىدۇ : ئېنىقسىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تاسادۇف (EC1)، يەنى تەڭگىنى تاشلىغاندا قايسى يۈزى چۈشۈشنى بىلمەسلىك؛ بىلەلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تاسادۇف (EC2)، يەنى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن نېمە يۈز بەرگەنلىكنى بىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقى. ۋۇجۇدىي تاسادۇفنىمۇ ئىككىگە ئايرىغىلى بولىدۇ : ھادىسىنىڭ جىسمانىي/فىزىكىلىق سەۋەبىنىڭ يوقلۇقى (OC1)؛ يەنە ھادىسىنىڭ جىسمانىي ۋە غەيبىي سەۋەبىنىڭ يوقلۇقى (OC2). بۇ ئىككى ۋۇجۇدىي تاسادۇف رېئاللىقنىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدىكى مەۋقەلەردۇر. ئەشئەرىي ئەندىزىسىدە EC1, EC2, OC1 لار مەسىلە تۇغدۇرمايدۇ. ئالەمنىڭ مۇقەررەر (deterministic) ياكى ئەمەسلىكىمۇ، OC2 غا باغلانمىسىلا مەسىلە تۇغدۇرمايدۇ. تاسادۇف ۋە غايە (ب 200) تاسادۇف مەقسەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مەسىلە تۇغدۇرىدۇ، چۈنكى تەبىئەتتە بىر ئاداققى مەقسەت/غايىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن سۈرە زارىيات 56-ئايەتكە قارىساق ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكى ئېنىق دېيىلگەن. بەزى مۇتەپپەككۇرلار يېقىن مەقسەت (proximate goals) بىلەن ئاداققى مەقسەت (ultimate goals) نى پەرقلەندۈرىدۇ. يېقىن مەقسەت، نەرسىلەرنىڭ نېمىشقا ۋە قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تار دائىرىلىك چۈشەندۈرۈش. ئاداققى مەقسەت كەۋنىي دائىرىدىكى چۈشەندۈرۈش. مەقسەتشۇناسلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. چوڭ مەقسەتشۇناسلىق (MAT) يارىتىلىشتىكى ئاداققى غايە؛ ئورتا مەقسەتشۇناسلىق (MET) تەبىئەت قانۇنلىرىغا ئاساسلانغان قۇرۇلمىلىق ۋە ئومۇمىي مەقسەت؛ كىچىك مەقسەتشۇناسلىق (MIT) يەرلىك ۋە بىۋاستە چۈشەندۈرۈشلەر. چوڭ مەقسەتشۇناسلىقنى تەبىئەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق بايقاش ئېھتماللىقى ئېنىق ئەمەس. ئەشئەرىيلەرگە كۆرە چوڭ مەقسەتشۇناسلىق پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا بىلدۈرۈلىدۇ. ئىنساننىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى دۇنيانىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

   ئۈنۈمسىزلىك مەسىلىسى (ب 202) ئەۋرىمنىڭ ئۈنۈمسىزلىك مەسىلىسى شەرر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك (8-بابتا سۆزلىنىدۇ). ئۈنۈم – بىر نەرسىنىڭ، مەلۇم زامان-ماكان چەكلىمىسى ئاستىدا، قانچىلىك ياخشى تاماملانغانلىقىغا ئائىت ئۇقۇم. چەكلىمە – ۋاقىتقا ياكى ماددىغا ياكى ماكانغا ئائىت بولىشى مۇمكىن. سوئال : ئاللاھنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق ئۆلچىگىلى بولىدۇ ؟ جاۋاب، بولمايدۇ، چۈنكى زامان-ماكان ئۇنسۇرلىرى ئاللاھنى چەكلىيەلمەيدۇ. شۇڭا ئۈنۈمسىزلىك مەسىلىسى ئەشئەرىي ئەندىزىسىدە مۇھىم ۋەزىنگە ئىگە ئەمەس. چۈنكى ئۈنۈم ئىنسان مەركەزلىك ئۇقۇم بولۇپ ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

   ئەلھاسىل، ئەلغەززالىينىڭ غەيبىيات قۇرۇلمىسى يارىتىشچىلىق، ئىنسانىي ئىستىسناچىلىق، ئادەمىي ئىستىسناچىلىق ۋە ئىستىسناسىزلىق بىلەن تامامەن ماسلىشالايدۇ.

7. ئاقىل لايىھە: بۇ باب تۆت قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

   دەسلەپكى چۈشەنچە (ب 213) ئاقىل لايىھە مەنتىقەن ئىككى ئۇسۇلدا قۇرۇلىدۇ : قىياسلىق ئىددىئا (analogical argument) ۋە ئەڭ توغرا چۈشەندۈرۈشنى يەكۈنلەش (inference to the best explanation). لايىھەچىنى تونۇش جەھەتتىن : ئۈستتىن ئاستقا ياقلاشىمى ۋە ئاستتىن ئۈستكە ياقلاشىمى قوللىنىشقا بولىدۇ. لايىھەچىنى كەۋنىي لايىھەچى ۋە بىئولوگىيىلىك لايىھەچى قاتارلىق ئىككىگە بۆلۈپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىنچىكە تەڭشەش ئىددىئاسى (fine-tuning argument)دا ئالەمنىڭ ھاياتلىققا ئىمكان بېرىدىغان جىسمانىي چەكلىمىلىرىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە، تار دائىرىلىك ئىكەنلىكى سەۋەبلىك كەۋنىي لايىھەچى يەكۈنلىنىدۇ؛ بىئولوگىيە ئالىمىدىكى مۇرەككەپلىكلەر بولسا بىئولوگىيەلىك لايىھەچىنى يەكۈنلىتىدۇ.

   مايكېل بىھىچە كېمەيتىلمەس مۇرەككەپلىك (irreducible complexity) (ب 215) ئاقىل لايىھەنىڭ ئىددىئاسى بىئولوگىيە ئالىمىدىكى پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپلىكنىڭ، بىر لايىھەچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە ئۈندىشىدۇر، ئاقىل لايىھەچىلەرنىڭ ئىككى مەشھۇر بايانى بولۇپ، مايكېل بىھى(Michael Behe) نىڭ كېمەيتىلمەس مۇرەككەپلىكى ۋە ۋىليام دېمسكى (William Dembski) نىڭ ناھايىتى تېخنىكىىق ۋە ماتېماتىكىلىق بايانى. ئىككىلىسى، تەبىئىي شاللىنىش ۋە تاسادۇفىي ئەۋرۈت، يەنى نەۋدارۋىنچىلىق مېخانىزمىنىڭ بىئولوگىيە ئالىمىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ قىسىمدا مايكېل بىھىنىڭ بايانىلا كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ. ئۇنىڭغا كۆرە، بىر كېمەيتىلمەس مۇرەككەپ قۇرۇلما، ئىچىدىكى ھەر بىرى زۆرۈر بولغان ھەم خاس رولغا ئىگە بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان (چاشقان توزىقى مىسال قىلىنىدۇ). ئەۋرىمگە كۆرە، يېڭى بىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىلار ئالدىنقىلىرىغا ئاساسلىنىدۇ، يەنى ئالدىنقىلىرىمۇ ئىشلىشى كېرەك. لېكىن باكتېرىيە قىلى (bacterial flagellum) ددك قۇرۇلمىنىڭ بىر بۆلىكى كام بولسىمۇ، ئۇ قۇرۇلما ئىشلەنمەس بولىدۇ، شۇڭا مەۋجۇد بولالمايدۇ. بىھىنىڭ پىكرىدە قوش قۇتۇپلۇق، بار ياكى يوق، ئەندىزىسى بار بولۇپ، بۇ تەرىپى تەنقىدكە ئۇچرىغان. يەنى مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى ئاۋۋال باشقا رولغا ئىگە بولغان كېيىن رولىنى ئۆزگەرتىپ شۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىنى ھاسىل قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرگە بىھىنىڭ جاۋابلىرىمۇ بار.

    ئاقىل لايىھەنى ئىلىم پەن نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش (ب 219) بۇ مەزمۇندا ئۈچ نۇقتا بار: ئىلىم ۋە نىمئىلىم (pseudoscience) پەرقى، ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك ۋە ئىلىم پەننىڭ ئۆرپىي كونتېكستى. بۇ ھەقتىكى خۇلاسە، ھازىرچە ئاقىل لايىھە بىئولوگىيەلىك لايىھە ھەققىدىكى شۈبھىلىك چۈشەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ كېيىن قانداق بولىشى كەلگۈسىگە ئامانەت.

   ئاقىل لايىھەنى پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش (ب 225) ئەلغەززالىينىڭ غەيبىيات قۇرۇلمىسىغا كۆرە، تۆت مەسىلە مەۋجۇد. مەخسۇسلاشتۇرۇش مەسىلىسى (Localisation problem): ئاقىل لايىھەچىلەر پەقەت مۇرەككەپ بارلىقلارنىڭلا لايىھەچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن مۇناسەبەتچىلىككە كۆرە، بىر نەرسە ئاددىي ياكى مۇرەككەپ بولسۇن ئۇنى ئاللاھ ياراتقاندۇر. خاسلاشتۇرۇش مەسىلىسى (Specification problem): ئاقىل لايىھەدىكى لايىھەچى چوقۇم ھەممىگە قادىر ۋە ئالىم بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى يەكۈنلەتمەيدۇ. بىئولوگىيەلىك لايىھەچى، دىنسىزلىق، نامۇدرىكلىك ۋە دىندارلىق ھەممىسىگە ماس كېلىۋېرىدۇ. مۇۋەققەت يەكۈن مەسىلىسى (Tentative abduction problem): ئاقىل لايىھەنىڭ دارۋىنچىلىقتىن ياخشىراق چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش پەقەت ھازىرقى بىلىم ۋە چۈشەنچىگە تايانغان. ئەگەر لايىھەچىنى ئاللاھ دېسەك، كېيىن باشقا تەبىئىي مېخانىزمنىڭ شۇ مۇرەككەپ لايىھەنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى بىر مەسىلە تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا ئەلغاززالىيغا كۆرە، ئاللاھ ھەرگىز تەبىئىي چۈشەندۈرۈش بىلەن رىقابەتكە چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ بىرلەمچى سەۋەبىدۇر. مەشرۇتلۇق مەسىلىسى (Contingency problem): ئەشئەرىيلەرگە كۆرە، مەخلۇقاتنىڭ ئىنچىكە تەڭشەلگەن، لايىھەلەنگەن ياكى ئاددىي بولىشىنىڭ كارايىتى چاغلىق. خۇلاسەن، ئاللاھ يارىتالايدىغان ھەممە مۇمكىن ئالەملەر ئۈچۈن لايىھە زۆرۈر ئەمەس، لېكىن ئاللاھ يارىتالايدىغان ھەممە مۇمكىن ئالەملەر ئۈچۈن مەشرۇتلۇق زۆرۈر. شۇڭا تاسادۇف ياكى لايىھەسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن ئانچە مۇھىم ئەمەس.

8. ۋىجدان ۋە ئەۋرىم:

   شەرر مەسىلىسى (problem of evil) ۋە ئوبيىكتىپ ۋىجدان مەسىلىىسى (problem of objective morality) ئەلغەززالىينىڭ ۋىجدان قۇرۇلمىسىغا كۆرە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. شەرر مەسىلىسى (POE)نى، ۋىجدانىي شەرر ۋە تەبىئىي شەررگە ئايرىش مۇھىم. بۇلارنىڭ پەرقى ئىنسان كونتروللىقى. ئەۋرىم بايان قىلغان تۈپتىن ۋەھشىي كۆرۈنىدىغان ھايات قۇرۇلمىسى شەرر مەسىلىسىنى چوڭايتىۋېتىدۇ. ئوبيىكتىپ ۋىجدان مەسىلىىسى (POM) ۋىجدانىي ئىلكىلەرنىڭ ئوبيېكتىپلىقىغا مەركەزلىشىدۇ. تارىخىي ئەۋرىمسەل ئەلگەكلەر (بېسىملار) پۈتۈنلەي مەشرۇت بولۇپ، ۋىجداننىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.

   ئاتالغۇلارغا ئىزاھات (ب 239): تەسۋىرىي ئەۋرىمسەل ئەخلاق (Descriptive evolutionary ethics) – جانلىقلارنىڭ ۋىجدانىي ئەمەللىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش. ئۆلچەمچى ئەۋرىمسەل ئەخلاق (Normative evolutionary ethics) – ئەۋرىم ئارقىلىق ئەخلاق مىزانلىرىنى قانداق چۈشەندۈرگىلى، ئىسپاتلىغىلى ۋە ماقۇللىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىش. ئەۋرىمسەل مېتائەخلاق (Evolutionary metaethics) – ئەۋرىمنىڭ ۋىجدانىي ئوبيېكتىپلىقنى ئىنكار قىلىش-قىلماسلىقىنى ئويلىشىش.

   ئەۋرىم ۋە ۋىجدان (ب 240) ئىككىسىنىڭ كېسىشمىسىدە ئىككى نۇقتا بار. ئىلمىي تەرەپ ۋە پەلسەپىۋىي شەرھلەر. ئەۋرىمگە ئىلمىي نۇقتىدىن نەزەر سالغاندا، ئەۋرىمنىڭ گېننىڭ ساقلىنىشى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. بۇ بىر شەخسىيەتچى تۈرتكۈچ (selfish driving force) بولۇپ، نەزەرىيەن بۇ بىئولوگىيە ئالىمىنىڭ شەخسىيەتچىلەرگە تولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كېرەك. لېكىن، ھايۋانلار ئارىسىدىمۇ ھەمكارلىقنى، ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىشنى بايقايمىز. ئەۋرىم گېن مەركەزلىك بولغاچقا بەزى ئالىملار گېننىڭ ۋىجداننىڭمۇ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ھامىلتون قائىدىسى (Hamilton’s rule) ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈرلەر ئارا ھەمكارلىقنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مەۋجۇدلۇققا بىۋاستە ئەمەس بەلكى ۋاستىلىك ياردەم بېرىدىغان.  ئۆز-ئارا پىداكارلىق (reciprocal altruism) ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىئولگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك پىداكارلىق پەرقى سۆزلەنگەندىن كېيىن، تۈرلەردىكى پىداكارلىق ھادىسىسى، قىلىۋاتقىنىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شۇ ھادىسىنىڭ ئۇلار ئاڭقارمىسىمۇ ھاياتلىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر دەۋردە ۋىجدان، ئەۋرىمنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە پەيدا بولغان.

   ۋىجدانىي تۇغمىچىلىق (moral nativism or innatism) (ب 243) ۋىجدان – ئىنسان ئىگە تۇغما قابىلىيەت، پىكىر ياكى ئىلكەدىن ئىبارەت. قابىلىيەت تۇغمىچىلىقى (Capacity nativism) ۋە مەزمۇن تۇغمىچىلىقى (content nativism) دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. مەسىلە، تارىختىكى مەدىنىيەتلەردىن ئالەمشۇمۇل ئۆلچەملەرگە ئاساس بولىدىغان دەلىل كەم.

   ئەۋرىم، ئۆلچەمچىلىك ۋە ۋىجدانىي رېئالىزم (ب 245) يۇقارىدا ۋىجدانىي ئاڭنىڭ قانداق، قاچان پەيدا بولغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنغان بولسا، بەزى مۇتەپپەككۇرلار ئەۋرىمسەل باياننى قوللىنىپ قىسمەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پروگراممىلارنى ئاقلىغان. ئەۋرىمنى ئەخلاق دائىرىسىگە تەتبىقلاشتا يەنە ئىككى پەلسەپىۋىي مەسىلىمۇ بار. داۋىد ھيۇم (David Hume)نىڭ بار-بۇرچ پەرقى، يەنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش(بۇرچ)نى كۆزەتكىنىمىز(بار)دىن يەكۈنلىمەسلىك. يەنە تەبىئىيچىل سەپسەتە (naturalistic fallacy)، يەنى ۋىجدانىي ياخشى-ياماننى تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەر (لەززەت، ئاغرىش… دېگەندەك) بىلەن ئارىلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. باشقا نۇقتىسىدىن، ئىجتىمائىي دارۋىنچىلىق (Social Darwinism) ئەۋرىمنى قوللىنىپ ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ بەزى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەرتىپلىنىشىنى ئەقلەن ئاقلىغان بولسا، ۋىجدانىي ئەكسىلرېئالىزىمچىلار (moral antirealists) ئەۋرىم ئارقىلىق ۋىجدان بىناسىنى غۇلىتىۋاتىدۇ.

    ئەلغەززالىينىڭ ۋىجدانىي قۇرۇلمىسى (ب 248) ئەلغەززالىي خەير يەنى ياخشىلىقنى ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن ئىزاھلايدۇ. يەنى خەير – مەقسەتكە باغلىق. ئۇ ياخشىلىقنى ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ. بىرىنجى، پائىلنىڭ مەقسىتىگە باغلىق (مەسىلەن، ئىشلەپ پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ، پۇل قازىنىش)، بۇ ئالاقىۋىي ۋە نىسبىي (relational and relative)دۇر. ئىككىنجىسىمۇ ئوخشاش، لېكىن ئاخىرەتكە باغلىق. ئىككىسىنىڭ پەرقى ئىككىنجى تۈردىكى ياخشىلىق ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدۇ، ئۇنى ئەقىل يەكۈنلىيەلمەيدۇ. ئەلغەززلىيغا كۆرە، ئالەمشۇمۇل ياكى ئوبيېكتىپ ۋىجدان دەيدىغان نەرسە يوق، يەنى تۈپكى مۇتلەق ياخشى-يامان دېيىلىدىغان نەرسە يوق. ئۈچىنجى تۈرلۈك ياخشىلىق، ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىگە ئائىت. ئاللاھ مۇھتاج ياكى ئۇنىڭغا كېرەك ھېچنەرسە يوق، شۇڭا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئېھتىياجى مەقسىتى يوق. ئاندىن، بۇنىڭغا مۇھتەمەل ئىككى ئېتىراز ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بايان قىلىنىدۇ.

   ئەلغەززالىي. شەرر مەسىلىسى ۋە ئوبيېكتىپ ۋىجدان مەسىلىسى (ب 254) ئەلغەززلىي ۋىجداننى بېكىتىدىغان ئەڭ تۈپكى مەنبەنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىلاھىي ئەمر نەزەرىيەسى (divine command theory) نىڭ بىر تۈرىنى قوللانغان. يەنە ئاللاھ بەندىلىرىگە قارىتا ھېچقانداق ۋىجدانىي مەجبۇرىيەتلەرگە ئىگە ئەمەس. شەرر ۋە ئازاب ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ سۈنئىي ھاسىلاتلىرى. دېمەك، ئەشئەرىيلىكتە شەررنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر مەسىلە ئەمەس. ئوبيېكتىب ۋىجدانغا كەلسەك، ئەلغەززالىي ۋىجدانىي ئەكسىلرېئالىزىمچىلاردەك ئوبيېكتىپ ۋىجدان مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ پەرقى ئەلغەززلىي دىندارلىق سەۋەبىدىن، كىتابتا نەقىل قىلىنغان مۇتەپپەككۇرلار تەبىئىيچىلىك سەۋەبىدىن ۋىجدانىي ئەكسىلرېئالىزىمچى.

4. بۆلۈم – شەرھشۇناسلىق مۇلاھىزىلىرى

9. ئەلغەززالىينىڭ شەرھشۇناسلىقى:

   بۇ بابتا ئەلغەززالىينىڭ ئەقىدىگە ئالاقىدار يازمىلىرى نۇقتىسىدىن ئەۋرىمگە بولغان مەۋقە بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىر قانچە ئەسىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

   ئەقىل ۋە ۋەھىي (ب 269) ئەلغەززالىي «تەئۋىلنىڭ تولۇق قانۇنى (القانون الكلي في التأويل)» ناملىق ئەسىرىدە ئەقىل-ۋەھىي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشتە كىشىلەرنى بەش تۈرگە ئايرىيدۇ. جەدۋەل 9.1 گە قاراڭ.

ئەلغەززالىينىڭ شەرھشۇناسلىقى

   ۋەھىي مۇتلەقچىلىرى، نۇسۇسقا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بەرگەنلىكتىن ئەقىلگە زىت نەرسىلەرنى دېيىشتىنمۇ يانمايدۇ. ئەقىل مۇتلەقچىلىرىگە كۆرە، ئەقىل ۋەھىينى يېتەكلىشى كېرەك. گەرچە كىتابىدا تىلغا ئالمىسىمۇ ئەلغەززالىي بۇ يەردە يۇنان ئەنئەنىسىدىكى مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنى كۆزدە تۇتقان. ئۇ «پەيلاسوپلار تۇتامسىزلىقى (التهافت الفلاسفة)» دېگەن ئەسىرىدە پەيلاسوپلارنى ئون يەتتە نۇقتىدىن تەنقىد قىلىدۇ ۋە بۇلاردىن ئالەمنىڭ ئەزەلىي ئىكەنلىكى، بەدەننىڭ تىرىلىشىگە ئىشەنمەسلىكى ۋە ئاللاھنىڭ تەپسىلاتنى بىلمەسلىكى قاتارلىق ئۈچ نۇقتىنى كاپىرلىق سانايدۇ. ئۇ يەنە ئىبن سىنانىڭ مۆجىزىلەرنى مەجازىي شەرھلەيدىغان ئەندىزىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى مۆجىزىلەر مەنتىقەن مۇمكىن. ئەقىل تەرەپدارلىرى، ۋەھىيگە مەلۇم ئورۇن بەرسىمۇ يەنىلا ئەقىلنى ئاساس قىلىدۇ. ئەلغەززالىي بۇلارنىڭ ئاھاد ھەدىسلەرنى ئەقلىگە توغرا كەلمىگەندە ئىنكار قىلىدىغانلىقى ۋە نۇسۇسلارغا دېققەت قىلىشىنىڭ مېتودلۇق ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ. ۋەھىي تەرەپدارلىرى، نۇسۇسنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەقىلنى قوللانسىمۇ كۆپىنچە ئەقىلگە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەلغەززالىينىڭ ئاساسلىق تەنقىدى، بۇلارنىڭ بەزى نۇسۇسلارنىڭ مەنتىقىگە زىت[12] ئىكەنلىكى تۈپەيلى باشقىچە تەئۋىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلمەسلىكىدۇر. ئاخىرىدا، ئوتتۇرھاللار بولۇپ، بۇلار ئەقىل ۋە ۋەھىينىڭ ئارىسىنى تەڭشەيدۇ. بەزىدە ئەقىل-ۋەھىي ئارىسىنى ياراشتۇرغىلى بولمىسا، ئەلغەززالىي ئۈچ ئىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ : ئۆزىنىڭ چەكلىمىسىنى/ھەددىنى بىلىش، ئەقىلدىن گۇمانلانماسلىق ۋە مەنىنى تاپشۇرۇش (تفويض المعنى). يىغىپ ئېيتقاندا، ئىمام ئەلغەززالىي نائېنىق تەئۋىل مەۋقەسىنىڭ بولىشىنى مەسىلە ھېسابلىمايدۇ. ئۇ بەزىدە يەنە ئەقىدىۋىي تەۋەققۇفمۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئۇنىڭ «دىنى ئىلىملەرنى تىرگۈزۈش (احياء علوم الدين)» ئەسىرىدىن نەقىل قىلىنغان. خۇلاسەن، ئەلغەززالىي، تەئۋىلدە ۋەھىي ۋە ئەقىلگە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن بېرىدۇ. بەزىدە مەلۇم نەسسنىڭ كۆپ مەنە بېرىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئۇلاردىن بىرسىگە زورلىماسلىقنى ماقۇل كۆرىدۇ. كېرەك بولسا ئەقىدىۋىي تەۋەققۇفنى قوللىنىدۇ.

   ئىلىم پەن ۋە شەرھشۇناسلىق (ب 276) ھازىرقى تەبىئىي پەنگە بولغان مەۋقەسىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەلغەززالىينىڭ دەۋرىدىكى ئاسترونومىيەگە ئوخشاش پەنلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ تەبىئىي پەنلەرنى دىننىڭ نوپوزىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىشقا قارشى ئەمەس. شۇنداقلا تەبىئىي پەنلەرنى دىنغا تەھتىد ياكى دىنغا كېلىشەلمەس دەپ قارىمايدۇ. ئۇنىڭ «قۇرئان جەۋھەرلىرى (جواھر القران)» ئەسىرىدە دېيىلگىنىدەك، ئىلىم پەننى قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. مۇئەللىپكە كۆرە (ب 277) مۇھىم مەسىلىدىن بىرسى، قۇرئاننى «ئىلمىي مۆجىزىلەرنى» ئۆ ئىچىگە ئالغان يەنى ئىلمىي مەپكۇرىلەرنى قۇرئاندا تەييار دەپ قارايدىغان بىر كۆز قاراش بولۇپ، بۇنى ئەلغەززالىي قوللىمىغان بولاتتى. قۇرئان بىزنى تەبىئەتكە بېقىپ ئاللاھنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشكە تۈرتسىمۇ، ئۆزى ئىلمىي تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.

   ئىلاھىيەت ۋە شەرھشۇناسلىق (ب 278) ئەلغەززالىي «ئىسلام ۋە يوشۇرۇن كاپىرلىق ئارىسىنى ئايرىش ئۆلچىمى(فيصل التفرقة بين الاسلام والزندقة)» ئەسىرىدە، ئىسلامىي نۇسۇسنىڭ قاچان ئەسلىي مەنىسى بويىچە، قاچان كۆچمە مەنىسى بويىچە ئېلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى مېتودىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئەسەر، قاچان بىرسىنىڭ كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلەنسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەش ھەققىدە بولۇپ، ئەلغەززالىيغا كۆرە كاپىرلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى پەيغەمبەر مۇھەممەد (ئاڭا ئالقىش ۋە ئېسەنلىك)كە يالغاننى نىسبەت بېرىشتۇر. بىرسى قەتئىي روشەن سەۋەبسىز كۆچمە مەنىگە ئۆتسە، ئازغان بولىدۇ. لېكىن، كاپىرلىق پەقەت ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى كۆچمە مەنىدە چۈشىنىش بىلەن بولىدۇ. ئەلغەززالىيغا كۆرە ئىماننىڭ ئاساسلىق ئىلكىلىرى ئۈچ : ئاللاھنىڭ بارلىقى، پەيغەمبىرى (مۇھەممەد- ئاڭا ئالقىش ۋە ئېسەنلىك) نىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاخىرەت كۈنىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى تەستىقلاش.

   ئەلغەززالىينىڭ كۆچمە مەنىدە ئوقۇش ئۇسۇلى (ب 280) ئۇنىڭ تەئۋىل ئۇسۇلىدا بەش دەرىجە بار. 1. زاتىي (الوجود الذاتى): بۇ دەرىجىدە، ئىسلامىي نۇسۇس، سۆزلەرنىڭ ئوچۇق (زاھىر) مەنىسىدە، ھېچقانداق كۆچمە مەنىسىز چۈشىنىلىدۇ؛ 2. ھېسسىي (الوجود الحسّى): بۇ دەرىجىدە نەرسىلەر سەزگۈ ئارقىلىق بىلىنىدۇ. نۇسۇسلار ھادىسىۋىي چۈشىنىلىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ ئۆزى قاراۋاتقان تامدا كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان (بۇخارى 6468). جەننەتنىڭ چوڭلىقى بىر تامغا پاتمايدۇ. دېمەك، پەيغەمبەر تامدا جەننەتنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن؛ 3. خىيالىي (الوجود الخيالى) : بۇ دەرىجە، نورمالدا سەزگىلى بولىدىغان ئەمما بىۋاستە فىزىكىلىق ئالاقىسى بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئالدىدا يوق بىر نەرسىنى خىيال قىلىش؛ 4. ئەقلىي (الوجود العقلى): بۇ دەرىجىدە، نەرسىلەر ئۆزىنىڭ فىزىكىلىق بارلىقىدىن تاشقىرى، بىر ئۇقۇم ھالىتىدە چۈشىنىلىدۇ؛ 5. مەجازىي (الوجود الشباهى المجازى): بۇنىڭدا، ئەمەلىي مەجۇتلۇقى ھەم تەسۋىرىمۇ بولمىغان نەرسىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.ئەلغەززالىيغا كۆرە، بىراۋ ئەسلىي مەنىدىن كۆچمە مەنىگە ئۆتمەكچى بولسا مەنتىقىي دەلىل (برھان) كەلتۈرىشى كېرەك. ئورۇنلۇق سەۋەبسىز تۆۋەنكى دەرىجىلەرگە چۈشۈش بىدئەت سانىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش كاپىرلىق بولىدۇ. ئەلغەززالىي يەنە كۆپ خىل شەرھنىڭ بولىشىغا قارشى ئەمەس.  ئاساسلىق شەرھكە زىيان كەلتۈرمىسىلا قوشۇمچە شەرھلەر نۇسۇسنىڭ چۈشىنىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شەرھلەشتە ئەرەبچە بىلىش ۋە كونتېكىستنى چۈشىنىش كېرەك.

   كىلاسسىك ئەرەبچە (ب 284) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تىلىنى بىلىش تەئۋىلنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى. چۈنكى، قاچان سۆزلەرنى كۆچمە مەنىدە چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بىلىش قىيىن. بۇنىڭغا، «کَ، مثل»، «بین یدی». «قروء» قاتارلىق سۆزلەر ۋە 7،70،700 قاتارلىق سانلار مىسال كەلتۈرۈلىدۇ.

   كونتېست بىلدۈرگۈچ (ب 286)  كۆچمە مەنىدە چۈشىنىش يەنە كونتېست (قرائن /قەرائىن) ئارقىلىق چۈشىنىش بولۇپ، قەرائىن تىلنىڭ ئۆزىگە ئائىت ياكى تىلدىن سىرتقى، مەسىلەن تارىخي، بولىدۇ. بۇ ئىسلامىي نۇسۇسنىڭ يالغۇز، ئايرىم-ئايرىم ئوقۇلسا بولمايدىغانلىقىنى لازىم قىلىدۇ. بەزىدە، ئايەتلەرنى ئەتراپىدىكى ئايەتلەر بىلەن قوشۇپ چۈشىنىش كېرەك، بەزىدە يىراقتىكى ئايەتلەر بىلەن چۈشىنىش كېرەك بولىدۇ. ھەدىسلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش.

   ئىلاھىيەت ۋە ھەدىس (ب 288) ھەدىسشۇناسلىق يەنى ئۇسۇلۇلھەدىس (اصول الحدیث) توغۇرلۇق يۈزەكى تونۇشۇرۇش بېرىلىدۇ. ھەدىسلەر بۇ بۆلەكتە مۇتاۋاتىر ۋە ئاھاد دەپ ئايرىلغان ئىدى. لېكىن ھەدىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاھاد بولۇپ، ھەدىسشۇناسلار يەنى مۇھەددىسلەر، بۇ ھەدىسلەرنى ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن ئايرىپ چىققان. ئايرىشتىكى ئاساسلىق بەش ئىلكە چۈشەندۈرۈلىدۇ : 1. داۋاملىشىش زەنجىرى (الاتصال السند)؛ 2. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ، يەنى راۋىينىڭ، ئادىللىقى (العدالة)؛ 3. رىۋايەتنىڭ دەللىكى (الضبط)؛ 4. نۇقسانسىزلىق (غیر العلة)؛ 5. يوچۇن ئەمەسلىك (غیر الشظوظ). بۇلار ئارقىلىق ھەدىسلەر توغرا (صحح)، ياخشى (حسن) ۋە ئاجىز (ضعیف) قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئەلغەززالىيغا كۆرە، پەقەت مۇتاۋاتىر نۇسۇسلا ئەقىدىۋىي باغلاش كۈچىگە ئىگە، بۇنداق دېگەنلىك ئاھاد ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىش ئەمەس. لېكىن، غول ئەقىدىۋىي مەسىلىلەر يالغۇز ئاھاد ھەدىسكە تايانسا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى. يەقىين (يقين) يەنى جەزمىيەت، مۇتاۋاتىر مەنبەدىن كېلىدۇ، مۇقابەلەن، ئاھاد ھەدىسلەرنىڭ توغرىلىق ئېھتىماللىق كۈچلۈك يەنى ئۇلار زاننىي (ظنّی). شۇڭا ئاھاد ھەدىسنى رەت قىلغۇچى كاپىر سانالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئاھاد ھەدىسلەرنى رەت قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك سەۋەب بولىشى كېرەك، بولۇپمۇ غەيب مەسىلىلىرىدە. ئەلغەززالىي، «ئىلكەشۇناسلىقتىن تاللانما (المصطفى من علم الاصول)» ناملىق ئەسىرىدە، فىقھى يەنى قانۇنشۇناسلىق مەسىلىلىرىدە ئاھاد ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈش توغۇرلۇق توختىلىدۇ. دېمەك، فىقھى نۇقتىسىدىن، ئەلغەززالىي دەلىللەنگەن ئاھاد ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئىددىئا قىلغان.

   خۇلاسەن، ئەلغەززالىي تەئۋىلدە، ئەقىل ۋە ۋەھىيگە ئوخشاش مەرىپىي (epistemic) ۋەزىن بېرىدۇ. ئىككىسى ئارىسىدا زىتلىق كۆرۈلگەندە، كىشى مەتننى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى پەرەزلىرىگە مەجبۇرىي تاڭماسلىقى كېرەك. ئۇ نۇسۇس سۈكۈت قىلغان نۇقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشنى مەسىلە ھېسابلىمايدۇ. ئۇ قۇرئان ۋە ئىلىم پەننىڭ ئۇيغۇن كېلىشىنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن قۇرئاننى ئىلمىي ھادىسىلەرگە چەكلەپ قويمايدۇ. ئىلىم پەن قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى. نۇسۇس ئۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىدە چۈشىنىلىشى كېرەك، مەگەر غەيرىگە ئورۇنلۇق سەۋەب بولمىسا.

10. ئىسلامىي نۇسۇستا يارىتىشچىلىق ياكى ئەۋرىم؟

   بۇ باپتا ئالدىنقى باپتا كۆزدىن كەچۈرۈلگەن، ئەلغەززلىينىڭ تەئۋىل قۇرۇلمىسىدا تۆتىنجى باپتىكى نۇقتىلار تەكشۈرۈلىدۇ. مۇئەللىپ ئالدىنقى باپنىڭ مەزمۇنىنى توققۇز ئىلكىگە يىغىنچاقلاپ چىقىدۇ (ب 296). بۇ باپ ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن.

   تەئۋىلىي ئىلىمچىلىك (ب 297) ئەلغەززالىينىڭ تەئۋىل قۇرۇلمىسى نۇسۇسنى ئورۇنلۇق سەۋەب بولمىسا ئەسلى مەنىسىدە چۈشىنىشنى تەرغىب قىلىدۇ. لېكىن بەزى ياقلاشىملار ھەممە تەئۋىلنىڭ ئىلىم پەن نۇقتىسىدىن كۆزىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى ئايەت، ھەدىسلەر ئىلمىي بولمىسا ئۇلارنى ئىلىم پەنگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش كېرەك. بۇنىڭ تەرەپدارلىرىدىن مىسال : نىدال گېسسۇم بىلەن رانا داجانى. ئەلغەززالىيغا كۆرە گېسسۇمنىڭ مەۋقەسى ئالتىنجى باپتا سۆزلەنگەن ئىلاھىي ھەرىكەت پىلانىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەلغەززالىينىڭكى گېسسۇمنىڭ مەۋقەسىنى تەئۋىلىي ئىلىمچىلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتا بولمىسا كېرەك.

   ئىنسان ئەۋرىمىگە قارشى تەنقىدلەر (ب 301) تۆتىنجى باپتا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىن چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەۋرىمگە قارشى دەلىل قىلىنغان ئىدى. لېكىن، نۇسۇس جەننەتنىڭ ساماۋىي ياكى دۇنياۋىي ئىكەنلىكىدە قەتئىي ئەمەس. گەرچە كىلاسسىك تەپسىرلەردە ساماۋىي جەننەت قارىشى كۆپ سانلىقنى ئىگەللىسىمۇ.  ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساماۋىي جەننەتتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن زېمىندا قايتا ئەۋرىمسەل جەرياندا يارىتىلغانلىقى مەنتىقەن مۇمكىن بولغاچقا، جەننەتنىڭ تۈرى ئەۋرىمنى ئىنكار قىلىشقا يېتەرلىك ئەمەس. ئىنساننىڭ ئۈستۈنلىكى (سۈرە تىين 4-ئايەت؛ سۈرە ئىسرا 70-ئايەت) مۇ ئەۋرىمگە قارشى قويۇلغان. لېكىن كونتېسكتتە ئوقۇلغىنىدا بۇ ئايەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكنىڭ ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ياخشىنى قىلىپ ياماندىن يېنىشقا ئالاقىلىق ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنسان ھەققىدە، ئالدىراڭغۇ، ئاجىز… دېگەندەك مەنپىي مەنىدىكى ئايەتلەرمۇ بار. شۇڭا بۇ تۈردىكى ئايەتلەر ئەۋرىمگە قارشى ئوچۇق دەلىل بولالمايدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ ئىلكى/قولىنىڭ (بىرلىك ۋە كۆپلۈكتە) زىكىر قىلىنىشىنىڭ ئادەمگە خاس ئەمەس بولسىمۇ، قوشلۇقتا (مثنّه) زىكىر قىلىنىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا خاس. ئەلغەززالىي ئاللاھنى ئىنسانسىمان تەسۋىرلىگەن ئايەتلەرنى ئەسلىي مەنىدە تەپسىرلىمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ناھايىتى ئالاھىدە ھادىسە ئىكەنلىكى دەپ تەپسىرلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئەۋرىمگە قارشى چىقمايدۇ. چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدىلىكىنى روھقا باغلاپ تەپسىرلەشكە بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھنىڭ قولىنىڭ زىكىر قىلىنىشى ئىنسان ئەۋرىمىنى رەت قىلىشتا كۈچلۈك ئىددىئا بولالمايدۇ.

  ئىستىسناسىزلىق تەرەپدارلىرى ئىددىئالىرى (ب 305) بۇلار چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تۈرلۈك. بىرىنجىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىنى ئەسلىي مەنىدە تەپسىرلىمەسلىك. بەزىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مەجاز دېسە، بەزىلەر ئىنسانىيەتكە قىلىنغان سىمۋول دېگەن. مەسىلە، مەتىندە مەجاز قوللىنىلغانلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق ئىشارەت يوق. يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالام تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر ئۆز-ئارا زىچ باغلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم ئەلەيھىسسالام مەجاز دېيىلسە، باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ مەجاز دېگىلى بولىدۇ-دە، قۇرئاننىڭ كۆپ قىسمىنىڭ توقۇلما ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەمدە، بۇ ئىددىئادىكىلەرنىڭ ئېنىق تەئۋىل قائىدىلىرى بولمىغاچقا، قايسى ئايەتلەرنى مەجاز، قايسىلىرىنى ئەسلىي مەنىدە تەپسىرلەش بەك ئۆز بېشىمچە بولۇپ قالىدۇ. ئىككىنجىسى، بەشەر-ئىنسان ئايرىمىسى (ب 309) يەنى «ئىنسان» سۆزى قوللىنىلغاندا ئەقلىي ئىقتىدار ئۇران قىلىنغان، «بەشەر» بىر مەخلۇق مەنىسىدە قوللىنىلغان دېگەن قاراش بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەسىلە، بۇنداق ئايرىما قۇرئاندا ئىزچىل ئەمەس. سۈرە تەغابۇن 6-ئايەت ۋە سۈرە ئىسرا 90-93-ئايەتكلەردە پەيغەمبەرلەرگە بەشەر دېيىلگەن، سۈرە مەريەم 26-ئايەتتە بەشەر ۋە ئىنسان ئىككىلىسى كىشىلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان. يەنە سۈرە نىسا 1-ئايەت ۋە سۈرە ئال ئىمران 59-ئايەتلەر ئىشارەت قىلغىنىدەك، كىلاسسىك تەپسىرلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادسىز يارىتىلغانلىقىدا بىردەك. ئۈچىنجىسى، قۇرئاندىن تەييار ئەۋرىم  ئوقىۋېلىش (ب 313). بۇلار قۇرئاندىن ئەۋرىمسەل مەنىلەرنى بېرىدىغان پارچىلەرنى تېپىشقا ئۇرىنىدۇ. باسىل ئالتايى ئىنسان يارىتىلىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچىنى ئەۋرىمگە ماس دەپ قارايدۇ، لېكىن سۈرە نىسا 1-ئايەت ۋە سۈرە ئال ئىمران 59-ئايەتلەرنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ت.ئو.شاۋاناس سۈرە نىسا 1-ئايەتتىكى «نەفس (نفس)» سۆزىنى جىسمانىي ئەمەس دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن بۇ ئايەتنىڭ كونتېكىستىدە «نەفس» بىر مەنىۋىي بارلىق دەپ چۈشىنىلگىنىدە ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى « ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر – ئاياللارنى ياراتقان » دېگەن يەرگە مەنىسى ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يەنە ئادەم ۋە ھەۋۋا ئەلەيھىمۇسسالامنىڭ ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت بىر جۈپ ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ھۇجۇرات سۈرىسى 13- ئايىتىمۇ بار. شاۋاناس يەنە نۇھ سۈرىسى 14-ئايەت « ھالبۇكى ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى »دىكى «ئاتۋارەن (أطوارًا)»نىڭ باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئەۋرىمگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن بۇ سۆز ۋاقىتقا خاس باسقۇچنى (يەنى جەرياندىكى ئىلگىرىلەشنى) كۆرسەتمەيدۇ. ئەگەر ۋاقىت باسقۇچلىرىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغاندىمۇ، بۇ باسقۇچنىڭ زامانىۋىي مەنىدىكى ئەۋرىم باسقۇچلىرىنى ياكى ئىنساننىڭ تۆرەلمىدىن ئىنسانغىچە بولغان ئۆزگىرىش (سۈرە مۇئمىنۇن 12-14 ئايەتلەر) باسقۇچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئايرىشقا دەلىل كېرەك بولىدۇ. باتچېلورغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئال ئىمران 59-ئايەتتىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بولغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، كلاسسىك تەپسىرلەردە بۇ ئايەت بۇنداق چۈشىنىلمىگەن. يەنى بۇ ئايەت ئەسلى ئەيسا ئەلەيھىسسلامنىڭ ئاتىسىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ ئۇنىڭ ئىلاھلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەسلىكىنى ناسارالارغا دەلىل قىلىپ چۈشكەن ئايەت. يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتا ھەم ئانىسىز يارىتىلغان بولغاچقا، ئەگەر ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھ بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ بۈيۈك ئىلاھ بولىشى كېرەك بولاتتى، ھالبۇكى ئۇنداق ئەمەس. بۇ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى توغرىسىدىكى ھەدىس ئاھاد ھەم مۇرسەل ھەدىس بولسىمۇ، بۇ ھەدىسنى نەزەرگە ئالمىغاندىمۇ، ئايەتنىڭ مەتنىي كونتېكىستى باتچېلورنىڭ چۈشەنچىسىنى قىسىپ قويىدۇ. باتچېلور يەنە سۈرە نىسا 1-ئايەتتىكى «نەفسىن ۋەھىدەتىن (نفس واحدة)» يەنى «بىر جان» سۆزىنى قوش كېزەك ھامىلىسى دەپ شەرھلەيدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى «نەفس (نفس)» سۆزىنىڭ مۇئەننەسلىكى، سۆزنىڭ ئوبيېكتى (ئادەم ياكى ھامىلە) تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى نەفس سۆزىنىڭ مەنىۋىي جىنسى تۈپەيلى. شۇڭا ئۇنى ئادەم ئەلەيھىسسالام (مۇزەككەر بولىشى كېرەك) ئەمەس بەلكى قوش كېزەك ھامىلىسى (مۇئەننەس) دەپ چۈشىنىش تىلشۇناسلىق جەھەتتىن كۈچلۈك دەلىل بولالمايدۇ. تاسلامان بولسا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىنى مۆجىزىسىز چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭدا مۆجىزىلەر ھەققىدە نامۇدرىكلىك ۋە قۇرئاننىڭ يارىتىلىش ھەققىدىكى سۈكۈتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نامۇدرىكلىك ھەققىدىكى دەلىلى بولسا ئاللاھنىڭ مەخلۇقلارنى مۆجىزىۋىي ياكى ئادەتتىكى فىزىكا قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالەتتە يارىتالايدىغانلىقىدۇر. يارىتىلىش ھەققىدە بولسا ئۇ ھەۋۋا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىللىرى ئىجتىمائىي سىياسىي دەللىلەر بولۇپ، تەئۋىلدە ۋەزن باسمايدۇ. ئاندىن سۈرە نىسا 1-ئايەتتىكى «نەفسىن ۋەھىدەتىن (نفس واحدة)»نى بىر ماھىيەت ياكى تەبىئىي نەۋئ دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ يەنە، ئەگەر «نەفسىن ۋەھىدەتىن (نفس واحدة)» ئادەم ئەلەيھىسسالامنى كۆرسەتكەن بولسا، «ال» بىلەن كېلىشى كېرەكلىكىنى ئىددىئا قىلىدۇ. لېكىن ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىدا ئۇنىڭ بۇ ئىددىئاسى ئىناۋەتسىز بولۇپ، ئايەتتىكى قوللىنىش ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تامامەن ئۇقتۇرالايدۇ. ئۇ يەنە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىنىڭ تەبىئىي جەرياندىن ھاسىل بولغانلىقىنىمۇ ئىددىئا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەيسا ئەلەيسسالامنىڭ مۆجىزىۋىي يارىتىلىشىغا قارشى. شۇڭا تاسلامان ئەۋرىم ھەققىدىكى ئەقىدىۋىي نامۇدرىكلىكىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئىنساننىڭ ناجىنسىي كۆپىيىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلمەن چۈشەندۈرىشى ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالامىڭ بەكىرە ئەمەسلىكىگە ئىناۋەتلىك تەئۋىل تېپىشى كېرەك.

   ھەدىس ۋە ئەۋرىم (ب 322) ئەۋرىمگە تاقىشىدىغان ھەدىسلەر جەدۋەل 10.1 دە يىغىنچاقلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاھاد ھەدىس. لېكىن بۇلاردىن ئۈچى قۇرئاندىكى مۇتاۋاتىر بايانغا ئۇيغۇن. بۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىندىن يارىتىلغانلىقى (مۇسلىم 2611)؛ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقى (تىرمىزى 3955) ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكى (مۇسنەدى ئەھمەد 23479). بۇ ئۈچىلىسى يارىتىشچىلىق، ئىنسانىي ئىستىسناچىلىق ۋە ئادەمىي ئىستىسناچىلىق نۇقتىسىدىن تامامەن مەقبۇل.

ھەدىس ۋە ئەۋرىم

   لېكىن ئىستىسناسىزلىق تەرەپدارلىرىغا بۇ ھەدىسلەر چاتىقى بار تۇيۇلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە كۈنى يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس (مۇسلىم 2611) قۇرئاندا زىكىر قىلىنمىغان بولسىمۇ، يۈزەكى چۈشىنىلگىنىدە يۇقارقى تۆتىلى مەۋقەگە مەسىلە تۇغدۇرمايدۇ. لېكىن مۇئەييەن بىر كۈندە مۆجىزىۋىي يارىتىلىش دەپ چۈشىنىلگىنىدە بولسا ئىستىسناسىزلىق تەرەپدارلىرىغا مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 مېتىر يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس (بۇخارى 6277) ئەۋرىم خاتا بولغان تەقدىردىمۇ مەسىلە تۇغدۇرىدىغان بولۇپ، يەنە تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنىشقا مۇھتاج. بۇ ھەقتە مۇفتى مۇنتەسىر زاماننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئۈچ مەۋقە بار. بىرىنجىسى تەئۋىل بولۇپ، بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېگىزلىكىنى زېمىندىكى ئەمەس بەلكى سامادىكى ئېگىزلىك دەپ چۈشىنىش. ئىككىنجىسى تەرجىھ بولۇپ، ھەدىسنىڭ ھەممە ۋارىيانتلىرى تەھلىل قىلىنغاندا ھەممە راۋىيلارنىڭ مەلۇم ساننى رىۋايەت قىلمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭدىن ھەدىسنىڭ مەرىپىي دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، شۇڭا كىشى تەبىئىي ئىلىم پەننىڭ يەكۈنىنى تەرجىھ قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنجىسى، تەۋەققۇف بولۇپ، بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقارماسلىق. بۇنىڭغا ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مىسال كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئۈچىلى مەۋقە، ئەلغەززلىينىڭ تەئۋىل قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن. بۇ ئېھتىماللىقلار يەنە ئۇنىڭ نېمىشقا ئاھاد ھەدىسلەرنى ئەقىدە ئاساسى ھېسابلىمايدىغانلىقىغىمۇ ئوبدان مىسال بولالايدۇ.

   ئىنسانىي ۋە ئادەمىي ئىستىسناچىلىق (ب 325) بۇ ئىككىلى مەۋقە سۈننىي ئالىملىرىنىڭ ئۇسۇل ئىلكىلىرىنى قوللانغان. جالاجىلغا كۆرە ئادەم ئەلەيھىسسالام ئەۋرىمسەل جەرياندىن مۇستەسنا. ياسىر قازى ۋە نازىرخانغا كۆرە ئىنسانلار ئەۋرىمدىن مۇستەسنا. بۇ مەۋقە ئۈچ مەسىلە تۇغدۇرىدۇ. بىرىنجىسى ئىلاھىي ئالدامچىلىق (ب 326) بولۇپ، ئىسلامىي نۇسۇس ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ يەكۈنىنىڭ پەرقلىق بولىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابى، ئىلىم پەن ۋە ۋەھىينىڭ مەرىپىي پەرقىگە تايانغان بولۇپ، ئىلىم پەن ئالەم قانۇنىيەتلىرىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلسا، مۆجىزە بۇ چىقىش نۇقتىسىغا قارشى. شۇڭا مۆجىزىۋىي يارىتىلىش بىر مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ. يەنى ئادەم ۋە ھەۋۋا ئەلەيھىمۇسسالامنىڭ ئەۋرىمگە ماس بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەر بىلەن مۆجىزىۋىي يارىتىلغان بولىشى ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن مۇمكىن ھەم ئىلىم پەن نۇقتىسىدىن ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئىككىنجىسى، تۇغقانلار زىناسى (ب 327) بولۇپ، ئەگەر ئىنسانلار بىر جۈپتىن كۆپەيگەن بولسا، چوقۇم تۇغقانلار ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت بولغان. لېكىن، مۇسۇلمان فەقىھلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋىجدانىي بۇيرۇقلارنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە چوقۇم ئوخشاش بولىشىنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى قوبۇل قىلىغلىق. شۇڭا بۇ بىر مەسىلە تۇغدۇرمايدۇ. ئۈچىنجىسى ئىرسىي جوغا (Genetic bottleneck) (ب 328) بولۇپ، مەلۇم توپلۇمنىڭ سانى بەك ئاز بولسا كۆپىيەلمەسلىك ۋە ئىرسىي كېسەللىكلەر تۈپەيلى يوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنى ئىنسانىي ئىستىسناچىلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىنىڭ مۆجىزىۋىي ھالەتتە مۇھاپىزەت قىلىنغانلىقى ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئادەمىي ئىستىسناچىلار ئۈچۈن بۇ بىر مەسىلە تۇغدۇرمايدۇ.

   ئەلھاسىل، ئەلغەززالىينىڭ تەئۋىل قۇرۇلمىسى، يارىتىشچىلىق، ئىنسانىي ئىستىسناچىلىق ۋە ئادەمىي ئىستىسناچىلىق بىلەن تامامەن ماسلىشالايدۇ. بىراق، ئىستىسناسىزلىقنى ئۇنىڭ تەئۋىلدىكى چاتاقلىرى تۈپەيلى رەت قىلىدۇ.

خۇلاسە

   كىتابتىكى ئون باپنىڭ يەكۈنلىرى ھەمدە يارىتىشچىلىق، ئىنسانىي ئىستىسناچىلىق، ئادەمىي ئىستىسناچىلىق ۋە ئىستىسناسىزلىقتىن ئىبارەت تۆت مەۋقە (ب 338) قايتا خۇلاسە قىلىنىدۇ. كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىلاھىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا، ئىلمىي مۇلاھىزىلەرگە بەك چوڭقۇرلاپ كەتمىگەنلىكى ۋە ھازىرقى ئىلمىي يەكۈنلەرنىڭ توغرا سانىلىپ، غەيبىيات ۋە شەرھشۇناسلىق مۇلاھىزىلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى (ب 339) بايان قىلىنىدۇ. يەنە ئەۋرىمنىڭ چوقۇم تەبىئىيچىل شەرھلىنىشىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكى ھەمدە بىر مۇسۇلماننىڭ ئەۋرىمنى (ياكى ھەرقانداق بىر تەبىئىي پەننى) ئۆگەنگىنىدە ئۇسۇلىي تەبىئىيچىلىك مەۋقەسىدە بەھۇزۇر تۇرالايدىغانلىقى دېيىلىدۇ.

خۇلاسە

   ئەلغەززالىينىڭ غەيبىيات قۇرۇلمىسى يارىتىشچىلىق، ئىنسانىي ئىستىسناچىلىق، ئادەمىي ئىستىسناچىلىق ۋە ئىستىسناسىزلىق بىلەن تامامەن ماسلىشالىسىمۇ، تەئۋىل ئەندىزىسىنىڭ ئىستىسناسىزلىقنى رەت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. بۇ خۇلاسە 1.جەدۋەلگە (ب 341) يىغىنچاقلاندى. ئاندىن كەلگۈسى تەتقىقاتلار (ب 341) ۋە كىتابنىڭ كەمچىلىكلىرى سۆزلىنىدۇ. كىتاب – ئاللاھ بەك بىلگۈچىدۇر (الله أعلم) بىلەن تاماملىنىدۇ.

كۆز قاراش:

   ئەۋرىمگە قىزىقىدىغان كىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ كىتابنى ئىسسىغىدا ئوقۇۋالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. گەرچە كىتابنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولغان « ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلامغا قانچىلىكى ئۇيغۇن ؟» دېگەن سوئالدىن بەكرەك «چوڭ ئەۋرىم راستمۇ؟» دېگەن سوئالغا قىزىقساممۇ، بۇ كىتابنىڭ ئۆزگىچە ياقلاشىمى بىلەن تەپسىلىي دەلىللىك مۇھاكىمىلىرى، ئىسلام – ئەۋرىم مەسىلىسىگە بولغان تونۇشۇمنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

    يارىتىشچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ، ئەۋرىم ماۋزۇسىدا، يارىتىشچىلىقتىن باشقا نەزەرىيەلەرگىمۇ يول قويىدىغانلىقىنى بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ كۆڭلۈم تىنمىغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭغا تامامەن قايىل بولدۇم.

   بۇ كىتابنىڭ ماڭا بولغان ئەڭ چوڭ پايدىسى – يارىتىشچىلىق تەرەپدارى بولۇشۇمنىڭ دىنىي ۋە ئەقىدىۋىي تەرەپتىن بەكرەك، تۇيۇنچ[13] (intuition) ۋە ئىلمىي (ياكى باشقا) نۇقتىدىن بىلگەنلىرىمدىن چىقارغان يەكۈنۈمگە (بەلكىم ئىدراكىي ئېغىشمۇ بار…) ئاساسلانغان ئىكەنلىكى چۈشەندىم.

   يەنە يارىتىشچىلىققا ئائىت دەلىللەرنى كىتابتا يېزىلغىنىدەك رەتلىك ھەم تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. كىتابتا يەنە بۇلارغا بېرىلگەن رەددىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ چىقىپ، قايسى دەلىلنى قانچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىمنى، قانچىلىك ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلىۋالدىم.

    يەنە كىتابتا ھەر ماۋزۇنى، بولۇپمۇ شەرھشۇناسلىق ۋە پەلسەپەدە، مۇئەللىپنىڭ چۈشەندۈرۈشتە شۇ قەدەر چوڭقۇر چۆكەلىشى بىلەن شۇ ساھەنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىگە ناھايىتى ئېنىق ھەم ئىخچام قىلىپ، مىساللىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى، ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، مۇئەللىپنىڭ زور ئۇتۇقى دېسەك بولىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، مۇئەللىپ كىتابىنى باپ ۋە قىسىملارغا ئېنىق ئايرىغان، ھەر بىرىنىڭ بېشىدا ئۇلارنى ئېنىق ساناپ ئۆتىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەيدۇ. بۇ خىل پېداگوگىكىلىق ئۇسلۇب گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ، چۈشىنىشلىك بولىدىكەن.

    ئەتراپىمدىكى بەزى مۇسۇلمانلار بىلەن ئەۋرىم توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالساق، خۇددى ئۇنىڭ خاتالىقى پۈتۈنلەي ئىسپاتلىنىپ بولغاندەك، بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك ھەم ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدەك… (ماڭا ئالدىغا قاراپ قېچىشتەك تۇيۇلىدىغان) بىر مەۋقەدە سۆز قىلاتتى. بۇ كىتاب شۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. دېمەك، ھەركىمگە قورقماي تەۋسىيە قىلالايسىز !

كەمچىلىكلەر :

   كىتابنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىلمىي، يەنى تەبىئىي پەن، جەھەتتىن شەرھشۇناسلىق ۋە پەلسەپە جەھەتتىكىدەك چوڭقۇرلاپ كىرمىگەنلىكى دېسەك بولىدۇ. بۇنىڭ بىر ئۆزرىسى سۈپىتىدە كىتابنىڭ چىقىش نۇقتىسىنىڭ «ئەۋرىمنى راست ساناش» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى كىتاب «چوڭ ئەۋرىم راست» دېگەن مەۋقەدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە يېزىلغان ۋە شۇ مەقسەتكە يەتكەن. شۇڭا، بىۋاستە ئالاقىدار بولمىغان، چوڭ-كىچىك ئەۋرىمنىڭ دەلىللىرى نېمە ؟ قايسىسى ئىسپاتلانغان، قايسىسى زاننىي (presumptive) دېگەندەكلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

   مۇشۇ نۇقتىدىن چىقساق، كىتاپتا چوڭ ئەۋرىمگە قارشى بەزى ئاشكارا دەلىللەر بايان قىلىنمىغان. مەسىلەن، مەشھۇر بولغان ئىنسان-شىمپەنزە گېنوم(genome)ىنىڭ بىر پىرسەنت پەرقى ئەپسانىسى[14]. يەنى ئىنسان ۋە شىمپەنزە گېنومىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ كودلىنىدىغان قىسمى بولغان ئاران 2% كە يەتمەيدىغان قىسمىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇسخا سانى پەرقلىرى (CNV) ۋە قىستۇرۇش-ئۆچۈش (indel)نى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئاندىن ئەڭ ئوخشاش يەرلىرىنى (پەرقلىق خروموزومدا بولسىمۇ) ئۇدۇللاپ ئاندىن سېلىشتۇرغاندا، يەككە نېگزەك[15] (nucleotide)لەردىكى پەرق 1% بولغان. يەنى خروموزوم 1دىن باشلاپ ئاخىرقىسىغىچە ئۇدۇل سېلىشتۇرغان ئىش يوق. يۇتيۇپتىكى بۇ ھەقتىكى بەزى سىنلار (ئېنگىلسچە).

   يەنە مۇئەللىپ شىمپەنزە (24 جۈپ) ۋە ئىنساندىكى (23 جۈپ) خروموزوم پەرقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنى (ب 37) سۆزلىگەندە، خروموزوم كەملىكىنىڭ ئەجەللىك ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالمىغان. مەسىلەن، ئىنسانلاردا تۇرنېر سىندرومى (Turner syndrome) دىن باشقا خروموزوم كەملىكى ئەجەللىكتۇر. بەزى تەتقىقاتچىلار تۇرنېر سىندرومىنىمۇ ساپ 45 ھالەتتە مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بەزى ھۇجەيرىلەردە 45X، باشقىلىرىدا 46 خروموسوم ھالەتتە ئاندىن مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. دېمەك، بىر خروموزوم كەملىسىمۇ ئىنساننىڭ ياشىشى مۇمكىن بولمىسا، بىر تۈردىن يەنە بىر تۈرگە خروموزوم ئاتلاپ ئۆتۈش شۇنچە ئاسانمىدۇر ؟

    يەنە كىتابتا ئەۋرىمگە بولغان پەرقلىق مەۋقەلەر ئىسلامىي نۇسۇسقا قانچىلىك ئۇيغۇن، قايسىسى ئەڭ ئىشەنچلىك؟ ياكى بۇ مەۋقەلەر ۋە ئەۋرىمنىڭ قايسىسى ئەڭ ئىشەنچلىك؟ دېگەندەك سېلىشتۇرمىلار يوق. بۇنى كىتابنىڭ چىقىش نۇقتىسىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكى تۈپەيلى كەچۈرگىلى بولسىمۇ، يارىتىشچىلىق قاتارلىق مەۋقەلەرگە بەكلا مۇداپىئەچى تۈسىنى بېرىپ قويغان. مەسىلەن، ئالەمنىڭ تۇراقلىق ئەمەسلىكى (يەنى باشلانغۇچىنىڭ بار ئىكەنلىكى) ئۇنىڭ يارىتىلغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىل بولسا، ئۇنىڭ ئەكسى دىنسىزلىقنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىل بولغان بولاتتى. مۇشۇنداق، ئىككى نەزەرىيە ئارىسىدىكى پەرقلەردىن كېلىپ چىققان يەكۈنلەرنى ئالەمدىكى ئوبيېكتىپ ھادىسىلەرگە ئاساسەن تولۇق ئىلمىي سېلىشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولىشى ئەپسۇسلىنارلىق.

قوشۇمچە :

    قىزىققۇچىلار دوكتۇر شوئەيبنىڭ ئۆز كىتابىنى (ئېنگىلىسچە) چۈشەندۈرۈشىنى يۇتيۇپتىن تاپالايدۇ. مەسىلەن، بۇ قانالدا كىتابىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەن ۋە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. مۇنۇ قانالدا بولسا، كىتابنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ھەر تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

    كىتابنىڭ ئىخچام ۋە پېداگوگىكىلىق تەرىپىدىن تەسىرلىنىپ، مەنمۇ ئۆزۈم قىزىقىدىغان، چوڭ ئەۋرىم توغۇرلۇق، ئۇنىڭغا باب ۋە قارشى دەلىللەرنى جەدۋەللەشتۈرۈپ قويدۇم. بۇلارنى يەقىين/ جەزمىي، يەنى كەسكىن ئىسپاتلانغان ۋە زاننىي، يەنى كەسكىن ئىسپاتلانمىغان، پەرەزگە ئاساسلانغان دەپ ئايرىپ قويدۇم. ئەلۋەتتە، ئۆزۈم يارىتىشچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا تونۇشلۇق ئەۋرىمگە قارشى زاننىي دەلىللەر ئۇنىڭغا بابلىرىدىن كۆپ. بۇ ھەقتە پىكىر بەرگۈچىلەر بولسا، تولۇقلاپ قويسام بولىدۇ.

چوڭ ئەۋرىمگە

قارشى دەلىللەر

باب دەلىللەر

جەزمىي / يەقىين · تۈرلەر ئارا جۈپلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرالماسلىق

· بىر تۈرنىڭ باشقىسىغا ئايلىنىشى (تۈر ھالقىش) كۆزىتىلمەس

· كىچىك ئەۋرىم راست[16]

· تۈر-ئارا ئورتاق ئىرسىي ۋاستە د ن ئا(DNA)

· تۈر-ئارا ئورتاق د ن ئا(DNA) كودى

زاننىي · فېنوتىپتىكى چېگرا : چېگرالىنىش (canalisation)

· ئەۋرۈت سىغماس (mutation intolerance) گېنلار، خروموزوم سانى قاتارلىق ئىرسىي چېگرا

· مىليون يىللار بۇيان تۈر ھالقىمىغان ھايۋانلار : تىمساق، لەھەڭ…

· بىر گېننىڭ پەرقلىق تۈرلەردە پەرقلىق فېنوتىپ شەكىللەندۈرىشى

· كىچىك ئەۋرىم چەكسىز[17]

· سۈنئىي ئاقسىللارنىڭ باشقا تۈرلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىشى

· خروموزوم 2 بىرىكىشى[18] تۈرىدىكى دەلىللەر

مەن قىزىقىدىغان باشقا نۇقتىلار · نېئاندېرتال (Neanderthal)، دېنىزوۋا (Denisova) قاتارلىق باشقا ئىنسانىي تۈرلەرنىڭ ئىنسان بىلەن تولۇق ئىرسىيەت سېلىشتۇرمىسى قانداق ؟ يەنى ئۇلار راستلا ئايرىم تۈرمۇ؟

· ئىرسىيەت شەجەرىسى (phylogenetic tree) نەتىجىسى پەرقلىق ئۆلچەملەر نەتىجىسىدە قانچىلىك ئۆزگىرىدۇ ؟ يەنى كۆپلىگەن ئىرسىيەت شەجەرىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاشمۇ؟

· ئىرسىيەت شەجەرىسىدە تۈرلەر ئارا گېنوتىپ ۋە فېنوتىپ باغلىنىشلىقى قانداق؟

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] . ئەۋرىم (تۈركچە: Evrim) – ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆرۈمەك» ئوقۇلىدىغان، چاغاتايچە «ئايلاندۇرماق، ئۆرۈمەك» مەنىسىدىكى ئەۋۈرمەك [ايورماك]؛ شۇنداقلا، خاقانىيەچە «قايتۇرماق، ئۆرۈمەك» مەنىسىدىكى ئەۋۈرمەك [اڤرماك] پېئىلىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم.

[2] . ئەۋرىمگە ئوخشاش يىلتىزدىن تۈرلەنگەن ئىسىم، «چەكمەك > چېكىت» سىيغىسىغا قىياسەن.

[3] . پەۋقۇتتەبىئىي [فوق الطبعی]: تەبىئەتتىن تاشقىرى، تەبىئىي ئەمەس. «پەۋقۇلئاددە [فوق العادة]: ئادەتتىن تاشقىرى» سۆزىگە قىياسەن ياسالدى.

[4] . تەسنىف [تصنيف]: ئە. تۈرلەرگە ئايرىش، سىنىپلارغا بۆلۈش؛ بىرەر ئەسەر يارىتىش، مۇزىكىدا بىرەر كۈي ئىجاد قىلىش، تۈزۈش. (چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئەۋلاد كۆپ تىللىق لۇغىتى). سىنىپ [ئەسلى صنف] سۆزى بىلەن يىلتىزداش. بۇ يەردە «تۈرلەرگە ئايرىش، سىنىپلارغا بۆلۈش» مەنىسىدە.

[5] . نامۇدرىك : «مۇدرىك» سۆزىگە ئىنكار قوشۇمچىسى «نا» قوشۇلۇپ، «بىلمىگۈچى، ئىدراك قىلمىغۇچى» مەنىسىدە ياسالغان ئىسىم. بۇلار خۇدا توغۇرلۇق بىر نەرسە بىلىنمىگەنلىكى ۋە بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىدۇ. مۇدرىك [مدرك]: ئە. ئىدراك قىلغۇچى، چۈشەنگۈچى، بىلگۈچى. (چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئەۋلاد كۆپ تىللىق لۇغىتى).

[6] . ئەسەرىي (ياكى ئەھلۇلھەدىس، سەلەفىي) بىلەن كالامچىلار ئاتالغان ماتۇرىدىي ۋە ئەشئەرىيلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كالامچىلارغا كۆرە ئەھلى سۈننە ئىككى مەزھەپ، ماتۇرىدىي ۋە ئەشئەرىي بولۇپ، ئەسەرىيلەر ھازىر مەۋجۇد ئەمەس، ھازىرقى سەلەفىيلەر خاۋارىجدۇر. سەلەفىيلەرگە كۆرە كالامچىلار، ئاللاھنىڭ بەزى ئىسىم سۈپەتلىرىنى تەئۋىل قىلغانلىقى تۈپەيلى، ئەھلى سۈننەگە ئەڭ يېقىن بىدئەت پىرقىلەر. بەزى ئالىملار نەزىرىدە ھەر ئۈچى ئەھلى سۈننەگە تەۋە بولۇپ، كىتابتا مۇشۇ كۆز قاراش ئاساس قىلىنغان. سوڭ كۆز قاراش ئۈچۈن بېقىڭ: ساجىيە تورى: «سەلەفىي»، «ئەشئەرى»، «مۇرجىئە» قانداق ئېقىم؟؛ بىز نېمە ئۈچۈن ئەقىدە جەھەتتىنمۇ ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن؟

[7] . ئىمام ئەلغەززالىينىڭ بەزى قاراشلىرىنىڭ ئەشئەرىي مەزھىبىگە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەللىپ كىتابىدا (ب 10) ئەسكەرتكەن. شۇنداقتىمۇ كىتابتا غەيبىيات ۋە تەئۋىل مەسىلىلىرىدە ئەلغەززالىي ئەندىزىسى ۋە ئەشئەرىي ئەندىزىسى مەنىداش قوللىنىلغان.

[8] . قوللىنىلىش قانۇنىيىتى (law of use and dissuse) – بىر ئەزا ياكى جىسمانى خۇسۇسىيەتنىڭ، يەنى فېنوتىپنىڭ، قوللىنىلىۋەرسە تەرەققىي قىلىش ھەم ئەۋلادقا ئۆتۈپ مىراس قېلىش قانۇنىيىتى. ھازىر بىلىمىزكى، ئەۋلادقا ئۆتىدىغىنى فېنوتىپ ئەمەس بەلكى گېنوتىپ.

[9] . لاماركچىلىققا كۆرە بىر تۈر، بىر شوتىغا چىققاندەك ئايرىم-ئايرىم، تەدرىجىي تەرەققىي قىلسا؛ دارۋىنچىلىققا كۆرە، تۈرلەر شاخلىرى كىرىشىپ كەتكەت بىر يىلتىزلىق چاتقالنىڭ شاخلىرىدەك تەرەققىي قىلىدۇ.

[10] . بىبلىيا ( ئېنگىلىسچە : Bible/ لاتىنچە : Biblia) خرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولۇپ، ئۇيغۇرچە بەزىدە «ئىنجىل» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، بىبلىيا 20دىن ئارتۇق كىتابلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سۆزنىڭ ئەسلى يۇنانچە «كىتابلار» دېگەنلىكتۇر. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنجىل ( ئېنگىلىسچە : gospel / لاتىنچە : Evangelium) ئاتلىق، قىسمەن پەرقلىق، تۆت كىتاب بولۇپ تۆت ھاۋارىيغا نىسپەت بېرىلىدۇ. يەنە خرىستىئانلارنىڭ پىرقىلىرى ئارىسىدا بىبلىيانىڭ رەسمىي (biblical canon) ئېتىراپقا ئېرىشكەن كىتابلىرى ۋە سانى پەرقلىق. يەھۇدىيلارمۇ بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى، يەنى كونا ئەھد قىسمىنى، ئېتىراپ قىلىدۇ.

[11] . مەشرۇت [مشروط]: ئە. شەرت قىلىنغان، بىرەر شەرت بىلەن باغلانغان؛ شەرتلىك. (چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئەۋلاد كۆپ تىللىق لۇغىتى). زۆرۈرنىڭ قارشى مەنىسىدە، يەنى بولسىمۇ-بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەر مەنىسىدە قوللىنىلدى.

[12] . كىتابتا (ب 273) ئەلغەززلىينىڭ ئەسىرىدىن بېرىلگەن مىساللار، ئەسەرىيلەر ۋە كالامچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان، يۆن-تەرەپ، ئورۇن مەسىلىلىرى بولۇپ، ئەسەرىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاللاھنىڭ «ئەرشنىڭ ئۈستىدە»، «ئاسماندا» بولىشىنىڭ مەنتىقىگە زىت تەرىپى يوق دەپ قارايمەن. يەنى ئاللاھ ئەرشتە ياكى ئاسماندا بولسۇن، بىز بىلمەيدىغان، ئۆزىگە خاس ھالەتتىدۇر. ماكان ۋە تەرەپنى چوقۇم مەخلۇقلارغا خاس قىلىشقا دەلىل يوق. بۇ ھەقتە كالامچىلارغا «ئاللاھ تەرەپ ۋە ماكانسىز مەخلۇق يارىتالامدۇ؟» دەپ سوئال قويغۇم كېلىدۇ. ئاللاھ بەك بىلگۈچىدۇر.

[13] . لۇغەتتىكى «بىۋاستە سېزىم» تەرجىمە ئەمەس، ئىزاھتەك بىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرچىدا سەزمەك پېئىلى بەكرەك ھېسسىي پائالىيەتكە ۋە تۇيماق پېئىلى ئىدراكىي پائالىيەتكە ئالاقىدار تۇيۇلدى.

[14] . ج. كوھېن. (2007). ئەۋرىمسەل بىئولوگىيە: نىسپىي پەرق: 1% ئەپسانىسى. سايېنس:

 Cohen, J. (2007). Evolutionary biology: Relative differences: The myth of 1%. Science, 316(5833), 1836.

 https://doi.org/10.1126/science.316.5833.1836

[15] . يادرو كىسلاتاسى ئاتىلىپ قالغان «nucleic acid» سۆزىنىڭ يىلتىزى بولغان «nucleus»نى «نېگىز» ئارقىلىق، «acid» سۆزىنى رۇسچە «كىسلاتا» ئەمەس بەلكى دىۋانۇ لۇغەتىت تۈركتىكى «ئەكشىك /اكشك» سۆزى ئارقىلىق تەرجىمە قىلساق، «نېگىز ئەكشىك > نېگزەكشىك» سۆزىگە ئېرىشىمىز. بۇنىڭ تەركىبى بولغان «nucleotide»قا «نېگزەك» ھەمدە «nucleoside» قا «نېگزە» قاتارلىق سۆزلەرنى ياسىغىلى بولىدۇ. بۇلار ھازىرچە ئومۇملاشقان ئاتالغۇلار ئەمەس، بەلكى شەخسىي تەشەببۇس.

[16] . كىچىك ئەۋرىمنىڭ كۆزەتكىلى بولىدىغان، ئوبيېكتىپ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنىڭ چوڭ ئەۋرىمگە قانچىلىك چوڭ دەلىل ئىكەنلىكىنى بەزى يارىتىشچىلار تولۇق ئاڭقىرالماغلىق. ھەر تۈرلۈك راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ۋە ئۇلاردىكى ئىرسىي ئەۋرۈت، باكتىرىيەلەردىكى ئانتىبىئوتىكقا قارشىلىق يېتىلىشى، تۇغما ئىرسىي كېسەللىكلەر… قاتارلىقلار كىچىك ئەۋرىمنىڭ ئىنكار قىلىنماس دەلىللىرىدىن بىر قانچىسىدۇر.

[17] . كىچىك ئەۋرىمنىڭ راستلىقى ئەمەلىيەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ چەكسىزلىكى زاننىي، چۈنكى كۆزەتكىلى بولمايدۇ. بۇ زاننىي دەلىلنى قوبۇل قىلغاندىلا چوڭ ئەۋرىمنىڭ توغرىلىقى «ئىسپاتلىنىدۇ». ئەۋرىمچىلەر بۇ ھەقتە ماتېماتىكىلىق ئىستىنبات (inference) قا مۇراجەت قىلىدۇ، گەرچە ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلىيالمىسىمۇ…

[18] . چوڭ مايمۇنلارنىڭ ئورتاق ئەجدادىدىكى خروموزوم 2ئا ۋە 2ب نىڭ ئىنسانلاردىكى خروموزوم 2 گە بىرىكىشىنىڭ ئىسپاتى ماڭا كۆرە يېتەرسىز، شۇڭا زاننىي دەلىل تۈرىگە قويدۇم. چۈنكى، بۇنداق سېلىشتۇرمىلاردا ئادەتتە پەقەت گېنلار (يەنى گېنومنىڭ ئاران 2%) سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، خروموزوم 2 ھەققىدە ھەممە گېنلارنىڭ ئورنى (loci) سېلىشتۇرۇلمىغان، يەنى شۇ 2%مۇ تولۇق سېلىشتۇرۇلمىغان. مەسىلە – تۈرلەر ئارا ئورتاق ئەجداد پەرىزىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن سېلىشتۇرۇلغان گېن ياكى باشقا د ن ئا پارچىلىرىنىڭ ئورۇنلىرى ئوخشاش ياكى ئەينى تەرتىپتە بولىشى كېرەك.

ئىنكاس يازىمەن