كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت كارل ۋىتېرنىڭ تۇلۇق ئىسمى Johann Heinrich Friedrich Karl Witte بولۇپ، 1800- يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيىنىڭ داڭلىق قانۇنشۇناسى. كارل 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىئالغان ھەم بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن.تا ھازىرغىچە «يېشى ئەڭ كىچىك دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى« دۇنيا جىنىس رېكورتىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. كارل توققۇز ياشتا گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە گرېتسىيە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولغان ئىكەن. كارلنىڭ دادىسى- چوڭ كارل (بىر خرىستىيان پوپ)  كىچىك كارلنىڭ 14 ياشقىچە بولغان تەربىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. ئەسلىي كىتاب 1000 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مائارىپ نەزەرىيىلىرى ئىگىلىگەن ۋە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئانچە زۆرۈر بولمىغان جايلارنى قىسقارتىپ يىغىنچاقلىغان.

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر داۋامى...

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت- سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 31 مىنۇت «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت»- مۇھەببەتنى بەك تۆۋەن كۆرمەڭ!«مېنىڭ سىزنى سۆيۈشۈم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.» بۇ دەل يازغۇچى زىۋېگنىڭ «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت» تىكى مۇھەببەت قارىشى. روماندا ۋە كىنودا بۇ ئايال ئۆمۈر بويى پەقەت ئاشۇ ئەر يازغۇچى قوشنىسى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئۇ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنى كۆزىتىدۇ. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇنداق مۇھەببەت بەكلا شەخسىيەتچىدەك تۇيۇلىدۇ. بىر قىزغا نىسبەتەن بۇ بەكلا رەھىمسىز، لېكىن مۇھەببەت زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، خىيال رېئاللىقتىن غالىب كەلگەندە، بۇنداق مۇھەببەت تېخىمۇ قىممەتلىك، قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ئەسەر ئۆزلىرىنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت- سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە) داۋامى...

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ساباھىدىن ئەلى 1907-يىلى تۈركىيەنىڭ قىرىققەلئە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلدىن 1936-يىلغىچە ئىستانبۇل، بالىكېسىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك كوچا چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا كىتاب ئوقۇپ چوڭ بولغان. “ساباھ يۇلتۇزى” دېگەن لەقەمنى بۇ سەۋەبدىن ئالغان. ئوقۇش يىللىرىدا ئەدەبىياتقا بولغان چوڭقۇر قىزىقىشىنى نامايەن بولۇپ، 1930-يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق، يازغۇچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى داۋامى...

سىياسىينىڭ رەزىللىكى- لوئىس. پروۋېل [فرانسىيە]

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت مەلۇم پەلسەپىۋى ئەقىلغا ۋە دىنىي ئېتىقاد پرىنسىپىغا ئىگە ئادەملەرنىڭلا سىياسىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى بولىدۇ، چۈنكى ساپ بولغان مەنىۋى كۈچلا جەمئىيەتنى چىرىكلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان (تۇز)دۇر».«مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق- ماكياۋىللىزىم»«سىياسىي ھۆكۈمەتسىزلىك ئەخلاقىي ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسى، ئەخلاقىي ھۆكۈمەتسىزلىك بولسا ئىدېئولوگىيىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكتىن پەيدا بولىدۇ. ھەقىقىي سەۋەبى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكتۇر».

سىياسىينىڭ رەزىللىكى- لوئىس. پروۋېل [فرانسىيە] داۋامى...