پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت

 «پەقەت بىرلا ئىش» داڭلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىسى گارىي كېللېر ۋە جەي پاپاسان تەرىپىدىن يېزىلغان كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى چىنبايان كىتاب بولۇپ، دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىكى رولى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «ئامازون تورى» نىڭ ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان. ھازىرغىچە 26 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ يەنە Goodreads نىڭ 100 چوڭ سودا كىتابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەگەر سىزمۇ قانداق قىلغاندا مەلۇم ئىشتا ئىختىساسلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە، نېمە ئىش ئۈستىدە ئىختىساسلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ كىتابتىن ۋە ئاپتورنىڭ بىلوگىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت داۋامى...

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان

دانيېل كانىمان (Daniel Kahneman)، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى يۇجىن ھىككىنس پىسخولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى، پرىنسېتوندىكى ۋۇدرو ۋىلسون ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى .كانىمان ئاموس تېۋىسكى بىلەن بىرلىكتە «قارار چىقىرىش» مەسىلىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن 2002 – يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كانىمان داڭلىق پىسخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىش پىسخولوگىيىسى، ئەقىل – ئىدراك ۋە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى، خەۋپ – خەتەر ئۇقۇملىرىنى، بەخت بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن شەرھلەپ بۇ نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان داۋامى...
ئادەملەر ۋە چاشقانلار

ئادەملەر ۋە چاشقانلار- جون ستېينبېك

«ئادەملەر ۋە چاشقانلار» جون ستېينبېك تەرىپىدىن 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان رومان بولۇپ بۈيۈك دېپرېسسىيە (1929-1939-يىللىرى غەربتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش) مەزگىلىدە جان بېقىش ئۈچۈن كالىفورنىيەدىن جاي-جايلارغا كۆچۈپ يۈرگەن ئىككى پەسىللىك ئىشچى جورج مىلتون ۋە لېننىينىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

ئادەملەر ۋە چاشقانلار- جون ستېينبېك داۋامى...