ژان ژاك روسسو

ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت تەسىرات: “ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە” ، روسسونىڭ “ئىجتىمائىي كېلىشىم”، “ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى” دىن كېيىن مېنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر كىتاب ئىدى. يېزىلىش تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى سەل قالايمىقان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوخشاش ئىدىيەنى تەكىتلىگەن روسسونىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. روسسونىڭ ئەسەرلىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا “ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ- دە” دەپ ئويلايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مېنى قاتتىق جەلپ قىلىدۇ. سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ پەرقلىق پىكىرلەرنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو داۋامى...

پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت  «پەقەت بىرلا ئىش» داڭلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىسى گارىي كېللېر ۋە جەي پاپاسان تەرىپىدىن يېزىلغان كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى چىنبايان كىتاب بولۇپ، دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىكى رولى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «ئامازون تورى» نىڭ ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان. ھازىرغىچە 26 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ يەنە Goodreads نىڭ 100 چوڭ سودا كىتابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەگەر سىزمۇ قانداق قىلغاندا مەلۇم ئىشتا ئىختىساسلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە، نېمە ئىش ئۈستىدە ئىختىساسلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ كىتابتىن ۋە ئاپتورنىڭ بىلوگىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت داۋامى...

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت دانيېل كانىمان (Daniel Kahneman)، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى يۇجىن ھىككىنس پىسخولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى، پرىنسېتوندىكى ۋۇدرو ۋىلسون ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى .كانىمان ئاموس تېۋىسكى بىلەن بىرلىكتە «قارار چىقىرىش» مەسىلىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن 2002 – يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كانىمان داڭلىق پىسخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىش پىسخولوگىيىسى، ئەقىل – ئىدراك ۋە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى، خەۋپ – خەتەر ئۇقۇملىرىنى، بەخت بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن شەرھلەپ بۇ نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان داۋامى...