تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت دانيېل كانىمان (Daniel Kahneman)، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى يۇجىن ھىككىنس پىسخولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى، پرىنسېتوندىكى ۋۇدرو ۋىلسون ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى .كانىمان ئاموس تېۋىسكى بىلەن بىرلىكتە «قارار چىقىرىش» مەسىلىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن 2002 – يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كانىمان داڭلىق پىسخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىش پىسخولوگىيىسى، ئەقىل – ئىدراك ۋە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى، خەۋپ – خەتەر ئۇقۇملىرىنى، بەخت بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن شەرھلەپ بۇ نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان داۋامى...
ئادەملەر ۋە چاشقانلار

ئادەملەر ۋە چاشقانلار- جون ستېينبېك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت «ئادەملەر ۋە چاشقانلار» جون ستېينبېك تەرىپىدىن 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان رومان بولۇپ بۈيۈك دېپرېسسىيە (1929-1939-يىللىرى غەربتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش) مەزگىلىدە جان بېقىش ئۈچۈن كالىفورنىيەدىن جاي-جايلارغا كۆچۈپ يۈرگەن ئىككى پەسىللىك ئىشچى جورج مىلتون ۋە لېننىينىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

ئادەملەر ۋە چاشقانلار- جون ستېينبېك داۋامى...
بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى - دېل كارنېگى

بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى – دېل كارنېگى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت      يېقىندىن بويان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشۋىشلىرىم بۇرۇنقىدىن بەكرەك بىئارام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇڭا بۇ تېمىغا ئالاقىدار بىرە كىتاب ياكى لېكسىيە ئىزدەپ ئۆزۈمگە قايتىۋالاي دېگەن مەقسەتتە تور ئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. ئويلىغىنىمدەك يۇتۇپمۇ  (Youtube) ئۆزىگە خاس ئالگورىتمىسى ئارقىلىق ماڭا ماس كېلىدىغانلىرىنى تەۋسىيە قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن « بېسىم ۋە …

بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى – دېل كارنېگى داۋامى...