ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 24 مىنۇت  «ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە» ناملىق كىتاب «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ غەيبىيات ۋە تەئۋىل سېستىمىسىغا، ئۇنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇن؟» دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان. دىنىي نۇقتىدىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىۋىي ئۈچ مەزھىبىنىڭ بىرى بولغان ئەشئەرىي مەزھەپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان، ھۆججەتۇل ئىسلام – ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ تەپسىر/ تەئۋىل ئەندىزىسى ۋە غەيبىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان. كىتابتا ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسى – دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلمىي نۇقتىئىي نەزەردىن –تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى يەكۈن ئىسلام دىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەقىدە جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى داۋامى...
"ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس"

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت«ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس» دېگەن بۇ تەمسىل ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلار ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكامۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس داۋامى...
ئورخان پامۇك- ئىستانبۇل شەھەر خاتىرىسى

ئىستانبۇل – ئورخان پامۇك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت  «مەن تۇغۇلغان بۇ شەھەر 2000 يىللىق تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق نامرات، ۋەيرانە ۋە يېگانە ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان، ئىستانبۇل ماڭا نىسبەتەن بىر خارابە شەھەر، ئىمپېرىيەنىڭ قالدۇق ھەسرىتى بىلەن تولغان شەھەر. ھاياتىم بۇنداق ئازابلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئىستانبۇللۇققا ئوخشاش ئىستانبۇلنى ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.»

ئىستانبۇل – ئورخان پامۇك داۋامى...
بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت«بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش» خارپېر لىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، 1960-يىلى نەشر قىلغان. كىتاب نەشرىدىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنلا پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1962-يىلى روبېرت مۇلىگاننىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئوخشاش ئىسىم بىلەن فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. «بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش» فىلىمى گرېگورىي پېكنىڭ باش پېرسوناژ ئاتتېكۇسنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەل جانلاندۇرۇپ بېرىشى بىلەن فىلىم تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ 1963 – يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا 1960-يىللاردىكى ئەڭ ياخشى فىلىم دەپ باھالانغان. فىلىمدە قامچىلانغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان. ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان رومان، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا دېيىشكە بولىدۇ.

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى داۋامى...