ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھتىد

«ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھدىت» – كىتاب تەۋسىيەسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 10 مىنۇت شۇڭا، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئولتۇرىۋېلىپ، ئىشلارنى ياندىن كۆرۈشنى قارار قىلىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما كېلەر قېتىم مەن بىر مۇسۇلمان «رەھبەر» تەرىپىدىن مالكولم X ياكى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ۋە پرىنسىپچان بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا دەرس ئاڭلىسام، بۇ چوڭ پاراڭنىڭ زادى نەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. سەن مالكولم X ۋە مۇھەممەد ئەلىنى ئۆزۈڭگە نىسپەت بېرىپ، ئەمما ئۇلار دۇچ كەلگەن بەتنام، جاپا-مۇشەققەت ۋە مالامەتكە ئۇچرىغۇڭ يوقمۇ؟ ماقۇلە.

«ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھدىت» – كىتاب تەۋسىيەسى – ئەلدەر داۋامى...

قاچاق ھەج خاتىرىسى – ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمايدىغان سەيياھ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 17 مىنۇت ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىنىڭ بىرى بولغان ھەجگە ئەسلى نەچچە يىلنىڭزى شەرتىم توشۇپ قالغانمۇ بولۇپتىكەن. لېكىن بۇ يىلى قولدا ئانچە پۇل قالمىغاندا قىلىش نېسىپ بولدى. بۇرۇن (مۇستەملىكە ئاستىدىكى) بىزگە ھەج چۈشەرمۇ؟ قاچاق ھەج قىلسا يالغانچىلىق بولامدۇ؟… دېگەندەك سوئاللار تۈپەيلى ھەج قىلىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدىم. لېكىن قاچاق ھەج قىلشنىڭ پەتىۋاسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ۋە بەزى دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ھەج قىلماقچى بولدۇم. ئاپامغا دېسەم بىللە بارماقچى بولدى. سەئۇدىغا بېرىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن، مۇشۇ يىلى رامىزاندا ئۆمرە ۋە ئېتىكاف قىلغاچ يوللارنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان ئىدىم. پىلان – قولاي بولۇپ قالسا، ھەجگە رىيادتىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپلا مەككىگە كىرىۋېلىش ئىدى. لېكىن مەككىدىكى تونۇشلاردىن ئاڭلىشىمچە، ھەج مەزگىلىدە چوڭ ئاپتوبۇسلارنىمۇ توسۇپ بىرمۇ بىر تەكشۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ پىلان سۇغا چىلاشتى.

قاچاق ھەج خاتىرىسى – ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمايدىغان سەيياھ داۋامى...

تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 10 مىنۇت ھەربىر ئۇيغۇر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتابلاردىن بىرى بولغان «تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ تۇنجى قىسمىنى خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغان بولساممۇ، 2-قىسمى توردىن تېپىلمىغاچقا تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە 1-ۋە 2-قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تولۇق نۇسخسى» تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلىلا نەشىر قىلىنىپ بولۇپتىكەن. شۇڭا كېچىكىپ تاپقان بۇ كىتابنى ئوقۇغاچ، ماڭا بەك تەسىر قىلغان يەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. بەلكىم سىزنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى داۋامى...

مەككە ئېتىكاف خاتىرىسى 

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 15 مىنۇت ئەسكەرتىش: ھىجرىيە كالىندارى قەمەرىيە (ئاي) كالىندارى بولغاچقا كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن بولىدۇ. بىر كۈن (سوتكا) – شامدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا يازمىدا، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئاۋۋال بىر كۈننىڭ كېچىسىدىكى ۋەقەلەر ئاندىن شۇ كۈننىڭ كۈندۈزىدىكى ۋەقەلەر تىلغا ئېلىندى.

مەككە ئېتىكاف خاتىرىسى  داۋامى...