تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 10 مىنۇت

تۈركىستان قايغۇسى

ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

2024-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى

ھەربىر ئۇيغۇر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتابلاردىن بىرى بولغان «تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ تۇنجى قىسمىنى خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغان بولساممۇ، 2-قىسمى توردىن تېپىلمىغاچقا تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە 1-ۋە 2-قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تولۇق نۇسخسى» تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلىلا نەشىر قىلىنىپ بولۇپتىكەن. شۇڭا كېچىكىپ تاپقان بۇ كىتابنى ئوقۇغاچ، ماڭا بەك تەسىر قىلغان يەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. بەلكىم سىزنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەپسۇسلىنارلىقى «تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ تولۇق نۇسخسى (592 بەتلىك) ھازىرغىچە توردا مەۋجۇت ئەمەس، لېكىن تۈركىيەدىكى كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ. «تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ 1-قىسمىنى (269 بەتلىك) توردىن تاپالايسىز (ئۇلىنىش). 1-قىسمىنىڭ ئايرىم نەشرى بىلەن تولۇق نەشرى ئارىسىدا بەت سانى پەرقى بار.

«تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ 1-قىسمىنى مەرھۇم ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆزى يازغان بولۇپ، 1919-يىلى يۇرتى توقماقتىن شەرقىي تۈركىستانغا قېچىش پىلاندىن باشلاپ، 1938-يىلى يازدا ئاقسۇ تۈرمىسىگە قامالغۇچە بولغان تارىخلار يېزىلغان.

«تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ 2-قىسمىنى ئەلىخان تۆرە ئوغلى ئاسىلخان تۆرە يازغان بولۇپ، 1928-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى (2-جۇمھۇرىيەت) دەۋرىدىكى ۋەقەلىكلەر ۋە 1949-1950-يىلىرىدىكى خىتاينىڭ بىزنى مۇستەملىكە قىلىشىغىچە بولغان تارىخلار يېزىلغان.

مەن ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىققا «تۈركىستان قايغۇسى»نى، بولۇپمۇ 2-قىسمىنى، چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئاسىلخان تۆرە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قان-جېنى بەدىلىگە قولغا كەلگەن قىسقىغىنە مۇستەقىللىق ئەسنالىرىنىڭ شاھىتلىرى بولۇپ، شۇ دەۋردىكى توغرا-خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز ۋە كېيىن 2-جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

مەرھۇم ئەلىخان تۆرە ئۈنچىلىرىدىن تەرمىلەر

چىڭ قوماندانى زو زۇڭتاڭ 1884-يىلى كاشىغەرىيە دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى رەسمىي مۇستەملىكە قىلغان يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 2-جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ تۇغۇلىشىنى، ئاللاھنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلغان سانسىز ئىنايەتلىرىدىن بىرى دەپ قارىساق ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمىسا كېرەك… «تۈركىستان قايغۇسى»نى ئوقىغان ھەممەيلەن ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىسى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ھەمدە دەۋرىدىكى ئەڭ ئىلغار، يېتۈك ئالىملاردىن ئىكەنلىگە قايىل بولماي قالمايدۇ.

«ۋەتىنىمىزنى، دىنىمىزنى دۈشمەنلەردىن ساقلاش قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى بويىچە ھەممە مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ قۇرئاندا: <دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قورال تەييارلاڭلار!> دېدى.

رەسۇلۇللاھ زامانىدىكى مۇسۇلمانلارغا شۇ زامان قوراللىرىنى تەييارلاش پەرز بولغان ئىدى. بىزدە بولسا، ئۆز ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش ۋە ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن ھازىرقى زامانغا يارىشا قورال-ياراقلارنى تەييارلىشىمىز، زامانىۋى قورال-ياراقلارنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان بىلىمنى ئىگىلىشىمىز لازىم. ئەگەر بۇنى قىلمىساق، ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى ئەمرىنى چۈشەنمىگەن بولىمىز. ۋەتىنىمىزنى ساقلاش، ئۆز دۆلىتىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەۋەبلىرىنى قىلىشنى قۇرئاندا ئېيتىلغان ئاللاھنىڭ ئەمرى دەپ بىلىشىمىز كېرەك.

بەزى جاھىللارنىڭ ئېيتقىنىدەك، قۇرئاندا: <بۇ دۇنيا كاپىرلارنىڭكى، ئاخىرەت سىلەرنىڭكى> دېيىلگەن ئەمەس، <بەلكى ئىسلام ھەممىنى يېڭىدۇكى، ھېچ كىمگە يېڭىلمەيدۇ. ھەممىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ ئاستىغا چۈشمەيدۇ ھەر ئىككى دۇنيا ياخشىلىقىنى ئاللاھتىن سوراڭلار> دېيىلگەن ۋە بۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش چارىلىرى كۆرسىتىلىپ، پۈتۈن سەۋەبلەرنى تولۇقلاشقا بۇيرۇغان.

ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىدە ھېچ شەك يوقتۇر. نېمە بولغۇلۇق، كۆرگۈلۈكلەر بېشىمىزغا چۈشكەن بولسا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، كېلەچىكىمىزنى ئوڭشىشىمىزدىن باشقا چارە يوق.»[1]

يەنە ئىسلام دىنىدىكى «تەۋەككۈل» ئۇقۇمىنى ئەلىخان تۆرىدەك ياخشى چۈشەندۈرگەننى قەتئىي ئۇچراتمىدىم:

«بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا بولۇپ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش. ئەمدى شۇنى بىلىش لازىمكى، بۇ دۇنيا ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا پۈتۈنلەي سەۋەبكە باغلىغان ئىدى. ئۇ دۇنيا ئىشلىرى، قۇرئاننىڭ ئېيتىشىچە، سەۋەبسىز، خۇدا قۇدرىتى بىلەن پەيدا بولىدۇ. زەررىدىن قۇياشقىچە بارلىق نەرسىلەرنىڭ بولۇشى ۋە بولماسلىقى يەنىلا سەۋەبكە باغلىقتۇر. تەۋەككۈل قىلىش، يەنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش بولسا، ئىنسان تاقىتىدىن تاشقىرى، قولدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى دېھقان يەرنى تاللاپ، ھەيدەپ پۈتۈن شارائىتلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۇپراققا ئۇرۇقنى كۆمىدۇ، ئەمما تۇپراق ئىچىدە ئۇنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىش ئۇنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇشتىن باشقا چارە يوقتۇر. بىزنىڭ بۇ سۆزىمىزمۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك بولغانلىقتىن، دۇنيا ئىشلىرىنى مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە شۇنىڭغا تەتبىقلاپ قىلىشلىرى كېرەك. پەيغەمبىرىمىز <مۇسۇلمانلار دۇنيادا ياخشىلىق كۆرسە، ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئوقۇسۇن. ئەگەر يامانلىق كۆرسە، ئۆزىدىن كۆرسۇن. قىلغان ئىشى ئۆزىگە قايتىدۇ> دېگەن ئىدى. ئايەت، ھەدىس، خۇدا، پەيغەمبەر سۆزلىرىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم شۇكى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلامىيەت شارائىتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش شەرتى بىلەن دۇنيا ئىشلىرىدا ماددىي، مەنىۋى تەرەپتىن زامانىۋى ئەسۋابلارنى تولۇقلاپ قولغا كەلتۈرۈش پەرزدۇر. ئەگەر بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن يۈز شەرت لازىم بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن توقسان توققۇزنى بېجىرىپ بىرىنى قىلالمىسا، شەرىئەت ئالدىدا خىيانەت قىلغان بولۇپ، شۇ ئىشتا جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ھايات ئالىمىگە قۇرۇلغان ئاللاھ قانۇنىنى بۇزۇپ، ياخشى ئىش قىلمىغان بولىدۇ ھەر بىر نەرسىنىڭ سەلبىي ۋە ئىجابىي تەرەپلىرى تولۇقلىنىدىكەن، كىمنىڭ قولىدا بولسۇن، ئۇ نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئېنىقتۇر. بىز مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنىشىمىز لازىمدۇر.

چۈنكى بىر ئىشنى قوزغاش ئۈچۈن ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاللاھنىڭ ھايات ئالىمىگە چۈشۈرگەن قانۇنىدۇر. قۇرئان تىلىدا بۇ <ئادەتۇللاھ>، <سۇننەتۇللاھ> يەنى ئاللاھنىڭ ئادىتى، ئاللاھنىڭ يولى دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەرلەردىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادا ياشايدىغانلار بۇ قانۇنغا بويسۇنۇشقا مەجبۇردۇر. بۇنىڭغا مىسال ئۇھۇد ئۇرۇشىدا، ئۇ قانۇن ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان ئىدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە ئەھۋال ئۆزگىرىپ، ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا قاراپ يۈزلەندى. بۇنى چۈشەنمىگەن بىر نەچچىسى: <مۇھەممەدنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بىز مۇشۇنداق كۈنگە قالارمىدۇق، ئۆزىنىڭ چىشى سۇندى، بېشى يېرىلدى، يولداشلىرىدىن بىر قانچىسى دۈشمەنلەر قولىدا ئۆلتۈرۈلدى> دەپ خاتا پىكىردە بولدى. ھەقىقەتتە، بۇ ئىشقا ئۇلار ئۆزلىرى سەۋەبچى بولغان ئىدى. خۇدانىڭ قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەن ئۇرۇش قانۇنلىرىنى بۇزۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بېجىرمىگەچكە، زەپەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگەن ئىدى. بۇ قانۇن دۇنيا ئاخىرلاشقۇچە داۋام ئېتىدۇ.

ئەمدى بىز مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئىككى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى، ئۆزبېك، ئۇيغۇرلار ھايات ئالىمىگە قۇرۇلغان ئاللاھ قانۇنىنى ياخشى چۈشىنىپ، دىنىمىز، قۇرئانىمىزنىڭ بۇيرۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر دۈشمەنلەر قولىدا ئەرك-ئىختىيارىمىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، بېشىمىزنى كۆتۈرەلمەي، ھايۋاندەك ئىشلەپ، قۇللاردەك قىينىلىپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىۋاتىمىز. يەنە شۇنداق بولسىمۇ، كېلەچەككە ئۈمىد باغلىغان ھالدا، ئاساسلىرىمىز يارىتىلىپ، بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئويغىنىپ، يېڭى تۇيغۇدا بولىۋاتىدۇ. بەلكىم ئۆزگىرىشلەر بولار، نەتىجە بېرەر. بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنداق ئىشلار تەكرارلانغان ئىدى، سىياسەت ئالىمىدە بۇنداق ئىشلار دائىما بولۇپ تۇرىدۇ. تارىختىن بېرى بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ كەلدۇق.»[2]

قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا پو ئېتىپ كىرىشمەسلىك، قولىدىن كېلىدىغان ئىشتىن تۈگۈلىۋېلىپ قاچماسلىق كېرەك:

«بەندىدىن كەمچىلىك ئۆتمىگۈچە بەرگەن نېمىتىنى قايتۇرىۋېلىش ئاللاھنىڭ ئادىتى ئەمەس ئىدى. ھايات ئالىمىدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا زەپەر ياكى خەتەر بىر قانچە سەۋەبكە باغلىق بولىدۇ. ئەگەر زەپەر ئەسۋابلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇقلانماي تۇرۇپ، ئۇرۇشقا كىرىلىدىكەن، قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە مۇنداق ئادەم خاتا ئىش قىلغان بولۇپ، شەرىئەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، شارائىتى تولۇق تۇرۇپ، ئارقىسىغا چېكىنىدىكەن، ئۇ تارىخ يۈزىنى قارىلىغۇچىلار بولۇپ، ئىسلام ھەققىگە خىيانەت قىلغۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتى  ئۈچۈن ئاللاھ قانۇنى ھۆكۈمىدە بەلگىلەنگەن ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك سەۋەبلىرىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ: <تەقدىر شۇنداق ئىكەن> دەپ ئولتۇرۇش ئەڭ نادانلىق بولۇپ، ئاللاھ قانۇنىغا قىلىنغان قارشىلىق ھېسابلىنىدۇ.

بېيت:

سەۋەبنى قىل مۇسەببەبنى ئۇنتۇما،

ھەقىقەت شۇل ئېرۇر تەسكەرى كەتمە.

ئاتا ساغۇنىي قىلمىشتۇر نەسىھەت،

چۈشەنگەنلەر بۇ سۆزدىن ئالغاي ئىبرەت،

دېمە: <ئۆزگەرمەس ئالەم ئىش پۈتۈپتۇر،

نە بولغاي ئەرتىكى كۈن كىم بىلىپتۇر>.

ھاياتىڭنى تۈزەتمەككە سەۋەب قىل،

ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى بىل.

بىرىنچى چارىسى ئىلىم ئوقۇماقتۇر،

جاھالەت جازاسى توقماق-تاياقتۇر.

جاھالەت بىزنى ئاجراتتى ۋەتەندىن،

يالغۇز ۋەتەن ئەمەس ھەم جانۇ تەندىن.

بولار ئىش بولدى ئەمدى كىملىكىڭنى

ئۇنتۇما ئەي ئوغۇل ئۆزبېكلىكىڭنى.

يۇتۇلماستىن بۇرۇن ساقلا تىلىڭنى،

قۇرتار قۇللۇققا چۈشكەن بېلىڭنى.

ئەگەر تىل ساقلاماس ئەرسەڭ يۇتارلار،

ئاياق ئاستىغا سالغاي قۇل ئېتەرلەر.

سېنى يۇتماققا تەييار ئەجدىھالار

قارادۇر ياكى ئاق تويماس بالالار

نە بولدى <ئۇيغۇرىستان> ئاچ كۆزۈڭنى،

كۆزۈڭ ئاچ <ئۆزبېكىستان> كۆر ئۆزۈڭنى.

نە ئەردىڭ، ئەمدى نە بولدۇڭ قاراپ باق،

قاچان بىر جايدا بولغاي جۈپ ۋە تاق.

پەرىشتىگە يېقىن بولغاي مۇسۇلمان،

ئەگەر دىن ئۆشلەسە بۇ ھۆكمى قۇرئان.

بىلىپ دىنىڭنى ساقلا ئەي مۇسۇلمان،

جۇدا بولغان كىشىگە مىڭ پۇشايمان.

ئاتا ساغۇنىي قىلدى بۇ نەسىھەت،

ئەجەپ ئەرمەس كىشىلەر ئالسا ئىبرەت.»[3]

2-جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە كوممۇنىزىم تەسىرى

سوۋېت ئىتتىپاقى 2-جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇنلا شەرقىي تۈركىستانغا كوممۇنىزىم تەسىرىنى يېيىشقا باشلىغان بولۇپ، 2-جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىشىدا، ئۆز دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ كوممۇنىست بولغان ياكى شۇ تەرەپكە مايىل بولغانلارنىڭ رولى زوردۇر. ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خائىن سەيپىدىن ئەزىزىمۇ 2-جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق دەۋرىدىمۇ كومۇنىست ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارا بىر رەسۋا ئىكەنتۇق. شۇنداق، سەيپىدىن ئەزىزى، ئاپاق خوجىدىنمۇ بەك چوڭ خائىن. چۈنكى ئاپاق خوجا خىيانىتىدىن كېيىن بۇ مىللەت تۆت يۈز يىلدىن ئارتۇق مەۋجۇت بولدى ۋە قانچىلىغان دۆلەتلەرنى قۇردى. ھالبۇكى سەيپىدىن ئۆز قىزىنى خىتايغا ئۆيلەپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئۇنىڭ خىيانىتى ئۆتۈپ بىر ئەسىر توشماستىن بۇ مىللەت يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى…

«بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ نامىدىن، قۇرئاننىڭ خېتىدىن باشقا ھېچ نېمىگە ئىگە بولالمىغان بىر مىللەت بالىلىرى، كۆڭۈل-كۆزلىرىدە ياخشى-يامان ھېچ نەرسە ئەكس ئېتىلمىگەنلىكتىن، ئەنە شۇ تەلىمنى قوبۇل قىلغان ئىدى. سوۋېت سىياسەتچىلىرى شىڭ دوبەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بۇ ئۆلكىنى <قىزىل ئۇيغۇرىستان> قىلىش ئۈچۈن، قەلەم كۆرمىگەن، خەت تونۇمىغان، قۇرامىغا يەتمىگەن مەسۇم ئۇيغۇر بالىلىرىنى كوممۇنىستىك روھتا تەربىيىلەپ چىققان ئىدى. مانا بىز بەختىمىزگە قارشى قولغا ئېلىنغان كۈنىمىزدىن باشلاپ ئاتىسىنى تونۇمايدىغان شۇ بالىلار ئالدىدا سوراق بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. ئەقلى-ھوشى بار ئادەملەر بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قانچىلىك ئېغىر ئىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى مېنىڭ شۇ سۆزۈمدىن بىلىۋالسا بولىدۇ.»[4]

«1934-يىلىدىن باشلاپ تاشكەنتكە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ، تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈشككە كىرىشتى. كوممۇنىستىك ئىدىيە بىلەن تەربىيەلەنگەن بۇ يېڭى ئوقۇتقۇچىلار، كونا ئوقۇتقۇچىلاردىن كېيىن كەلگەن بولسىمۇ، پىلان بويىچە ھەر ساھەدە تەشكىلىي بىر شەكىلدە مىللىي مائارىپنى كوممۇنىزىمغا قاراپ ئېلىپ مېڭىشقا باشلاپ، كونا ئوقۇتقۇچىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرىدە مىللىي مائارىپ بىرلا نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا ئىدى. بولۇپمۇ قەشقەردە مەھمۇد مۇھىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان مائارىپ پائالىيەتلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جانلانغانىدى. ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەر، يەنى مۇستەقىللىق دۈشمەنلىرى ھەر ساھەگە تارقالغان كوممۇنىستىك ئىدىيەگە ئاساسەن، سوتسىيالىزىمنىڭ سېسىپ كەتكەن <سىنىپىي كۈرەش> چۈشەنچىسىنى خەلققە سىڭدۈرۈشكە، مىللەتنىڭ مىللىي تۇيغۇسىنى چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىتىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بەزى مەنپەئەتپەرەس ئۇيغۇر <ۋەتەنپەرۋەرلەر>مۇ كەلگۈسىدىكى پايدا ياكى زىياننى ئويلاشماي باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىدى ۋە تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان مىللىي ئاڭنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ، دۈشمەننىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.»[5]

«خەلقنىڭ نەزىرىدە بۇ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار خىتايلار ئىدى؛ بۇرۇنقى ئەسكىلىكلەرنى بولسا روسىيەدىن كەلگەنلەر ياكى ئۇ يەردە ئوقۇپ كەلگەن بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ئىدى، بۇ كىشىلەر خەلقنىڭ نەزىرىدە ئەڭ پەسكەش، زالىم، قانخور جاللاتلار ئىدى. خىتايلار شۇ مەزگىلنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن يوقىتىپ، ئۆزلىرى قۇتقۇزغۇچى رولىنى ئويناۋاتاتتى. ھەممەيلەن ساۋ جۇجاڭدىن خۇشال، بۇرۇنقىلاردىن نەپرەتلىنەتتى، غەزەپلىنەتتى. بۇنىڭدىن پايدىلانغان خىتايلار، شەرقىي تۈركىستاندا يوقىتىپ قويغان ئېتىبارىنى سوۋېت ئىتتىپاقى سايىسىدە قايتىدىن تىكلەشكە كىرىشتى. ھەقىقەتەن 1940-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بالتىق دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلىشقا باشلىغاندىن ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشقا تېزدىن تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. بۇ سەۋەبتىن، بوش قالغان بۇ مەيداننى ئەسلى ئىگىلىرىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى يېتىشتۈرگەن خىتايلارغا بېرىشنى مۇۋاپىق كۆدى. چۈنكى، ئۇلارمۇ چار ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايتتى.»[6]

«بۇ ئاساسلارغا قارىتا ھەرىكەت قىلىۋاتقان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل سىياسىتىنى، سوۋېت سىياسەتچىلىرى ۋە كوممۇنىزمنى ياقىلايدىغان ئۇيغۇرلار چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىۋاتاتتى، ئۆزىنىڭ ئازغۇن يوللىرىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتاتتى. پۈتۈن خەلقنى <خىتايلار كېلىۋاتىدۇ!> دەپ قورقۇتۇپ، كىشىلەرنى ئىنقىلابتىن سوغۇتۇپ، خىتايلارغا قىرغىن قىلدۇرۇش ئارقىلىق مىللەتنى خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئاندىن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەيۋە كۆرسىتىشتەك ئويۇنلار بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆر روھىي كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىدىن ئازدۇرۇشقا تىرىشاتتى. بۇ پىلان ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك زەپىرى بىلەن يەر بىلەن يەكسان بولغاندىن كېيىن، كوممۇنىزمچىلار رەسۋا بولدى، يولباشچىلىرى قېچىپ مەيداندىن يوقالدى. قېپقالغانلار بولسا باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدى. كوممۇنىزىمنى ياقىلايدىغانلاردىن سەيپىدىن ۋە ئابدۇلكېرىم قاتارلىق بىر قانچە كىشى سوۋېت ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا رەھىمجان ۋە زۇنۇن تىيىپلارمۇ ئالىكساندىر بىلەن بىرلىكتە قورغاس چېگرىسىغا قاچقانىدى.»[7]

«سوۋېتلەر، 1946-يىلىنىڭ قىش ئايلىرىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتتىكى نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان مەنسەپپەرەس، ۋىجدانسىز كىشىلەردىن پايدىلىنىشقا باشلىغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئەلچىخانىسى دەرۋازىسىغا يۈزىنى سۈرتۈپ: <قانداق خىزمەت بولسا، ئادا قىلىشقا تەييارمەن> دەپ يالاقچىلىق قىلغان غۇلجا شەھىرى ۋالىسى، <مەن تارانچى> دەپ ئەتراپىغا ياش-قېرى بىر مۇنچە كىشىنى يىغىپ ئۇلارنى سوۋېت گراژدانلىقىغا ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىۋاتاتتى. ھېكىمبەگ خوجىمۇ بۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلغانىدى.»[8]

«ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان سوۋېت ئەلچىخانىسى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن پىتنە-پاسات تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇشقا باشلىدى. شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدىكى تارانچىلارغا: <بىر ئەنجانلىق نېمىدەپ سىلەرگە باش بولىدۇ؟> دەپ كۈشكۈرتسە، قازاقلارنى: <بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمدارى سىلەردىن بىرسى بولۇشى كېرەك> دەپ ئارىغا پىتنە تارقىتىپ ئازاتلىق كۈرىشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا ئۇرىنىۋاتقانىدى. مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەنسەپپەرەس، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئويلىمايدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ جىقى سوۋېت گراژدانى بولغانىدى. گراژدانلىققا ئۆتمىگەنلەردىن پەقەت رەھىمجان، قاسىمجان، نۇرىددىنبەك، مۇھىيددىن قانات ۋە بۇلار بىلەن بىرگە مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋتقان بىر مەن ئاسىلخان قالغانىدۇق. ئەھمەد ئەپەندى بۇ ھەقتە ھېچ ئېغىز ئاچمايتتى، ۋەزىيەتتىن مەمنۇن كۆرىنەتتى. قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت گراژدانى بولۇپ، كوممۇنىست ئۇيغۇرىستان قۇرۇشنىڭ شېرىن خىياللىرىغا غەرق بولغان، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قاراشقا باشلىغانىدى. ئەھمەد ئەپەندى ۋە ئابدۇلكېرىم بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىۋالغانىدى. دادام بولىۋاتقان پۈتۈن ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى ۋە بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا بىر چارە ئىزدەۋاتاتتى. لېكىن ئۇ كۈنلەردە كوممۇنىزمغا ئىشەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بەلباغلىغان بىردىنبىر يېرى سوۋېت ئالدامچىلىرى ئىدى. چۈنكى، بۇلار ئۇ تەرەپكە تەلپۈنگەنچە بۇلارغا زەھەرلىك يەم تاشلانماقتا ئىدى. شۇڭا بۇ كوممۇنىزم تەرەپدارلىرى: <شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى، ئاساسلىرىنى پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمدىن ئالىدۇ> دېيىشىپ سوۋېتنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. شۇ مەزگىلنىڭ مائارىپ نازىرى سەيپىدىنغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ، ئۆزىنى زىيالىي دەۋالغان قورساق تەماخورلىرى بىلەن بىللە كوممۇنىزم پەلسەپىسىنى ماختاپ ستالىننىڭ سادىق ئۈممەتلىرى قاتارىغا قېتىلغانىدى.»[9]

«ئەھمەد ئەپەندى ۋە ئابدۇلكېرىم ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش ھۆكۈمەتتە ئىككىنچى دەرىجىدىكى ھوقۇق بىلەن كۇپايىلىنىشقا مەجبۇر بولدى. بۇرھان ئەپەندى بىرىنچى، ئەھمەد ئەپەندى ئىككىنجى مۇئاۋىن رەئىس بولدى. بىرىنچى كاتىپلىققا بىر خىتاي تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئابدۇلكېرىم ئىككىنچى كاتىپ بولغانىدى. بۇلار بۇنىڭ بۇنداق بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتى. نېمىشقىدۇركى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى مۇشۇ يول بىلەن يوقىتىش ئىشىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرغانىدى. 1946-يىلى 28-ئىيۇندا ئەھمەد ئەپەندى ئۈرۈمچىدىن كېلىپ، <شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى> ئېلان قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. بىرىنچى قەدەم تۈگىدى، ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتىمەن دەپ ئويلاۋاتاتتى. لېكىن، ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى. سوۋېتلارغا ئىشەنگەن ئەھمەد ئەپەندى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ ئۇلارغا يول قويدى ۋە مۇستەقىللىققە قىزىل ئۇيغۇرىستاننى قۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىش يولىنى تۇتتى. ئەمما، سوۋېت ئەلچىخانىسىنىڭ كۆسەتكەن بۇ يولى، تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مەقسەتلىرىگە زىت ھالدا مەيدانغا چىقتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر بىلەن بىرلىشىشنى توسۇپ، ئىتتىپاقلىقنى بۇزدى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكىگە ئۇچرىدى. كومۇنىزم تەرەپدارلىرى، غايىلىرىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، قارا كۈچلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى ئىشلىتىشكە باشلىدى. سۆزنىڭ كېلىشى، ئۈرۈمچىدىكى مەسئۇت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن ھەزرەت ۋە ئىيسابېك پانتۈركىست، پانئىسلامىست، يەنى كوممۇنىستلارنىڭ <خەلق دۈشمىنى> دېگەن كىشىلىرى بولۇپ قالغانىدى.»[10]

2-جۇمھۇرىيەتتىن ئىبرەت: مۇستەقىلچى بولۇشلا يېتەرلىك ئەمەس

«تۈركىستان قايغۇسى»نى ئوقۇش ئارقىلىق يەنە، ئەھمەتجان قاسىمىغا بولغان گۇمانىم ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوفقا بولغان قارىشىم ئۆزگەردى. مەن بۇ ئىككىسىنى كوممۇنىست تەرەپدارى ۋە مۇستەقىللىقنى ئانچە قوللاپ كەتمەيدۇ دەپ قارايتىم. بولۇپمۇ سەيپىدىن ئەزىزى يازغان «تەڭرىتاغ بۈركۈتى» دېگەندەك ئەسەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ باققانلارنىڭ ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ يۈزىگە قۇسقۇسى كېلىدۇ. مەنمۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاقسۇدىن چېكىنىشىدە ئابدۇكېرىمنىڭ خىيانەت قولى بار دەپ قارايتىم. لېكىن، ئاسىلخان تۆرەنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن مەلۇمكى،  ئەھمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف باشتىن ئاخىرى مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. شۇغۇنىسى، (9-10-نەقىللەردىن مەلۇمكى) ئىسلام يولىدا ماڭغان 2-جۇمھۇرىيەتنىڭ «قىزىل ئۇيغۇرىستان» تەرەپكە ئېغىپ كېتىشىگە كومۇنىزىم ۋە مىللەتچىلىك تۈپەيلى قاراپ تۇرغان. مۇستەقىللىق ئۈمىدىنى يەنە سوۋېت ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن كۈتۈپ تۇرغىنىدا، ئەتىمالىم مۇستەقىلچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايروپىلان «قازا»سىغا ئۇچراپ ئۆلگەن.

بۇ ئېغىش (شۇنداقلا ئېزىش)، يەنە نېمىشقا ئاقسۇدا غەلبە قىلغان مىللىي ئارمىيەگە قورال-ياراق ئەۋەتىلمىگەنلىكى ۋە شىمالدا غالىب ھالدا ماناستا توختىغانلىقنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، نېمىلا دېمىگەن بىلەن سوۋېتنىڭ 2-جۇمھۇرىيەتتىكى ئادىمىنىڭ سانى چاغلىق ئىدى. ئەگەر كۆپىنچە ئوفىسېر-قوماندانلار كۆزىنى يۇمىۋېلىپ، «ۋوي بىلمەي قاپتۇق» دەپ، ئاقسۇغا قوشۇن ۋە ئوق-دورا ئەۋەتسە، ماناستا توختىمىسا بولىۋېرىدىغان ئىش. ئەپسۇسكى كومۇنىزىم ۋە مىللەتچىلىك، ئۇلارنى باشتا ئىسلام يولىدا ماڭغان ئەلىخان تۆرىنى يولغا سېلىشقا ۋە سوۋېتتىن ئۈمىد كۈتۈشكە يۆنەلدۈرگەن. بۇ جۇمھۇر رەئىسى تۇيۇقسىز غايىب بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرگەن دۆلەت ئەربابلىرى ۋە خەلقنىڭ ئەھۋالىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ ئوتتۇرىدىن تۇيۇقسىز غايىب بولىشىدىن ئەنسىرەپ،  مەسجىدلەرگە مەكتۇبلار ئەۋەتىلىپ، مىللەتنى سەگەك بولۇشقا چاقىرغان ھۆججەتلەر تارقىتىلغان بولسىمۇ، تەشكىللىك ھالدا بىر ھەرىكەت بولمىدى.»[11]

ھېلىمۇ، بىزگە 2-جۇمھۇرىيەتكە قاتناشقان ئاسىلخان تۆرە غەلبە فورمۇلاسىنى يىغىنچاقلاپ بەرگەن:

«بۇ سەۋەبتىن بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلامنىڭ مەنىۋىيىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئىنقىلاب قىلىشتىن باشقا يول يوق. بۇنى ئۆز كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرگەنىدۇق. بۇ ئىشقا باش بولغان كىشىنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن، ئۆز دەۋرىنى ياخشى چۈشەنگەن، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلغۇچى، ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى ئاتىغان، قۇرئان ئەمرى بىلەن ھەرىكەت قىلغان، خەلقنى بىر تەن، بىر جان ھالدا جەم قىلالايدىغان بىرسى بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق مۇستەقىللىق كۈرىشى بىلەن ۋەتەن ئەلۋەتتە ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مۇستەقىللىق مەنبەلىرى ئادىللىق بىلەن پائالىيەتكە ئىگە قىلىنغاندا، ۋەتەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىد پەيدا قىلغان تار مىللەتچى، يۇرتۋاز كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىدىن يوقىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ شەكىلدە بىرلىشەلەيدىغانلىقى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.»[12]

«دېمەك، قايسى مىللەتتە ئورتاق غايە بولمىسا، ئۇ مىللەت ئۈچۈن ھۆرلۈكمۇ يوق ئىكەن.»[13]

دېمەككى، مۇستەقىلچى بولۇشلا يېتەرلىك ئەمەس. باشتىن-ئاياق ئىسلام يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. دىنغا چالا كىرىپ، شەخسىي ئىبادەت تەرىپىنى ئېتىراپ قىلىپ، سىياسەت ۋە دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىنى ئىنكار قىلغاننىڭ ۋابالى – مانا يەتمىش يىلنىڭزى تۈگىمەيۋاتىدۇ…

2-جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى — ئىسلام

«تۈركىستان قايغۇسى»نى ئوقۇسىڭىز 2-جۇمھۇرىيەتنىڭ، ئەلىخان تۆرە ۋە باشقا ئىلغار شەخسلەر تۈرتكىسىدە، ئىسلامىي قەدەرىيەتلەر ئۈستىدە قۇرۇلغان ۋە شۇ يولدا ماڭغان ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرۇپتۇ. نۆۋەتتە پەقەت ماڭا تەسىر قىلغان بىر قانچە نەقىلنى كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن.

«ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىمىز. يولباشچىمىز مۇھەممەتتۇر> دەپ قەسەم ئىچىپ، يۇرتى ئالتايغا سوۋغا-سالاملار بىلەن قايتىدۇ. بۇ قازاق تۈركلىرىنىڭ مىللىي شوئارى، تۈركىستان خانلىرىدىن بولغان ئالانچا خاندىن قالغان <ئالاش!> ئىدى. بۇ يەرگە مۇشۇنداق شوئار بىلەن كەلدى، ئەمما 1945-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بايرىقى ئاستىدا بىرلەشكەندىن كېيىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق شوئارى <مۇھەممەد!> بولدى.»[14]

«ئەتىسى پۈتۈن يېزا ئاھالىسىنى يىغىپ ئۇلارغا: <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى غۇلجا ۋىلايىتىدە قۇرۇلدى ۋە ئازاتلىقىمىز جەنۇبىي تۈركىستانغىچە كېڭەيدى، ئاقسۇ شەھىرىگە ئۇلاشتى. ئازاتلىق ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار يىگىتلىرىمىز بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرمۇ تاجاۋۇزچى ۋە زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئازات بولدۇڭلار> دەپ خىتاپ قىلىندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تونۇشتۇرۇلدى، مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈردۇق. بۇنى ئاڭلاپ كىشىلەر: <ئاللاھۇ ئەكبەر!> دېيىشىپ، <ئازاتلىق ئۈچۈن جېنىمىز، مېلىمىز تەييار!> دېيىشتى ۋە ئاتلىرى بىلەن كېلىپ خالىسانە ھالدا ئۆزىنى تىزىملاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە <ئىمامىمىزنى ۋە يۈز بېشىمىزنى ئالماشتۇرىمىز> دېگەندەك تەلەپلەردە چىڭ تۇرۇپ، بىزنىڭ ئەسلى ئىشىمىزنى قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولۇشقا باشلىدى. ئۇ كۈنى، ئىشان قارى جۈمە نامىزىدا بەرگەن ۋەزىدە، ئىماملارنىڭ ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ شەرئىي ھالدا يۇقىرىدىن تەيىن قىلىنمايدىغانلىقىنى، جامائەتنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن قايىلىق يۇنۇس داموللا ئىمام خاتىپ بولۇپ سايلاندى ۋە ئەتىسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. يېنىمىزدا پىداكارلىق ئۈلگىسى بولۇپ، قانداق خىزمەت بولسا ئورۇنداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئازاتلىق روھى تولغان ھالدا يېنىمىزدىن ئايرىلدى.»[15]

باشقا ئىبرەتلىك تەرمىلەر

قۇللۇق ۋە ئىمان ھەققىدە ئىبرەتلىك بىر قىسسە:

«دادام ئۇ كۈنى باش قوماندان ئالىكساندىرنىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، شىتاپ كادىرى سەۋىيىسىگە چۈشۈردى. بۇ كىشىنىڭ ئوغلى ۋولوديا باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئىدى. دادا-ئوغۇل ئىككىسى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئەمەس، دەۋرنىڭ تەقەززاسى بىلەن تەيىنلەنگەنىدى. ئالېكساندىر بىز تەرەپتە تۇرىدىغان روسلارنىڭ قوماندانى ئىدى. ئوغلى كونا خىتاي ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، خىتايچە سۆزلىيەلەيدىغان بىر روس بولۇپ، ئۇيغۇر تۈركچىسىنىمۇ بىلەتتى. تىلغا ئالغان مۇھىم ئورۇننىڭ ھوقۇقىنىمۇ بۇ ئارتۇقچىلىقى سايىسىدە قولغا كەلتۈرگەنىدى. كۆرۈنۈشتە بىز تەرەپتە تۇرغاندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مىللەتچى ئادەم ئىدى. مانا بۇ ۋولوديانىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇكېرىم ئابباس ئىدى. بۇ روسنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئابدۇكېرىمنى قويۇش كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ ئورۇن ھەر جەھەتتىن مۇھىم ئورۇن ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن دادام ئۇنىڭ بۇ ئورۇندا تۇرۇشىغا قەتئىي قارشى ئىدى. چۈنكى غۇلجىدىكى پۈتۈن پاجىئەلەرنىڭ بۇ ئورگان تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم ئىدى. شۇڭا بۇ يەر خەلقنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قورقۇنچلۇق ئورگان ئىدى. ۋە بېشىدا ئۇ تۇرغان مۇددەتچە كىشىلەر بۇ ئورگانغا ئىشەنمەيتتى. بۇ سەۋەبتىن دادام 1944-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى نامىدىن بىر قارار چىقىرىپ، ۋولوديانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇكېرىم ئابباسنى تەيىنلىدى. ھۆرلۈك روھى مۇشۇنداق قىلىپ، سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كېتىشكە يۈز تۇتقان ئېتىزغا بېرىلگەندىنمۇ تېز راۋاجلاندى. دادام <بىزنى زۇلۇمدىن ھەقىقىي تۈردە قۇتقازغۇچى سىز> دېگەن مىللەتنىڭ نەزىرىدە چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. بۇ زۇلۇم ئىنقىلابتىن كېيىن يوقىلىپ ئىسمى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كونا پىلانلىرى ھازىرمۇ پۈتۈنلەي يوقالمىغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئابدۇلكېرىممۇ دادامدىن: <يەنە ۋولوديا بىلەن بىللە خىزمەت قىلسام بولامدۇ؟> دەپ ئۆتۈندى. دادام ئۇنىڭغا: <تېخىچە قۇللۇقنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماپسەن> دەپ خاپا بولدى ۋە قايغۇرغان ھالدا: <سىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ياكى روسنىڭ پەرقى يوق. چۈنكى سىزدە مىللىي ھېسسىيات يوقالغانىكەن. باشقىلارنىڭ سايىسىدا جان بېقىپ، ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ئۆزىڭىزگە كەسىپ قىلىۋاپسىز> دەپ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. ئابدۇلكېرىم ئەتىسى سالىجانباي ۋە مۇھەممەتجان بىلەن بىللە كېلىپ ئەپۇ سورىدى. ئۇ ۋاقىتتا دادام: <ساڭا ئوخشاش ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەقىقىي رەۋىشتە ئىسلامغا ئىشەنمىگەنلىكى، ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىدىندۇر. چۈنكى سىزدىكى تەقلىدىي ئىمان. شۇڭا ھەر مۇسۇلماندا ھەقىقىي ئىمان بولمىغىچە، تەقلىدىي ئىمان بىلەن ھېچبىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمدى ھەقىقىي ئىمان بىلەن ئىش قىلىڭ> دەپ ئابدۇلكېرىمنى ۋەزىپىسىگە قايتىدىن تەيىنلىدى.»[16]

1945-يىل بېشىدىكى ئىشلار، ھەقىقىي ئىماننىڭ تەسىرى:

«شەھەر ئامانلىقىنى بۇزىدىغان قوراللىق ئوغرى-قاراقچىلار كۆپەيگەن، بۇ ھەقتە ئەرزلەر، نارازىلىقلار كېلىشكە باشلىغانىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇلار تۇتۇلۇپ سوتقا چىقىرىلىپ، جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلدى. بۇ جىنايەتچىلەر باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا قوللىرى باغلانغان ھالدا ھارۋىغا چىقىرىلىپ، ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىنى ئەسكەرلەر بىلەن قورشىغان ھالدا ھەيۋە كۆرسىتىپ چوڭ كوچىلاردا سازايى قىلىندى. غۇلجا يېڭى شەھەردىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ھارۋىدىكى جىنايەتچىلەردىن بىرسى بولغان قۇتلۇق پوقاق ھارۋىنى توختىتىشنى ئۆتۈندى ۋە :<ماڭا دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى خەلپەم ھەزرەتلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار. ئىمان ئېيتقۇزۇپ، ماڭا دۇئا قىلسۇن> دېدى. بۇنىڭ تەلىپى بىلەن خەلپەم ھەزرەتلىرى چىقىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى ئادا قىلدى. بۇ ۋاقىتتا خەلق ئىچىدىن ئۇنىڭ تونۇشلىرى چىققاندا: <ھەي پالانچى مەندىن رازى بول، ئىمانىمغا شاھىت بول> دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ ئىسمىنى چاقىرغان كىشىلەر قورقۇپ، ئاۋازلىرىنىمۇ چىقارماي ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى. مۇشۇنداق قىلىپ چوڭ يول بىلەن مېڭىپ بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ توختىدۇق. پۈتۈن ئاممىغا خىتابەن سۆز قىلىندى. بۇ نۇتۇقتا جىنايەتكە سەۋەب بولغان خاتا يولنىڭ ئاخىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكى، كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغان ئۆلۈم ئىكەنلىكى دىنىي ئۇسلۇپتا چۈشەندۈرۈلدى. بۇ نۇتۇق خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قىسمىغا قاتتىق تەسىر قىلدى. كېيىن يولنى داۋام قىلىپ خىتاي بازىرىغا باردۇق ۋە ئۇ يەردىمۇ توختاپ يىغىلغان خالايىققا خىتاب قىلىپ ئوخشاش ۋەز-نەسىھەت قىلىندى.

قۇتلۇق تونۇشلىرىنى كۆرگەندە: <ھەي پالانچى> دەپ رازىلىق ئېلىۋاتاتتى. خالايىق ئالدىدا ھارۋىدا بىردەم بولسىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، خۇددى پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇراتتى. لېكىن <تۇڭگان> لەقەملىك دوستى ئوسماننىڭ ھالى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. ھەر بىر مىنۇت ئۆتكەنسېرى ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىۋاتاتتى، بارغانسېرى ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ باراتتى. بۇ ئىككى مەنزىرە كىشىنى ھەيرانلىققا چۈشۈرەتتى. بىرسى ئۆزىنى پادىشاھتەك ھېس قىلىپ، ئىمانىغا ئىشىنەتتى. يەنە بىرىدە بۇنىڭدىن بىر ئەسەر يوق ئىدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئاخىرى قارادۆڭ بىلەن تۆپەدۆڭ مەھەللىلىرىگە بارىدىغان يول ئېغىزىغا باردۇق ۋە ئالدى بار بولغان بىر كىچىك مەيدانغا كېلىپ توختىدۇق. جىنايەتچىلەر ھارۋىدىن چۈشۈرۈلۈپ ئېتىشقا تەييارلاندى. بۇ ۋاقىتتا قۇتلۇق توپلاشقان خالايىققا قاراپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: <ھەي خالايىق! مەن قۇتلۇق بۇ يېشىمغىچە يامان يولدا ماڭدىم، قىلغان يامانلىقلىرىم سەۋەبىدىن مانا ئەمدى بېشىمدىن ئايرىلىدىغان بولدۇم. شۇڭا ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ماڭا ئوخشاش يامان يولدا ماڭغانلار بولسا، ئۇ يامان يولدىن قايتىڭلار. مەندىن رازى بولۇڭلار ۋە ئىمانىمغا شاھىت بولۇڭلار!> دەپ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئېيتتى. ئارقىسىغا قارىدى ۋە: <مېنى كىم ئاتىدۇ؟> دەپ سورىدى. نائىبجان ئۆزىنىڭ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن ئۇنىڭغا: <ئەگەر سەن ئىجرا قىلىدىغان بولساڭ، بېشىمغا ئەمەس يۈرىكىمگە ئات!> دېدى. تىك تۇردى ۋە: <لا ئىلاھە ئىللەللاھ> سادالىرى ئىچىدە ئېتىلدى. خۇددى <ۋەتىنىمدە جان بەردىم> دېگەندەك قوللىرىنى ئىككى يانغا ئاچقان مەغرۇر بىر داھىدەك ياتاتتى. ھەمراھى تۇڭگان ئوسمان ئۆرە تۇرغۇدەك، بىر ئېغىز گەپ قىلغۇدەك ھالى يوق ھالدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان يېرىدە ئېتىپ تاشلاندى، قورسىقى ئېسىلىپ قالغان قويدەك قورساقچىلاپ يېتىپ قالدى. كىم بىلىدۇ، قۇتلۇقنىڭ خالايىققا قىلغان سۆزلىرى بەلكىم ئىمانىغا شاھىتلىق قىلار. بۇ يىگىتنىڭ بۇ ھالى خەلققە قاتتىق تەسىر قىلغانىدى، قىلغان ئوغرىلىق ۋە باشقا ئەسكىلىكلىرىنى خالايىققا ئۇنۇتتۇرغانىدى.»[17]

ئىش بېشىدا ياخشىلار بولىشى كېرەك:

«1945-يىلى 4-ئايدا غېنى باتۇر دادامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئارشاڭدىكى بوكامبال قورغىنىدىكى دۈشمەنلەرنى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئۆزى ئالسا ئىشەنچلىك ئادەملىرىدىن بىر ئەترەت تەشكىللەپ، ئۇلار بىلەن بىللە دۈشمەننى يوقىتالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، داداممۇ رازى بولدى. ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى ساپ لۈكچەك مىجەر ۋە قىمارۋازلاردىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ غېنى باتۇر بۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، بۇلاردىن بىر-ئىككىسى يارىلىنىشى بىلەن غېنى باتۇر بۇلارنى: <ھەي توختاڭلار> دەپ توختىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، قېچىشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن دۈشمەننىڭ جەڭگىۋارلىقى كۆتۈرۈلۈپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا غېنى باتۇرمۇ يارىلىنىدۇ. سەپداشلىرى ئۇنى تاشلاپ قاچقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ئېتىغا چىڭ يېپىشىپ ئېتىنىڭ سايىسىدە قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇرۇشۇشقا كۈچى يەتمىگەن بۇ كىشىلەر كېيىن ئۆز خەلقىنى تالان قىلىشقا باشلىشى بىلەن، ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن جازالاندۇرۇپ تۈرمىگە تاشلىدى. دېمەك، ۋەتەننىڭ ھۈررىيىتى ئۈچۈن ئىش بېشىدا ئەسكى كىشىلەر ئەمەس، ياخشى كىشىلەر بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.»[18]

مەزكۇر خاتىرىنى مەرھۇم ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇ شېئىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنى ماقۇل كۆردۈم.

«ياخشىلىق كۈنلىرى خۇدانى ھېچ ئۇنتۇما ساغۇنىي،

باشىڭغا چۈشسە قارا كۈن تاشلاماس ئول ھەم سېنى.

ياشلىقىڭ ئۆتتى غۇرۇلۇق بىرلە تائەت قىلمىدىڭ،

كېكسەلىكدە كەتتى كۈچ، سالغان ئىماراتىڭ قېنى.

ياش يېتىپدۇر قان يۇتۇپ غەم قايغۇدىن ئايرىلمادىڭ،

بارچەسى ھەق يولىدا بىلگىن خۇدانىڭ بەرگىنى.

ئاق ساقالى ھەققىدە بۇ ساغۇنىي بىچارەگە،

كۆرسەت ئۆلمەستىن بۇرۇنراق ئول مۇھەممەد قەبرىنى.

كىم ئوقۇسا ھەر قاچان ساغۇن ئاتانىڭ شېئرىنى،

بىر ئېغىز قۇرئان ئوقۇپ، شاد ئەيلىسۇن ئەرۋاھىنى.»[19]

[1]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 121-122-بەتلەر.

[2]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 129-131-بەتلەر.

[3]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 271-272-بەتلەر.

[4]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 294-بەت.

[5]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 345-346-بەتلەر.

[6]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 411-412-بەتلەر.

[7]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 480-481-بەتلەر.

[8]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 535-بەت.

[9]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 538-539-بەتلەر.

[10]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 550-551-بەتلەر.

[11]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 547-بەت.

[12]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 553-554-بەتلەر.

[13]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 568-بەت.

[14]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 510-بەت.

[15]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 517-518-بەتلەر.

[16]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 482-483-بەتلەر.

[17] . ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 497-499-بەتلەر.

[18]. ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 504-505-بەتلەر.

[19] . ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرە، «تۈركىستان قايغۇسى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2016-يىلى نەشرى، 289-290-بەتلەر.

ئىنكاس يازىمەن