ژان ژاك روسسو

ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت تەسىرات: “ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە” ، روسسونىڭ “ئىجتىمائىي كېلىشىم”، “ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى” دىن كېيىن مېنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر كىتاب ئىدى. يېزىلىش تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى سەل قالايمىقان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوخشاش ئىدىيەنى تەكىتلىگەن روسسونىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. روسسونىڭ ئەسەرلىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا “ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ- دە” دەپ ئويلايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مېنى قاتتىق جەلپ قىلىدۇ. سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ پەرقلىق پىكىرلەرنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو داۋامى...
"ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!"

“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!”

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت يېقىندا ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگەن ئىدۇق. دەسلەپكى ھەپتىسى ئانىسى يەسلىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ، يەسلىدە بىللە ئويناپ، قەدەممۇ – قەدەم بالىنى يالغۇز قېلىشقا كۆندۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئوغلۇمنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ مەن يەسلىگە ئېلىپ بارىدىغان بولدۇق. ئەسلىدە ئوغلۇم بىلەن مۇڭداشقاچ يەسلىگە پىيادە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا ماشىنا بىلەن ماڭدۇق. ماشىنىدا ئوغلۇم بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشتىم. لېكىن ئۇ سەل ئەندىشىلىك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ دېرىزىدىن سىرتقا قاراشلىرىدىن، ئېغىر ئولتۇرۇشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى كۆرگەندەك بولدۇم.

“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” داۋامى...

نېمە ئۈچۈن يازمامنى 5000 ئادەم كۆرۈپ تۇرۇپ پەقەت 20 ئادەملا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بىر توپلۇمدىكى ئىجتىمائىي تارتقۇلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ پەقەت % 1 ى مەزمۇن يارىتىدۇ؛ ،% 10 بۇ مەزمۇنلارغا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؛ % 89 كىشى ئوقۇش، كۆرۈش، ئاڭلاش، كۈلۈش، ئىشلىتىش، پايدىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئەمما مەزمۇنغا ھېچقانداق شەكىلدە ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. كۈنىمىزدە بۇ نىسبەت بىر ئاز ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا % 1-3 ئەتراپىدا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن يازمامنى 5000 ئادەم كۆرۈپ تۇرۇپ پەقەت 20 ئادەملا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ داۋامى...
بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە - تېرىڭىزدۇر.

بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە – تېرىڭىزدۇر.

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت شۇڭا “بۇرۇنقى ھالىتى گۈزەل بولغان بىردىن- بىر نەرسە – تېرىڭىزدۇر” گە ئوخشاش باشقا پارامېتىرلارنى (مەسىلەن ئىقتىسادىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھى ھالەتلەرنى) ھازىرقى ھالەتتە مۇقىملاشتۇرۇپ، پەقەتلا ئۆزىمىز خالايدىغان ئۆزگىرىشچان قىممەتلەرنى (تېرىمىزنى) سېلىشتۇرغان ۋاقىتتا، ئاندىن بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ.
قىسقىسى، بۈگۈن ھەممە ئادەم ئۈچۈن بۇرۇنقى تېرىسىدەكلا گۈزەلدۇر.

بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە – تېرىڭىزدۇر. داۋامى...