"ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس"

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت “ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس” دېگەن بۇ تەمسىل ئەپلاتوننىڭ “غايىۋى دۆلەت” ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلار ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكامۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.

ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس داۋامى...
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن مىڭ يىل بۇرۇن يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تونۇشتۇرۇلماس. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (نۆۋەتتە دىۋان دېيىلىدۇ) 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە قايتا بايقىلىپ، نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللاردا، كۆپلىگەن نەشىر نۇسخلىرى ۋۇجۇتقا چىقتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نەشرى 1980-يىلدىن 1984-يىلغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىدا ئۈچ توملۇق قىلىنىپ نەشىردىن چىقتى[1]. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن نەشىرلىرى روياپقا چىقتى.

    دىۋان – كۆپلىگەن تىلشۇناسلار تەرىپىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقاتچىلار، ھەۋەسكارلار ۋە خەلق ئاممىسى، دىۋاننىڭ ئۆزگىچە تۈزۈلۈشى تۈپەيلى، ئۇنىڭدىن سۆز ئىزدەشنى ئۇقمايدۇ. دىۋاندىن نەقىل ئېلىشقا كەلسەك، توردىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى تىلغا ئېلىشقۇ بىھاجەت، ھەتتا بەزى ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە كىتابلاردىمۇ دىۋاندىن نەقىل ئېلىنغان سۆزنى ئوقۇرمەن شۇ نەقىل مەنبەسى بويىچە ئۆزىنىڭ قولىدىكى دىۋاننىڭ نەشىر نۇسخسىدىن تاپالىشى مۈشكۈل.

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش – ئەلدەر داۋامى...
بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” خارپېر لىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، 1960-يىلى نەشر قىلغان. كىتاب نەشرىدىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنلا پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1962-يىلى روبېرت مۇلىگاننىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئوخشاش ئىسىم بىلەن فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” فىلىمى گرېگورىي پېكنىڭ باش پېرسوناژ ئاتتېكۇسنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەل جانلاندۇرۇپ بېرىشى بىلەن فىلىم تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ 1963 – يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا 1960-يىللاردىكى ئەڭ ياخشى فىلىم دەپ باھالانغان. فىلىمدە قامچىلانغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان. ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان رومان، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا دېيىشكە بولىدۇ.

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى داۋامى...
ئاق پاراخوت

ئاق پاراخوت – چىنگىز ئايتماتوۋ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت 1970- يېزىلغان «ئاق پاراخوت» رومانىدا بىر تاغلىق جىلغىدا ياشايدىغان بەش – ئالتە كىشى بىلەن بوۋىسىدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولمىغان، پەقەت خىيال دۇنياسىدىلا بەختلىك بولۇشقا تىرىشىدىغان بىر بالىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىدىيەسىدىكى توقۇنۇشلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئاپتور روماننى تىراگېدىيەلىك شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئاچچىق ۋە قىپ-يالىڭاچ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان دېيىشكە بولىدىكەن.

ئاق پاراخوت – چىنگىز ئايتماتوۋ داۋامى...