گېرمانىيە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا- 2023-01-11 يېڭىلاندى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت ئەسكەرتىش: بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى بالام ۋە ئۆزۈمگە ئىككى يىللىق شېنگېن ۋىزىسى ئالدىم. بۇنداق ئالالىشىمنىڭ سەۋەبى بۇرۇنقى ياۋرۇپا سەپەرلىرى ۋە ۋىزا ئىتلىماس قىلغان ۋاقىتتىكى ئەستايىدىللىقمىكىن دەپ ئويلايمەن. شېنگىن، ئامېرىكا ۋىزىلىرىنى تولاپ سىناپ يۈرۈپ خېلى تەجىربىلىك بولۇپ قالدىم. ئەگەر بۇ ھەقتە مەسلەھەت سورىماقچى بولسىڭىز، بىۋاستە خەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار 2019- …

گېرمانىيە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا- 2023-01-11 يېڭىلاندى داۋامى...

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل”نىڭ تەسۋىرلىرى ئاجايىپ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ھەم رەڭدارلىققا ئىگە. بىر قارىسا كىتابخان ھېكايىنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ھايات ھەقىقەتلىرىدىن ئەقلى لال بولۇپ، روھىي جەھەتتىن بىر مەزگىللىك ھاڭ – تاڭلىققا چۆكىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئۇزاق بىر دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇرۇلمىسى تەرتىپسىز ۋە يەنە مۇنتىزىم، كىشىنى جەلپ قىلىش كۈچى چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە. “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” دا بىر سەنئەتكارانە روھ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، غايىۋى ئوبرازلار تۈركۈمى ۋە كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي پەللە تۇرۇپتىكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانىيە جەمئىيىتىنى مۇكەممەل ماي بوياق رەسىم ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا يورۇتۇپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك داۋامى...

تۈركىيەدىكى ئۆي كىنىشكىلىرى توغرسىدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت تەييارلىغۇچى: قاسىمجان تۈركىيەدىكى ئۆيلەرنىڭ كىنىشكىلىرى ئاساسلىق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. « كېرېدىتكە ئۇيغۇن كىنىشكە»  ۋە «تۇپراق تاپولۇق كىنىشكە»؛ كېرېدىتكە  ئۇيغۇن كېنىشكىنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ ئادەتتە تۆت خىل بولىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۆي كىنىشكىلىرى توغرسىدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار داۋامى...

ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش جەرىيانىم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت  تەييارلىغۇچى: ھەسەن مۇھەممەد (يۈزبېتىدىن ئاپتور روخسىتى بىلەن ئېلىندى.) 4يىلدەك تۈركىيەدە تۇرغاندىن كىيىن تۈركىيەگە تويۇپ سەسكىنىش باسقۇچىغا كېلەي كېلەيلا دەپ قالدىم، كېتىشنىڭ ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ماتېىيال تەييارلاپ بېرىدىغان شىركەت ئىزدىدىم. ئۇيغۇرلارغا تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىياللىرى بىلەن ۋاستىچى ۋىزا ئالىدىغان شىركەتكە  (ۋىزا ئېلىش مەركىزىگە) باردۇق.

ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش جەرىيانىم داۋامى...