دادامغا خەت

دادامغا خەت – سەيياھ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت سالام قەدىرلىك دادا!

ساڭا يېزىشقا تەمشىلىپ بولۇپ يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ساناقسىز خەتلىرىمدىن بىرسىنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمەن. كۆرۈشمىگىنىمىزگە 6 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ 6 يىلدا 60 يىللىق ئۆمربمگە يەتكۈدەك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. ئەلۋەتتە، ئۇنتۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان قاباھەتلىك قىسمەت ۋە ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ ئۆز پەيلىنى ھېس قىلدۇردى. ھايات مورىغا ئوخشايدۇ، دەيتتىڭ، ئاندىن،-تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى تۈتۈن بىلىدۇ،-دەپ قوشۇپ قوياتتىڭ. شۇنداق، ھايات مورىغا، تۇرمۇش تۈتۈنگە ئوخشايدىكەن. تۇرمۇش قايناملىرىغا غەرق بولماي تۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تىتىماي تۇرۇپ، ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرىنى بېىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ تۈتۈننى ھېس قىلمايدىكەن، بۇ مورىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەن ئىنسان. سۆزۈمنى باشلا-باشلىمايلا دەرت ئوقۇپ كەتتىم-ھە! ئىچىمدىن نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋاتىمەن!

دادامغا خەت – سەيياھ داۋامى...
كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت كارل ۋىتېرنىڭ تۇلۇق ئىسمى Johann Heinrich Friedrich Karl Witte بولۇپ، 1800- يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيىنىڭ داڭلىق قانۇنشۇناسى. كارل 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىئالغان ھەم بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن.تا ھازىرغىچە «يېشى ئەڭ كىچىك دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى« دۇنيا جىنىس رېكورتىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. كارل توققۇز ياشتا گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە گرېتسىيە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولغان ئىكەن. كارلنىڭ دادىسى- چوڭ كارل (بىر خرىستىيان پوپ)  كىچىك كارلنىڭ 14 ياشقىچە بولغان تەربىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. ئەسلىي كىتاب 1000 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مائارىپ نەزەرىيىلىرى ئىگىلىگەن ۋە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئانچە زۆرۈر بولمىغان جايلارنى قىسقارتىپ يىغىنچاقلىغان.

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر داۋامى...

 ئىچىمىزدىكى بالا – دوئان جۈجەلئوغلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت بۈگۈن كىتاپ خاتىرىلىرى ئارىسىغا «ئىچىمىزدىكى بالا» ناملىق تۈركچە كىتابنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم. ئىشخانىغا نورمال كۈنلەردىكىدىن ئەتىگەن كېلىپ باشقىلار كەلگىچە كىتابنىڭ قالغان قىسمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.  دوئان جۈجەلئوغلىنى بىر ئاي بۇرۇن يۇتۇبتا بىر كىچىك سۆھبىتى  ۋەسىلىسى بىلەن تۇنۇغانتىم. ئىنسانپەرۋەر، سەمىمى، يۇمشاق گەپ قىلىدىغان بۇ پىسخولوگ ماڭا بىر خىل يېقىنلىق ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، …

 ئىچىمىزدىكى بالا – دوئان جۈجەلئوغلى داۋامى...