ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇتبىر قانچە كۈن بۇرۇن يۇۋال نوھ ھارارىنىڭ «تاجىسىمان ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا« ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە ئىككى چوڭ نوقتا ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، بىرى پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش بىلەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئەتى مەسلىسى. ئىككىنچىسى مىللەتچىلىكنىڭ يەكلىنىشى بىلەن يەرشارى مىقياسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ تەقەززاسى.

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟ داۋامى...

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇتيۇقارىدا مەن ئۆزۈم قىزىققان 17 تۈرلۈك ئالدىن پەرەز بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنى ۋە ئۆزى قىزىققان بېشارەتلەرنى يىغىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈستىدىكى ئالدىنقى شەرتلەر بويىچە، يۇقارقى 17 بېشارەتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە 12سى توغرا بولسا، 5% خەۋپ چېكى بىلەن، مەن بۇنى تەلەيگە تايىنىپ چىققان ھادىسە ئەمەس دەپ قوبۇل قىلىمەن.

يېتەرسىزلىكلەر
    بۇ تۈرلۈك ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بولسا، سىناق مودىلى قەستەن ئىككىلىك (Binomial) قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر بېشارەت قەستەن مۇستەقىل ۋە قوش ئاقىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە غەلبە ۋە مەغلۇبىيەت ئاقىۋەتلىرى تەڭ ھالدا 0.5 دەپ قارىدۇ. بۇ جەھەتتىن مودىللانغان ۋەقەلەر ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى ناتايىن. ھەمدە، نەزەرگە ئېلىنغان بېشارەتلەرنىڭ سانى تۆۋەن بولسا ئىستاتىستىكىلىق پەرق كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ھەمدە بېشارەتلەر بەك كېيىن، مەسىلەن يۈز/ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، كۆرۈلىدىغان بولسا؛ ياكى بەك مۈجىمەل ئىپادىلەنگەن بولسا بۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەسكە چۈشىدۇ.

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر داۋامى...
پاراسەت-≠-ئىدراك

پاراسەت ≠ ئىدراك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇتپاراسەت ≠ ئىدراك ئالدىنقى يازمىدا مەدەنىيەت بىلەن كۈلتۈرنىڭ پەرقىنى ئاددىي شەكىلدە رەتلەپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن پاراسەت بىلەن ئىدراكنىڭ پەرقىنى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق ئايرىشقا تىرىشقان يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. گەرچە چەك- چېگرانى بۇنچىلىك ئېنىق ئايرىشنى توغرا ۋە رېئالىستىك ئىش دەپ قارىمىساممۇ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم.     ئەقىل …

پاراسەت ≠ ئىدراك داۋامى...
«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە ئەلدەر

«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە- ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 17 مىنۇتئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى كۆك رەڭنى ئىلاھ دەپ قارىمىغان. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەردىن كېيىنكى قانائىتىم، تىلشۇناسلىق جەھەتتىن «كۆك» سۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەنىسى رەڭ ئۇقۇمى. «تەڭرى» سۆزى قەدىمدە ھەم ئىلاھنى ھەم ئاسماننى بىلدۈرگەن. مەڭگۈ تاشلاردىكى «كۆك تەڭرى» سۆزى ئومۇمەن «كۆك ئاسمان» مەنىسىدە، كېيىنچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، «تەڭرى» سۆزى ئاسماننى بىلدۈرمەيدىغان بولغان، ۋە شۇ دەۋردىن باشلاپ «كۆك تەڭرى» خۇسۇسەن تەڭرىچىلىك (شامان دىنىنىڭ تۈركلەردىكى تۈرى) دىكى ئەڭ مۇھىم ئىلاھنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. دىنشۇناسلىق جەھەتتىكى بايانلار ئوچۇق ئېنىق ئەمەس ۋە بىر بىرىگە زىت. لېكىن مەۋجۇت بايانلاردىن «كۆك تەڭرى»نىڭ كۆك رەڭلىك تەسۋىرلەنمىگەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ.

«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە- ئەلدەر داۋامى...